تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

مەركەز ئاپتونوم رايوننىڭ دۆلەت دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەيدانلىرىنىڭ يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىنى بېكىتىش، تىزىملاش، كېنىشكا تارقىتىش خىزمىتىنى قوللىدى

  شەھەر ئىستېمالى سەھەر گېزىتى خەۋىرى: مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىندا مەركەز مالىيەسىدىن ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يەرلىكتىكى دۆلەت دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەيدانى يەرلىرىنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقىنى بېكىتىش، تىزىملاش، كېنىشكا تارقىتىش چىقىمىغا ئىشلىتىشى ئۈچۈن 303 مىليون 960 مىڭ يۈەن ئاجرىتىلغان بولۇپ، مەملىكەت بويىچە دۆلەت ئىلىكىدىكى بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش يېرىنى ئىشلىتىش ھوقۇق تەۋەلىكىنى بېكىتىش، تىزىملاش، كېنىشكا تارقىتىش خىزمىتىنى قوللاش ئومۇمىي سوممىسىنىڭ %63.86 ىنى ئىگىلىگەن.

   ئىگىلىنىشىچە، دۆلەت دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەيدانى يەرلىرىنى ئىشلىتىش ھوقۇق تەۋەلىكىنى بېكىتىش، تىزىملاش، كېنىشكا تارقىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش مەركەزنىڭ بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش ئىسلاھاتى تەرەققىياتى ھۆججىتىدىكى ھالقىلىق تەدبىر بولۇپ، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەيدانى دۆلەت يېرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداشنىڭ تۈپ يولى، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرىنىڭ ئىقتىسادىنى كۈچەيتىش، دۆلەت بۇرچىنى تېخىمۇ ياخشى ئادا قىلىشنىڭ مۇھىم ئاساسى ئىكەن.

   دۆلەت زېمىن بايلىقى تارماقلىرىنىڭ ستاتىستىكا قىلىشىچە، شىنجاڭدا دۆلەت دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەيدانلىرىدىن ئىشلىتىش ھوقۇق تەۋەلىكى بېكىتىلمىگەن، تىزىملانمىغان، كىنىشكا تارقىتىلمىغان يەر كۆلىمى 202 مىليون مو ئىكەن. مەركەزنىڭ تەلىپىگە بىنائەن، 2017-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە شىنجاڭدىكى دۆلەت ئىلىكىدىكى دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەيدانىدىن 120 مىليون مو يەرنىڭ ھوقۇق تەۋەلىكىنى تەكشۈرۈش ۋە 100 مىليون مو يەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇق تەۋەلىكىنى بېكىتىش، تىزىملاش، كېنىشكا تارقىتىش خىزمىتى تاماملىنىدىكەن.

   ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت زېمىن بايلىقى نازارىتى، مالىيە نازارىتى، يېزا ئىگىلىك نازارىتى چارۋىچىلىق نازارىتىدىن ئىبارەت تۆت تارماق يېقىندا بىرلىكتە «ئاپتونوم رايوننىڭ يەرلىكتىكى دۆلەت دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەيدانلىرىنىڭ يەر ئىشلىتىش ھوقۇق تەۋەلىكىنى بېكىتىش، تىزىملاش، كېنىشكا تارقىتىش خىزمىتىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈشكە ئائىت ئۇقتۇرۇشى» ۋە «ئاپتونوم رايوننىڭ يەرلىكتىكى دۆلەت دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەيدانلىرىنىڭ يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىنى بېكىتىش، تىزىملاش ۋە كېنىشكا تارقىتىش خىزمەت لايىھەسى» نى تارقىتىپ، جايلارنىڭ دۆلەت دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەيدانلىرىنىڭ يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىنى بېكىتىش، تىزىملاش ۋە كېنىشكا تارقىتىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشىغا يېتەكچىلىك قىلغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى