تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ‹‹ئۈچ چوڭ جەڭ››نى ياخشى قىلىش، غەلىبىلىك قىلىش كېرەك

  شۆھرەت زاكىر ئاپتونوم رايونلۇق تۇرالغۇ ۋە شەھەر–يېزا قۇرۇلۇشى نازارىتىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:

  دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ‹‹ئۈچ چوڭ جەڭ››نى ياخشى قىلىش، غەلىبىلىك قىلىش كېرەك

  مۇخبىرىمىز يۈەن لېي خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر 4 – ئاينىڭ 20 – كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق تۇرالغۇ ۋە شەھەر – يېزا قۇرۇلۇشى نازارىتىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. شۆھرەت زاكىر مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 19 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 –، 3 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دىققەتنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا قەتئىي مەركەزلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تۈرلۈك خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى زىچ چۆرىدەپ، ‹‹ئۈچ چوڭ جەڭ››نى ياخشى قىلىپ، غەلىبىلىك قىلىپ، فۇنكسىيەلىك رولنى جارى قىلدۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى ياخشى ئادا قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىشقا پۇختا ئاساس سېلىش كېرەك.

  شۆھرەت زاكىر ئاپتونوم رايونلۇق تۇرالغۇ ۋە شەھەر – يېزا قۇرۇلۇشى نازارىتىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: تۇرالغۇ ۋە شەھەر – يېزا قۇرۇلۇشى نازارىتى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇش جەريانىدا مۇھىم فۇنكسىيەلىك مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئالغان، بولۇپمۇ خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، چامىنىڭ يېتىشىچە ئىشلەپ، مادارىغا يارىشا ئىش كۆرۈپ، ھەر مىللەت ئامما كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەرنى زور كۈچ بىلەن ھەل قىلىپ، شەھەرنىڭ تەرەققىيات سۈپىتى ۋە خەلقنىڭ رازى بولۇش دەرىجىسىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىشقا، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا يېڭى تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

  بىرىنچى، يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى كۆزدە تۇتۇپ، شەھەر – يېزا يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. شەھەر – يېزا يۇغۇرما تەرەققىياتىنىڭ چوڭ يۈزلىنىشىگە پائال ماسلىشىپ، شەھەر – يېزا يۇغۇرما تەرەققىياتى تۈزۈلمە – مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىلمىي پىلانلاشنى باشلامچى قىلىپ، قانۇنىيەتكە ھۆرمەت قىلىپ، مۇھىم نۇقتىنى تۇتۇپ، ئالاھىدىلىكنى گەۋدىلەندۈرۈپ، يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  ئىككىنچى، ئاممىۋى مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرىدىكى كەمتۈكلۈكنى كۆزدە تۇتۇپ، شىنجاڭنى ئېلېكتىرلەشتۈرۈشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. سىياسەت پۇرسىتىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، بىنالارنى ئېلېكتىرلەشتۈرۈش ئۆلچىمىنى تۈزۈش، مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە قاتتىق ئىجرا قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە ھەيدەكچىلىك قىلىش، يېتەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭنى ئېلېكتىرلەشتۈرۈشنى غەلىبىلىك ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. مەسىلە يۆنىلىشىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئاممىنىڭ ھالىغا يېتىپ، شىنجاڭنى ئېلېكتىرلەشتۈرۈشنى تېزلىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىغا بەخت يارىتىش كېرەك.

  ئۈچىنچى، ئاھالىنىڭ تۇرالغۇ مۇھىتىنى ياخشىلاشنى كۆزدە تۇتۇپ، كەپىلىك رايوننى ئۆزگەرتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ھۆكۈمەتنىڭ يوشۇرۇن قەرزىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تۈگىتىشنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈش تەلىپىگە ئاساسەن، ھەرگىز بەلگىلىمىگە خىلاپ قەرز ئېلىپ قۇرۇلۇش قىلماسلىق كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، سىياسەتتىن ياخشى پايدىلىنىپ، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىپ، كەپىلىك رايوننى ئۆزگەرتىش ۋەزىپىسىنى غەلىبىلىك تاماملاشقا كاپالەتلىك قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ ئاممىنى بالدۇرراق يېڭى تۇرالغۇغا كۆچۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك.

  تۆتىنچى، خەلق تۇرمۇشىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاشنى كۆزدە تۇتۇپ، كاپالەتلىك تۇرالغۇ ۋە ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. بەلگىلىمىگە خىلاپ قەرز ئالمىغان ئاساستا، شەھەر – بازارلارنىڭ كاپالەتلىك تۇرالغۇ قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزىلاردىكى ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ خاتىرجەم ياشىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  بەشىنچى، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇشنى كۆزدە تۇتۇپ، قۇرۇلۇش كەسپىنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. قۇرۇلۇش كەسپى ئۆلچىمىنى ئەستايىدىل تەتقىق قىلىپ تۈزۈش ھەم قاتتىق ئىجرا قىلىش كېرەك. مودۇللاشتۇرۇلغان، قۇراشتۇرما شەكىلدىكى قۇرۇلۇش تەرەققىياتىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. قۇرۇلۇش كەسپىنىڭ تەرەققىيات مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، قۇرۇلۇش سۈپىتىنى تۈزەش ھەرىكىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، قۇرۇلۇش كەسپىنىڭ تەرەققىيات سۈپىتى ۋە سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك.

  ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جاۋ چۇڭجيۇ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا بىللە بولدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى