تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونىمىزدا بەدەن قۇرۇلمىسى تۇغما غەيرىي بالىلار قۇتقۇزۇلىدۇ ۋە ئۇلارغا ياردەم بېرىلىدۇ

ماتېرىيال سۈرەت

    شىنجاڭ تورى خەۋىرى: ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى يېقىندا تۈزگەن «بەدەن قۇرۇلمىسى تۇغما غەيرىيلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلارنى قۇتقۇزۇش ۋە ياردەم بېرىش تۈر خىزمىتىنى يولغا قويۇش لايىھەسى» دە شىنجاڭدىكى ئالتە تۈرلۈك 72 خىل بەدەن قۇرۇلمىسى تۇغما غەيرىيلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بالىلارنى قۇتقۇزۇش ۋە ياردەم بېرىش ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.
    شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرستېتى قارمىقىدىكى 1-دوختۇرخانا نېرۋا تاشقى بۆلۈمى مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، نېرۋا تاشقى بۆلۈمى 3-كېسەل رايونىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ يۇڭشىن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى :«كۆپ ئۇچرايدىغان بەدەن قۇرۇلمىسى تۇغما غەيرىيلىك كېسىلىنى ئوپىراتسىيە ئارقىلىق داۋالىغىلى بولىدۇ، بۇ خىل كېسەلگە گىرىپتار بولغان بالىلار تۇغۇلغاندىن كېيىن ۋاقتىدا داۋالىسىلا ئۈنۈمى بىر قەدەر ياخشى بولىدۇ. بەدەن قۇرۇلمىسى تۇغما غەيرىيلىك تۇغما كەمتۈكلۈكنىڭ بىر خىلى بولۇپ، بوۋاقلار تۇغۇلۇشتىن بۇرۇن بەدەن قۇرۇلمىسى، ئىقتىدارى ياكى مېتابولىزمىدا غەيرىيلىك كۆرۈلۈشنى كۆزدە تۇتىدۇ. ئالايلۇق، تۇغما مېڭىگە سۇ يىغىلىپ قېلىش، نېرۋا كانىلى كەمتۈكلۈكى، ئىچ مايماق، كالپۇك-تاڭلاي يېرىقى قاتارلىقلار. بەزى غەيرىيلىكلەرنى تۇغۇلغان ھامان بايقىغىلى بولىدۇ، بەزىلىرى تۇغۇلۇپ بىر مەزگىلدىن كېيىن ھەتتا نەچچە يىلدىن كېيىن تەدرىجىي گەۋدىلىنىدۇ.
    ئىگىلىنىشىچە، مەركەزنىڭ لاتارىيە پاراۋانلىق مەخسۇس فوندىنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا، دۆلەت سەھىيە ۋە ساغلاملىق كومىتېتى، جۇڭگو تۇغما كەمتۈكلۈكنى قۇتقۇزۇش ۋە ياردەم بېرىش فوندى جەمئىيىتى بىرلىشىپ بەدەن قۇرۇلمىسى تۇغما غەيرىيلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلارنى قۇتقۇزۇش ۋە ياردەم بېرىش تۈرىنى نۇقتىدا سىناق قىلغان.
    بۇ يىل بۇ تۈرنى يولغا قويۇش دائىرىسى 27 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون ۋە شەھەرلەرگە كېڭەيگەن بولۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزمۇ بۇنىڭ ئىچىدە ئىكەن.

    بۇ قېتىمقى قۇتقۇزۇش ۋە ياردەم بېرىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلگەن ئالتە خىل بەدەن قۇرۇلمىسى تۇغما غەيرىيلىك كېسىلى ئاساسەن نېرۋا سىستېمىسى تۇغما غەيرىيلىك كېسىلى، ھەزىم سىستېمسى تۇغما غەيرىيلىك كېسىلى، سۈيدۈك يولى سىستېمىسى ۋە كۆپىيىش ئەزاسى تۇغما غەيرىيلىك كېسىلى، مۇسكۇل-سۆڭەك سىستېمىسى تۇغما غەيرىيلىك كېسىلى، نەپەس يولى سىستېمىسى تۇغما غەيرىيلىك كېسىلى ۋە بەش ئەزا قۇرۇلمىسى ئېغىر غەيرىيلىك كېسىلىدىن ئىبارەت.
    قۇتقۇزۇش ۋە ياردەم بېرىشنى ئىلتىماس قىلغان بىمار بالىلارغا كىلىنىكىدا ئالتە تۈرلۈك 72 خىل بەدەن قۇرۇلمىسى تۇغما غەيرىيلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان، دەپ دىئاگنوز قويۇلغان بولۇشى؛ 18 ياشتىن تۆۋەن بولۇشى؛ ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بولۇشى، تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى كىنىشكىسى، تۆۋەن كىرىملىكلەر كىنىشكىسى، ئارخىپ تۇرغۇزۇپ كارتا بېجىرىلگەن نوپۇس ئىسپاتى ياكى كەنت (ئاھالىلەر) كومىتېتى كېسىپ بەرگەن نامراتلىق ئىسپاتى بولۇشى؛ بەلگىلەنگەن داۋالاش ئاپپاراتىدا دىئاگنوز قويدۇرغان، ئوپىراتسىيە قىلدۇرغان، داۋالانغان ۋە سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن بولۇشى؛ داۋالاش چىقىمىنىڭ شەخسلەر ئۈستىگە ئالىدىغان قىسمى 3000 يۈەندىن ئاشقان بولۇشى (3000 يۈەننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) دېگەندەك شەرتلەرنى قاندۇرۇشى كېرەك.
    بۇ قېتىم داۋالاش چىقىمىغا تولۇقلىما بېرىش دائىرىسى دورا پۇلى، كارىۋات پۇلى، تەكشۈرۈپ داۋالاش ھەققى، كېسەل كۆرۈش ھەققى، رادىياتسىيە قويۇپ بېرىش ھەققى، تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش ھەققى، داۋالاش ھەققى، ئوپىراتسىيە ھەققى، قان بېرىش ھەققى، پەرۋىش ھەققى، ماتېرىيال ھەققى، ئوكسېگىن بېرىش ھەققى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.  
    ئەسكەرتىشكە تېگىشلىكى، 2018-يىلى ئىلتىماس قىلىش ۋاقتى دائىرىسى 2017-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن كېيىن بولۇپ، بەلگىلەنگەن داۋالاش ئاپپاراتىدا دىئاگنوز قويدۇرۇش، ئوپىراتسىيە قىلدۇرۇش، داۋالىتىش ۋە سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ھەققىگە تولۇقلىما بېرىلىدۇ. بىمارنىڭ داۋالىنىش ھەققى ئاتچوت قىلىنغاندىن كېيىن شەخسلەر تۆلىگەن قىسىمغا قارىتا بىر قېتىمدا 3000 يۈەندىن 30 مىڭ يۈەنگىچە تولۇقلىما بېرىلىدۇ.
    ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى ئاپتونوم رايونلۇق ئانا-بالىلار ساقلىقنى ساقلاش مەركىزىنى بۇ تۈرنى باشقۇرۇش ئاپپاراتى قىلىپ بېكىتتى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى، شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرستېتى قارمىقىدىكى 1-دوختۇرخانا، ئاپتونوم رايونلۇق جۇڭيى دوختۇرخانىسى، ئىلى ئوبلاستلىق دوستلۇق دوختۇرخانىسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 1-دوختۇرخانا، قەشقەر ۋىلايەتلىك 1-دوختۇرخانا بۇ تۈر بويىچە بېكىتىلگەن داۋالاش ئاپپاراتى قىلىنىپ، بىمار بالىلارنىڭ ماتېرىياللىرىنى دەسلەپكى قەدەمدە تەكشۈرۈپ تەستىقلاش، زىيارەت قىلىپ تەكشۈرۈش ۋە داۋالاش قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۈستىگە ئالىدىغان بولدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى