تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

قايسى خىل موي تازىلاش ئۇسۇلى تېرىگە ئەڭ زىيانسىز؟

    ھەممى كىشى گۈزەللىكنى سۆيىدۇ، مەيلى ئەرلەر ياكى ئاياللار بولسۇن ئوخشاشلا باشقىلارغا ئەڭ گۈزەل ھەم مۇكەممەل ھالىتىنى نامايان قىلشنى ئويلايدۇ. ياز پەسلى كېلەي دېدى، نۇرغۇن ئاياللار ئۆزى ياخشى كۆرگەن كۆڭلەكلىرىنى كىيىش ئۈچۈن پاچاقلىرىدىكى مويلارنى ئېلىۋەتمەكچى بولىدۇ، ئەمما قايسى موي تازىلاش ئۇسۇلىنىڭ تېرىگە ئەڭ زىيانسىز ئىكەنلىكىنى بىلەي كۆپ ئىككىلىنىدۇ. موي چۈشۈرۈشنىڭمۇ بىر نەچچە خىل ئۇسۇلى بار، ئەمما ھەر كىم ئۆز ئېھتىياجىغا ئاساسەن ئۆزىگە ماس كېلىدىغاننى تاللىسا بولىدۇ.

   موينى قىرىپ تازىلاش ئۇسۇلى: موينى قىرىش ئەسۋابى موينى تازىلاشتىكى ئەڭ ئەپلىك، ئەڭ ئەرزان، تېرىگە ئەڭ زىيانسىز ئۇسۇل بولۇپلا قالماي يەنە تېرىسى زىيادە سەزگۈرلەرگە ۋە ئاغرىقتىن قورقىدىغانلارغا ماس كېلىدۇ، ئەلۋەتتە بۇ خىل ئۇسۇلنى قوللانغاندا ئېھتىيات قىلمىسا تېرە ئاسان زەخمىلىنىدۇ.

    ھەسەل مومى بىلەن موي يۇلۇش ئۇسۇلى: ھەسەل مومى چاپلىقىنى موي بار ئورۇنغا چاپلاپ بىر ئاز ۋاقىتتىن كېيىن تارتىپ ئېلىۋەتكەندە، مويلار يىلتىزى بىلەن قوشۇلۇپ يۇلۇنىدۇ. بۇ ئۇسۇل مويى بىر قەدەر قويۇق كىشىلەرنىڭ قوللىنىشىغا ماس كېلىدۇ. بۇ ئۇسۇلنى قوللانغاندا مويلارنىڭ قايتا ئۆسۈپ چىقىشى بىر قەدەر ئاستا بولىدۇ، ئادەتتە يازدا بىر ياكى ئىككى قېتىم ھەسەل مومى ئىشلەتسە بولىدۇ.

    موي چۈشۈرۈش مەلھىمى بىلەن موي چۈشۈرۈش ئۇسۇلى: بۇ بىر خىل دورىلىق خۇسۇسىيەتكە ئىگە (خىمىيىۋىلىك تەركىبى بار) موي چۈشۈرۈش مەلھىمى بولۇپ، بۇ خىل مەلھەمنى موي بار ئورۇنغا سۈرگەندە مويلار يۇمشاپ، ئاسان چۈشۈپ كېتىدۇ. بۇ ئۇسۇل موينى پاكىز تازىلاشنى ئويلىغان ھەمدە ئاغرىقتىن قورقىدىغانلارنىڭ ئىشلىتىشىگە ماس كېلىدۇ.

    لازېر نۇرى ئارقىلىق موي تازىلاش ئۇسۇلى: بۇ بىر خىل مەڭگۈلۈك موي تازىلاش ئۇسۇلى بولۇپ، بىر نەچچە قېتىم قوللانغاندا ئاندىن مەڭگۈلۈك موي تازىلاش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ. بۇ ئۇسۇل گەرچە تېرىگە زىيان يەتكۈزمىسىمۇ، ئەمما يۇقىرى قان بېسىم، يۈرەك قان تومۇر بىمارلىرىنىڭ قوللىنىشىغا ماس كەلمەيدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى