تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

يىراق ئارلىقتا قۇتلۇقلانغان تۇغۇلغان كۈن

  شىنجاڭ تورى خەۋىرى: 4-ئاينىڭ 15-كۈنى ئۈچتۇرپان ناھىيەسىدىكى ئەلفىرە تۇرسۇننىڭ 10 ياشلىق تۇغۇلغان كۈنى ئىدى، ئۇ بۇ يىلقى تۇغۇلغان كۈنىنى ئاپىسى بۇخەلچەم توختىياز بىلەن بىللە ئۆتكۈزەلمەيدىغانلىقىغا كۆزى يەتكەن ئىدى، ئويلىمىغان يەردىن ما جىڭ ئىسىملىك بىر ھەدىسى ئۇنىڭ ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرغان ئىدى.

  بۇ يىل 30 ياشقا كىرگەن بۇخەلچەم توختىنىياز ئۈرۈمچىدىكى بىر ئاشخانىدا كۈتكۈچىلىك قىلاتتى، خىزمەت ئالدىراش بولغاچقا ئۇنىڭ ئۆيىگە قايتىمىغىنىغا، قىزى بىلەن كۆرۈشمىگىنىگە ئۈچ ئاي بولغان ئىدى، قىزى ئاچچىقلىنىپ ئۇنىڭ بىلەن تېلېفونلىشىشنىمۇ رەت قىلغان ئىدى.

  ئۈرۈمچى يىكەنكۆل شىمالى يولى ساقچىخانىسىنىڭ ساقچىسى ما جىڭ 2016-يىلى بۇخەلچەم توختىنىياز بىلەن قوشماقلىشىپ تۇغقان بولغان ئىدى.

  ما جىڭ مۇنداق دېدى: ئەلفىرە تۇرسۇن كىچىك چاغلىرىدا بۇخەلچەم توختىنىياز يولدىشىدىن ئايرىلىپ كېتىپ ئۆزى يالغۇز قىزىنى بېقىپ چوڭ قىلغان. 2013-يىل، بۇخەلچەم ئۆزى يالغۇز ئۈرۈمچىگە كېلىپ ئىشلەمچىلىك قىلغان، تاپاۋىتىمۇ ئانچە ياخشى بولمىغان. بالىسى تېخى كىچىك بولغاچقا بىللە يېنىدا ئېلىپ ئىشلەمچىلىك قىلىش قولايسىز بولغانلىقتىن چوڭ ئاپىسىنىڭ ئۆيىگە قويۇپ قويغان.

  4-ئاينىڭ 8-كۈنى، بۇخەلچەم توختىنىيازنىڭ ئاپىسى ئۇنىڭغا تېلېفون قىلىپ، قىزىنىڭ ئاپىسى بىلەن بىللە 10 ياشلىق تۇغۇلغان كۈنىنى ئۆتكۈزگۈسى بارلىقىنى، ھەمدە ئاپىسىنى بەك سېغىنغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى. بۇخەلچەم توختىنىياز ئاپىسى يېقىندىن بېرى ئاشخانا ئىشلىرىنىڭ ئىنتايىن ئالدىراش ئىكەنلىكىنى، رۇخسەت سورىيالمايدىغانلىقىنى، ئۇنىڭدىن سىرت بېرىپ-كېلىپ چىقىم ئاۋۇپ كېتىدىغانلىقىنى، قىزىنى پات ئارىدا يېنىغا ئەكىلىۋېلىپ بىللە تۇرمۇش كەچۈرۈش ئارزۇسىنىڭ يەنە كەينىگە سۈرۈلگەنلىكىنى ئېيتقان ئىدى.

  بۇخەلچەم توختىنىياز ما جىڭ بىلەن پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇپ بۇ ئىشلارنى تىلغا ئالغان ئىدى، ما جىڭغا تەسىر قىلغان بۇ ئىش ئۇنىڭ كۆڭلىگە چوڭقۇر ئورنىغان ئىدى.

  4-ئاينىڭ 15-كۈنى، ما جىڭ بۇخەلچەم توختىنىيازنى ئۆيىگە چاقىرىپ كېلىپ ئىككىسى ئۈندىداردا سىن ئارقىلىق يىراقتا تۇرۇپ قىزىنىڭ ئۇنتۇلغۇسىز تۇغۇلغان كۈنىنى ئۆتكۈزۈپ بەردى. ما جىڭ ئەلفىرە تۇرسۇنغا بىر قۇر يارىشىملىق كىيىم تەييارلاپ قويغان ئىدى، ئەلفىرە ئىككى ئاپىسىنىڭ ئۆزىگە سوۋغات تەييارلىغانلىقىنى كۆرۈپ خۇشاللىقىدىن سايراپلا كەتتى، كەينىدىلا ئاپسىنىڭ ئۆزىنى كەچۈرىشىنى، خاتىرجەم ئىشلىشىنى، ئۆزىنىڭ چوڭ ئاپىسىنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ ياخشى ئوقۇيدىغانلىقىنى ئېيتتى.

  بۇخەلچەم توختىنىياز مۇنداق دېدى: مەن ما جىڭ بىلەن قوشماقلىشىپ تۇغقان بولغاندىن تارتىپ، بۇ شەھەردە بىر تۇغقىنىم كۆپەيدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى