شىنجاڭ تورى خەۋىرى: ئاپتونوم رايوننىڭ ئىمتىھان ئارقىلىق 6928 مەمۇرنى ئاشكارا قوبۇل قىلىش بويىچە يېزىقچە ئىمتىھانى 4-ئاينىڭ 21-كۈنى چۈشتىن كېيىن ئاخىرلاشتى. مۇخبىرنىڭ ئىمتىھان مەيدانىدىن چىقىۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنى تاللاپ زىيارەت قىلىشىچە، ئۇلارنىڭ ئىمتىھاننىڭ مەزمۇن دائىرىسى كەڭ، ئەمما تۇرمۇشقا يېقىن ئىكەنلىكىنى، كىشىنىڭ ئۇنىۋېرسال بىلىمىنى سىنايدىغانلىقىنى ئېيتقان.
شۇ كۈنى يېزىقچە ئىمتىھان مەملىكەت بويىچە 24 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون ۋە شەھەردە ماس قەدەمدە قانات يايدۇرۇلدى. بۇ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 2016-يىلىدىن باشلاپ، ئۇدا 3-قېتىم مەملىكەت بويىچە ئۆلكە دەرىجىسىدە ماس قەدەمدە مەمۇر قوبۇل قىلىش ئىمتىھانىنى ئورۇنلاشتۇرۇشى ھېسابلىنىدۇ. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر قايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەردە 120 ئىمتىھان نۇقتىسى ۋە 516 ئىمتىھان مەيدانى تەسىس قىلىندى، بۇنىڭ ئىچىدە ئۈرۈمچىگە بىۋاستە قاراشلىق ئىمتىھان رايونىدا جەمئىي 36 ئىمتىھان نۇقتىسى ۋە 1415 ئىمتىھان مەيدانى تەسىس قىلىندى.
مەمۇرلۇق ئىمتىھانىغا 2-قېتىم قاتناشقان خې يەن ئىمتىھانغا پۇختا تەييارلىق قىلغاچقا، ئىمتىھاندىكى ئىپادىسىدىن ئاساسەن رازى بولدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئالاقە تورى ئىقتىسادى، قوشۇش، ئېلىش ئۇسۇلى بويىچە مەمۇرىيەتنى ئىخچاملاپ ھوقۇقنى قويۇپ بېرىش دېگەن تېمىلار كۈندىلىك تۇرمۇش بىلەن مۇناسىۋەتلىك، خەۋەرلەردىمۇ دائىم تىلغا ئېلىنىدۇ، بايان ۋە مۇھاكىمە ئىمتىھانىغا تەييارلىق قىلىش ماتېرىياللىرىدىمۇ ئۇچراپ تۇرىدۇ.»
مۇخبىرنىڭ مەمۇر باشقۇرۇش تارماقلىرىدىن ئىگىلىشىچە، ئىمتىھان سوئالى چىقىرىش جەھەتتە، دۆلەتنىڭ دەرىجە، تۈر ۋە پەنلەر بويىچە مەمۇر قوبۇل قىلىش ئومۇمىي تەلىپىگە ئاساسەن، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ئاپپاراتلار، يېزا-بازار ئاپپاراتلىرىدىكى ئىش ئورۇنلىرىغا قارىتا «بايان ۋە مۇھاكىمە» ئىمتىھان سوئالىنىڭ ئايرىم چىقىرىلىشى بۇ يىلقى مەمۇر قوبۇل قىلىش ئىمتىھانىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىنىڭ بىرى ئىكەن.
مەمۇرلۇق ئىمتىھانىنىڭ باراۋەر، ئادىل بولۇشى ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مەمۇر باشقۇرۇش تارماقلىرى ئالاقە تورى ئۇچۇر، جامائەت خەۋپسىزلىكى، سىمسىز خەۋەرلىشىش ئۈسكۈنىلىرىنى باشقۇرۇش تارماقلىرى بىلەن بىرلىكتە ئىمتىھاندا كۆچۈرمىچىلىك قىلىشقا زەربە بېرىش سالمىقىنى ئاشۇرغان. يېزىقچە ئىمتىھاندىن كېيىن، دۆلەت بەلگىلىگەن ئاپپاراتلار ئوپمۇئوخشاش ئىمتىھان قەغەزلىرىنى ئايرىپ چىقىپ، ئوپمۇئوخشاش ئىمتىھان قەغىزى ئىگىلىرىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىدىكەن.
يېزىقچە ئىمتىھان نەتىجىسى 5-ئاينىڭ ئاخىرىدا ئېلان قىلىنىدىكەن.