4-ئاينىڭ 22-كۈنى، كىشىلەر تۇنجى نۆۋەتلىك رەقەملىك جۇڭگو قۇرۇلۇش نەتىجىلىرى كۆرگەزمىسىدە ئاسمان-زېمىن بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن ئۇچۇر تورىنىڭ خىزمەت ئىسىخېمىلىق مودېلى بىلەن تونۇشماقتا.
شىنخۇا تورى خەۋىرى: فۇجيەندە ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى نۆۋەتلىك رەقەملىك جۇڭگو قۇرۇلۇش نەتىجىلىرى كۆرگەزمىسى 4-ئاينىڭ 22-كۈنى ئاممىغا ئېچىۋېتىلدى. بۇ كۆرگەزمە نۇرغۇن ئاممىنى ئەڭ يېڭى رەقەملىك تېخنىكا بىلەن ئۇچرىشىپ تونۇشۇشقا جەلپ قىلدى. بۇ كۆرگەزمىدە رەقەملىك فۇجيەن، ئېلېكتىرونلۇق ھۆكۈمەت ئىشلىرى، رەقەملىك ئىقتىساد، رەقەملىك جەمئىيەتنى ھېس قىلىشتىن ئىبارەت تۆت كۆرگەزمە سارىيى تەسىس قىلىنغان. كۆرگەزمىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 40 مىڭ كىۋادرات مېتىردىن ئارتۇق بولۇپ، جەمئىي 293 ئورۇن كۆرگەزمىگە قاتناشقان.