بوۋاڭ ئەيدىڭباۋ يەسلىسىدىكى بالىلار لياڭ چىچاۋنىڭ «ئۆسمۈرلەرنىڭ جۇڭگو توغرىسىدا بايانلىرى» دېگەن نەسىرىنى دېكلاماتسىيە قىلماقتا.
ئۆز خەۋىرىمىز: ئۈرۈمچىدىكى 100دىن ئارتۇق باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى، ئوقۇش يېشىغا توشمىغان بالىلار 4-ئاينىڭ 21-كۈنى ئۇچىسىغا ئەنئەنىۋى كىيىملەرنى كىيىپ، شىنجاڭ قەدىمىي ئېكولوگىيە باغچىسىدا كىلاسسىك ئەسەرلەرنى كوللېكتىپ دېكلاماتسىيە قىلىپ، «23-ئاپرېل دۇنيا كىتاب ئوقۇش كۈنى» نى قىزغىن كۈتۈۋالدى.
ئىگىلىنىشىچە، ئۈرۈمچىدە 4-ئاينىڭ 21-كۈنى «مەن كىلاسسىك ئەسەرلەر ۋارىسى» يۈرۈشلۈك پائالىيىتى باشلانغان بولۇپ، بۇنىڭدىن سىرت پۈتۈن شەھەردىكى بىر قىسىم باشلانغۇچ مەكتەپلەر داۋاملىق تۈردە كىلاسسىك ئەسەرلەرنى دېكلاماتسىيە قىلىش پائالىيىنى قانات يايدۇرغان ھەمدە سىنىپلار ئارا باھالاش ئېلىپ بارغان.
ئىككى كىچىك دوست سەھنىگە چىقىشتىن ئىلگىرى مەشىق قىلماقتا.
بالىلار يەلپۈگۈچ ئۇسسۇلى ئوينىماقتا.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك كۇتۇپخانىنىڭ باشلىقى جىن يىشىڭ (سولدىن 1-كىشى) بالىلارنىڭ موي قەلەمدە خەت يېزىشىغا يېتەكچىلىك قىلماقتا.
ئوقۇتقۇچىلار بالىلارنىڭ پىشانىسىگە قىزىل ئۇرۇپ، ئۇلارنى كۆپ كىتاب ئوقۇشقا ئىلھاملاندۇرماقتا.
بىر كىچىك دوست ئاپىسى بىلەن بەخت تىلەش دەرىخىگە ئۆز ئارزۇ تاختىسىنى ئاسماقتا.
قائىدە-يۇسۇن ئوقۇتقۇچىسى بالىلارنىڭ تۇرۇش قىياپىتىنى تۈزىمەكتە.
بالىلار كىلاسسىك ئەسەرلەرنى دېكلاماتسىيە قىلماقتا.