تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى مەملىكەت بويىچە ‏بىرلىككە كەلگەن تۇنجى ئېلېكتىرونلۇق ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسىنى تارقاتتى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، فۇجۇ، 4-ئاينىڭ 22-كۈنى تېلېگراممىسى. مۇخبىرنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك رەقەملىك جۇڭگو قۇرۇلۇش نەتىجىلىرى كۆرگەزمىسىدىن ئىگىلىشىچە، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى 4-ئاينىڭ 22-كۈنى فۇجۇ شەھىرىدە مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن تۇنجى ئېلېكتىرونلۇق ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسىنى تارقاتقان. بۇ، ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسىنىڭ ئەنئەنىۋى ۋە زامانىۋى ئۇسۇلنىڭ ھەممىسىدە تارقىتىلغانلىقىدىن، بىر ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسى ئارقىلىق كۆپ مەنبەلىك مۇلازىمەت قىلىش ئېكولوگىيە چەمبىرىكىنىڭ شەكىللىنىۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  يېڭىدىن ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن ئېلېكتىرونلۇق ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسى ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسىنىڭ توردا قوللىنىلىدىغان ئۈنۈملۈك ئېلېكتىرونلۇق ئىسپاتى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئەمەلىي ئىجتىمائىي كارتا بىلەن بىرمۇبىر باب كېلىدۇ ھەم مەملىكەتنىڭ ھەممە جايىدا ئىشلىتىش، سالاھىيەت ئىسپاتى، ئۇچۇر خاتىرىسى، ئاپتوماتىك تەكشۈرۈش، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئارقىلىق راسچوت قىلىش، ھەق تۆلەش ۋە تەمىناتلارنى ئېلىش، پۇل مۇئامىلە چىقىمى قىلىش قاتارلىق ئىقتىدارلارغا ئىگە.

  2018-يىلى 1-پەسىلگە قەدەر مەملىكەت بويىچە ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسى بار ئادەم 1 مىليارد 120 مىليونغا يەتتى، ئومۇملىشىش نىسبىتى %80.6 بولۇپ، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، ياشانغاندا كۈتۈنۈش، ئىشقا ئورۇنلىشىش قاتارلىق ساھەلەردە كۆپ قوللىنىلدى. ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى ئۇچۇر مەركىزىنىڭ مۇدىرى جەي يەنلى مۇنداق دېدى: ئېلېكتىرونلۇق ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا ئەگىشىپ، ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسىنى ئەنئەنىۋى ۋە زامانىۋى ئۇسۇلدا قوللىنىش تېخىمۇ زىچلىشىپ، مەملىكەت بويىچە ئەنئەنىۋى ۋە زامانىۋى ئۇسۇلدا «ھەممىباب كارتا» ئىشلىتىش ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇپ، ئاممىغا تېخىمۇ كۆپ قولايلىقلار ئېلىپ كېلىندى.

  ئېلېكتىرونلۇق ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسى پۇقرالارغا «ئىش بېجىرگەندە قولايلىق يارىتىپ بېرىش» بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇلارنى «خاتىرجەم ئىش بېجىرگۈزەلەيدۇ». جەي يەنلى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئېلېكتىرونلۇق ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسى ئەمەلىي ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسىنىڭ بىخەتەرلىك سىستېمىسىنى ئاساس قىلىپ، ئېلېكتىرونلۇق گۇۋاھلىق بېرىش، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار قاتارلىق ئالاقە تورى بىخەتەرلىك تېخنىكا ۋاسىتىلىرىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئاممىنىڭ ئالاقە تورىدا «ھەقىقىي ئادەم، ھەقىقىي ئىسىم، ھەقىقىي كارتا»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، فۇجۇ، چىڭداۋ قاتارلىق جايلار تۇنجى تۈركۈمدىكى نۇقتىدا سىناق قىلىنىدىغان شەھەرلەر بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئېلېكتىرونلۇق ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىنى ئالدىن قانات يايدۇرىدۇ. ئوخشاشمىغان كەسىپلەردە ئېلېكتىرونلۇق ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسىنى قوللىنىش ھالقىسى ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەندىزىسى توغرىسىدا ئىزدىنىپ، نۇقتىدا سىناق قىلىش قوللىنىشلىرى ئارقىلىق ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسىنىڭ ئەنئەنىۋى ۋە زامانىۋى ئۇسۇلدا كەسىپلەرنى قوللاش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى