تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭدا «دۇنخۇاڭدىكى ئۇچرىشىش» ساياھەت مەخسۇس پويىزى ‏قاتناپ، يىپەك يولى بەلبېغى بويىدىكى ساياھەتلەرنى تېز تەرەققىي قىلدۇرىدۇ

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى، 4-ئاينىڭ 22-كۈنى تېلېگراممىسى. بۇ يىل تۇنجى «دۇنخۇاڭدىكى ئۇچرىشىش» ساياھەت مەخسۇس پويىزى يېقىندا ئۈرۈمچىدىن يولغا چىقىپ، مەشھۇر ساياھەت شەھىرى دۇنخۇاڭغا قاراپ ماڭدى، بۇ، شىنجاڭنىڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى بويىدىكى رايونلارنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇش، رايون ساياھىتى ئىقتىسادىنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشتىكى تەدبىرى.

    مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ تۆمۈر يول تارماقلىرىدىن ئىگىلىشىچە، بۇلتۇر 7-ئاينىڭ 1-كۈنى شىنجاڭنىڭ تۆمۈر يول تارماقلىرى ئۈرۈمچىدىن دۇنخۇاڭغا قاتنايدىغان «پويىزغا ئولتۇرۇپ شىنجاڭنى ساياھەت قىلىش-دۇنخۇاڭدىكى ئۇچرىشىش» ساياھەت مەخسۇس پويىزىنى تەسىس قىلىپ، شىنجاڭدىكى ساياھەتچىلەرنىڭ پويىزغا ئولتۇرۇپ بىۋاستە دۇنخۇاڭغا بارالماسلىق تارىخىغا خاتىمە بەردى. بۇ، شىنجاڭ تۆمۈر يولىنىڭ «پويىزغا ئولتۇرۇپ شىنجاڭنى ساياھەت قىلىش» ساياھەت ماركىسىنىڭ «شىمالىي شىنجاڭنى ساياھەت قىلىش» ساياھەت مەخسۇس پويىزىنى تەسىس قىلغاندىن كېيىن ئاچقان يەنە بىر ئېسىل يول لىنىيەسى، مەشھۇر ساياھەت شەھىرى دۇنخۇاڭنى شىنجاڭ تۆمۈر يولىنىڭ «پويىزغا ئولتۇرۇپ شىنجاڭنى ساياھەت قىلىش» نىڭ بىر بېكىتىدە ئۇدۇل بارىدىغان ساياھەت تورىغا كىرگۈزدى.

    بۇ ساياھەت لىنىيەسى تەسىس قىلىنغان يىلى بېرىش-كېلىش لىنىيەسىدە 202 نۆۋەتچى پويىز قاتناپ، 53 مىڭ ساياھەتچى توشۇپ، ياخشى ئىجتىمائىي ئۈنۈمگە ئېرىشىپ، شىنجاڭ ساياھەت ئىقتىسادى تەرەققىياتىنىڭ تېز سۈرئەتلىك يولغا قەدەم ئېلىشىغا يېڭى ئېنىرگىيە قوشتى.  

    شىنجاڭ تۆمۈر يول تارماقلىرى بۇ يىل شىنجاڭ رايون ساياھەتچىلىكىنىڭ تەرەققىي قىلىش پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، ساياھەت بازىرىنى چوڭقۇر تەرەققىي قىلدۇرۇپ، «دۇنخۇاڭدىكى ئۇچرىشىش» ساياھەت پويىزى بۇ يىلدىن باشلاپ سىزىپ بەلگىلەش، قېلىپلاشتۇرۇپ ھەر كۈنى تىجارەت قىلىشنى يولغا قويىدۇ، پويىز ئاساسلىقى ئۈرۈمچى ۋوگزالى، ئۈرۈمچى جەنۇبىي ۋوگزالى، تۇرپان، قۇمۇل، ليۇيۈەن، دۇنخۇاڭ بېكەتلىرىدە توختايدۇ.

    بۇ يىل قاتنايدىغان «دۇنخۇاڭدىكى ئۇچرىشىش» ساياھەت پويىزى بۇلتۇرقىغا قارىغاندا ئىككى ئاي بۇرۇن قاتناپ، 10-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە قاتنايدۇ، قاتناش ۋاقتى ئارىلىقى ئۇزۇن، ساياھەتچىلەرنىڭ ئوخشاشمىغان مەزگىلدە ساياھەت قىلىش ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرالايدۇ، شىنجاڭ ۋە گەنسۇنىڭ ساياھەت يولىنى ئۇزارتىش، ئىككى جاينىڭ ساياھەتچىلەر ئېقىمىنى ئالماشتۇرۇشتا ئاكتىپ رول ئوينايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى