مۇخبىرىمىز زۇ يى خەۋىرى، فوتوسى
تارباغاتاي ۋىلايەتلىك ساناتورىيەنىڭ خىزمەتچىسى جاينار مۇراتبېكنىڭ ئۆيى 4–ئاينىڭ 8–كۈنى بەكلا قىزىپ كەتكەنىدى، جاينار مۇراتبېك ساناتورىيەدىكى بىر نەچچە ئىگە – چاقىسىز بوۋاي – موماينى ئۆيىگە مېھمانغا تەكلىپ قىلدى، بۇ، جاينار مۇراتبېكنىڭ ھەر ھەپتىدە مۇقىم ئۆتكۈزىدىغان ئائىلە مېھماندارچىلىقى ئىدى.
47 ياشلىق جاينار مۇراتبېك كەسپىنى قىزغىن سۆيىدىغان، خۇشخۇي مىجەزى بىلەن، ئىگە–چاقىسىز بوۋاي–مومايلارنىڭ ھالىدىن 26 يىل خەۋەر ئالدى.
70 ياشلىق ئىگە–چاقىسىز لو يۈلىڭ مۇنداق دېدى: جاينار مۇراتبېك خۇددى ئۆز قىزىمغا ئوخشاش يىللاردىن بۇيان ھالىمدىن ياخشى خەۋەر ئېلىپ كەلدى.
جاينار مۇراتبېك 1990–يىلى پاراۋانلىق ساناتورىيەسىگە خىزمەتكە ئورۇنلاشتى، ئۇ ياشانغانلارنىڭ ھالىدىن تېخىمۇ ياخشى خەۋەر ئېلىش ئۈچۈن، 1999–يىلى تارباغاتاي ۋىلايەتلىك سېسترالار مەكتىپىدە ئۈچ يىل كەسپىي پەرۋىشنى ئۆگەندى.
جاينار مۇراتبېك مۇنداق دېدى: ئاپام 13 يېشىمدا، دادام 34 يېشىمدا ئالەمدىن ئۆتتى، ئاتا–ئانامنىڭ ئەجرىگە جاۋاب قايتۇرالمايلا ئۇلاردىن ئايرىلىپ قالدىم. ساناتورىيەدە ئىشلەپ، ياشانغانلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش جەريانىدا، بۇ مۇھەببەتنى تولۇقلىماقچى بولدۇم. ئېرىم بىلەن ئوغلۇممۇ مېنى قوللايدۇ، ھەر قېتىمقى ھېيت–بايراملاردا ياشانغانلارنى ئۆيگە تەكلىپ قىلىمىز. ئېرىم بەزىدە ساناتورىيەگە بېرىپ، نارىن ئېتىپ بېرىدۇ.
دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ غەمخورلۇقىدا تارباغاتاي ۋىلايەتلىك ساناتورىيەدە يېقىنقى بەش يىلدىن بۇيان زور ئۆزگىرىش بولدى، پەرۋىش خادىملىرى تەربىيەلىنىپ، ئىگە–چاقىسىز بوۋاي–مومايلارنىڭ ياتاقلىرىغا پار، تېلېۋىزور، ھاجەتخانا سەپلىنىپ، ئۆي ئىچى–سىرتىدىكى ھەر خىل پائالىيەت ئەسلىھەسى تولۇق سەپلەندى. تارباغاتاي ۋىلايەتلىك ساناتورىيەنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى شى گۈيچىن مۇنداق دېدى: جاينار مۇراتبېك 26 يىلدىن بۇيان، ھەر مىللەتتىن بولغان ياشانغانلارنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئېلىپ كەلدى، ئۇ ساناتورىيەدىكى ھەر مىللەت ئىگە – چاقىسىز بوۋاي – مومايلارنىڭ ياخشى قىزى. ئۇنىڭ تەسىرىدە تېخىمۇ كۆپ ئىشچى–خىزمەتچى بۇ يەردىكى ياشانغانلارنىڭ ئاخىرقى ئۆمرىنى خاتىرجەم ئۆتكۈزۈشى ئۈچۈن ئۆزىنى بېغىشلىدى.
جاينار مۇراتبېك 4-ئاينىڭ 11-كۈنى 91 ياشلىق سۇڭ گۈيجى موماينىڭ كېسىلىنى تەكشۈرمەكتە.