تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى شەھىرىدە تۇنجى «ھەممىباب كارتا» مەھەللە تارماق كۇتۇپخانىسى ئېچىلدى

     شىنجاڭ تورى خەۋىرى : 4-ئاينىڭ 21-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك كۇتۇپخانىنىڭ بۇلاقتاغ رايونى يېكەنكۆل شىمالىي يولى تارماق رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى ساي يولى مەھەللە ئاھالىلەر كومىتېتىدىكى تارماق كۇتۇپخانىسى ئېچىلدى. بۇ شەھەر بويىچە تۇنجى« ھەممىباب كارتا» ئىشلەيدىغان مەھەللە تارماق كۇتۇپخانىسى بولۇپ، ئىككى كۇتۇپخانىدا ئوخشاش بىر كىتاب ئارىيەت ئېلىش كارتىسىنى ئىشلەتسە بولىدۇ.

    دۇنيا كىتاب ئوقۇش كۈنى مەزگىلىدە، شەھەرلىك ھۆكۈمەت بەنگۇڭتىڭى بۇلاقتاغ رايونى يىكەنكۆل شىمالىي يولى تارماق رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى ساي يولى مەھەللە ئاھالىلەر كومىتېتىدا تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى كۇتۇپخانىنى ئاھالىلەرنىڭ ئىشىك ئالدىغا قۇرۇپ بەرگەن بولۇپ، ئاھالىلەر مەھەللە كومىتېتىغا كىرىپ كارتا بېجىرىپ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك كۇتۇپخانا ۋە مەھەللە تارماق كۇتۇپخانىدا كىتاب ئوقۇپ، ئارىيەت ئالسا بولىدۇ.

   مەھەللە تارماق كۇتۇپخانىسى ساي يولى مەھەللە ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ 3-قەۋىتىگە جايلاشقان بولۇپ، كۆلىمى 56 كىۋادرات مېتىر كېلىدىكەن، كۇتۇپخانا كىتاب ئارىيەت ئېلىش ئۆيى ۋە ئېلېكتىرونلۇق ئوقۇش ئۆيىدىن تەركىپ تاپقان ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، كۇتۇپخانىدىكى 1800 پارچە كىتابنىڭ 1000پارچىسىنى شەھەرلىك كۇتۇپخانا، 800 پارچىسىنى مەھەللە كومىتېتى تەمىنلىگەن.

   62 ياشلىق ئاھالە تاۋ شۇفېن پېنسىيىگە چىققاندىن كېيىن، ئۆيىدە ئاشپەزلىك كىتابىنى ئوقۇشنى ياخشى كۆرەتتى، ئۇ مەھەللە تارماق كۇتۇپخانىسىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى ئاڭلاپ، ئەتىگەندە مەھەللە كومىتېتىغا كېلىپ مۇنداق دېدى: مەن پەقەت تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇش تارىخىغا ئىگە، لېكىن مەن كىتاب ئوقۇشقا ئامراق، مەن « شى جىنپىڭنىڭ يەتتە يىللىق زىيالىي ياشلىق ھاياتى» دېگەن كىتابنى ئوقۇشنى ياخشى كۆرىمەن، مەنمۇ ئەينى يىللىرى يېزىغا چۈشۈپ باققان، مەھەللە كۇتۇپخانىسى قۇرۇلۇپ، ئۆيىمىزنىڭ ئالدىدىلا بىر كۇتۇپخانا بار بولدى، ئەمدى كىتاب ئارىيەت ئېلىپ ئوقۇيالايدىغان بولدۇق.

    ئۈرۈمچى شەھەرلىك ھۆكۈمەت بەنگۇڭتىڭى بۇلاقتاغ رايونى يېكەنكۆل شىمالىي يولى تارماق رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى ساي يولى مەھەللىسىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى، 1-شۇجىسى لى تىيەنگاڭ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: تەۋەلىك رايونىدىكى ئۈچ مىڭغا يېقىن ئاھالىلەرنىڭ مەنىۋىي تۇرمۇشىنى بېيتىش ئۈچۈن، دۇنيا كىتاب ئوقۇش كۈنى يېتىپ كېلىش ئالدىدا شەھەرلىك كۇتۇپخانا بىلەن ئالاقىلىشپ، مەھەللە تارماق كۇتۇپخانىسىنى قۇرۇپ، ئاھالىلەرنىڭ كىتاب ئارىيەت ئېلىش كارتىسى ئارقىلىق كىتاب ئوقۇشىنى ئەمەلگە ئاشۇردۇق.

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك كۇتۇپخانىنىڭ باشلىقى جىن يىشىڭ مۇنداق دېدى: ھازىر شەھىرىمىزدە جەمئىي 12 مەھەللە تارماق كۇتۇپخانىسى بار، پەقەت بۇ كۇتۇپخانىلا «ھەممىباب كارتا» ئارقىلىق كىتاب ئارىيەت ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇردى، شەھەرلىك كۇتۇپخانا ئاھالىلەرنىڭ كىتاب ئارىيەت ئېلىش ئەھۋالىغا ئاساسەن بۇ مىڭ پارچە كىتابنى قەرەللىك ئالماشتۇرۇپ تۇرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى