تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنىڭ جىنايى ماھىيىتىنى چوڭقۇر پاش قىلىمەن ۋە تەنقىد قىلىمەن

  شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتخانىسى ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى مەمەتجان يۇنۇس

  شىنجاڭ ھازىر ‹‹ئۈچ مەزگىل گىرەلىشىپ كەتكەن›› ئالاھىدە مەزگىلدە تۇرۇۋاتىدۇ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش ھازىرقى خىزمەتلىرىمىزدىكى ئەڭ مۇھىم ئىش. مەن پارتىيەنىڭ ئاخبارات خىزمەتچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ، مەسئۇلىيىتىم ۋە بۇرچۇمنى ھەقىقىي ئادا قىلىپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى قەتئىي ئاداققىچە كۈرەش قىلىمەن.

  پارتىيەگە مۇتلەق سادىق بولۇشىمىز كېرەك. ئاخبارات خىزمەتچىلىرى پارتىيە ۋە خەلقنىڭ تىلى ئىكەنلىكىمىزنى ھەر ۋاقىت ئەستە چىڭ ساقلاپ، ھەرقانداق ۋاقىت، ھەرقانداق ئەھۋالدا پارتىيەگە مۇتلەق سادىق بولۇشىمىز، ‹‹تۆت ئاڭ››نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا مۇتلەق سادىق بولۇشىمىز كېرەك، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن باشتىن – ئاخىر يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشىمىز، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلىشىمىز، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشىمىز كېرەك.

  ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنىڭ جىنايى ماھىيىتىنى قەتئىي پاش قىلىشىمىز ۋە تەنقىد قىلىشىمىز كېرەك. ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› مىللەت، دىننى دەستەك قىلىپ، شىنجاڭ تارىخى، شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ تەرەققىيات تارىخى، شىنجاڭدىكى دىنلارنىڭ ئۆزگىرىش تارىخىنى بۇرمىلاپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنى تارقىتىپ، مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇترىتىپ، ئامالىنىڭ بارىچە ۋەقە تۇغدۇرۇپ، پاراكەندىچىلىك سېلىپ، مىللەتلەرنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىغا، ھەر مىللەت خەلقنىڭ تىنچ، بەختلىك تۇرمۇشىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا ئۇرۇندى. ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەر قارىماققا ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە قارشى تۇرىمىز، دەپ ھەممىدىن بەكرەك توۋلىغان بىلەن، ئاستىرتىن ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نى قانات ئاستىغا ئالدى، ئۇلارغا يول قويدى، مەدەت بەردى، ئۇلارنىڭ خەۋپى ناھايىتى زور. بىز پارتىيەنىڭ ئاخبارات خىزمەتچىلىرى بۇرچ ۋە مەسئۇلىيەتنى زىممىمىزگە ئېلىپ، پارتىيەگە، خەلققە مۇتلەق سادىق بولۇش ۋە مەسئۇل بولۇش پوزىتسىيەمىز بىلەن يۈكسەك ھوشيارلىقنى ساقلاپ، سىياسىي مەيداندا چىڭ تۇرۇپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنىڭ جىنايى ماھىيىتىنى چوڭقۇر پاش قىلىپ ۋە تەنقىد قىلىپ، ئىدېئولوگىيە ساھەسىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش مەسئۇلىيىتىنى قەتئىي زىممىمىزگە ئېلىپ، ئىدېئولوگىيە ساھەسىنىڭ مۇتلەق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىپ، ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدىن ئىبارەت بۇ قاتتىق جەڭدە قەتئىي غەلىبە قىلىشىمىز كېرەك.

  مەن پارتىيەنىڭ تەربىيەسى، يېتىشتۈرۈشى ۋە غەمخورلۇقىدا ئۆسۈپ يېتىلگەن ئاخبارات خىزمەتچىسى، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنىڭ بۇزغۇنچىلىق ھەرىكەتلىرىگە ھەرگىز سۈكۈت قىلمايمەن. شۇنداق ۋەدە بېرىمەنكى، ‹‹تۆت ئاڭ››نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا مۇتلەق سادىق بولۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلايمەن؛ ئەۋزەللىكىمنى جارى قىلدۇرۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرىمەن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش كۈرىشىدە سەپنىڭ ئالدىدا تۇرىمەن، ئۈلگە بولىمەن، ئەمەلىيىتىم ئارقىلىق ئۈلگە بولۇپ، كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنى دادىل پاش قىلىمەن، ئېچىپ تاشلايمەن، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىپ، زوراۋان – تېررورچىلارنىڭ ھەيۋىسىنى قەتئىي يەرگە ئۇرىمەن، باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ باشلامچىسى، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ ئەمەلىيەتچىسى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىشنىڭ ئىلگىرى سۈرگۈچىسى، ئىدېئولوگىيە ساھەسىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداشنىڭ مۇھاپىزەتچىسى بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىشكە پۈتۈن كۈچ بىلەن تۆھپە قوشىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى