تەڭرىتاغ تورى   ›   قانۇن   ›   دېلو تەھلىلى

ئۈرۈمچى تاموژنىسى قاتتىق تاشلاندۇق ئەتكەسچىلىكى دېلوسىنى پاش قىلدى

چېن چياڭۋىي

   2018–يىلى 3–ئاينىڭ 28–كۈنى، ئۈرۈمچى تاموژنىسى پاش قىلغان «28–مارت» قاتتىق تاشلاندۇق ئەتكەسچىلىكى دېلوسى قورغاس ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىدە سوت قىلىنىپ قاراپ چىقىلدى. ئالتە جاۋابكار مال نامى، تاۋار نامى ۋە ئىشلەپچىقىرىلغان ئورۇننى يالغان مەلۇم قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن 1394.13 توننا قاتتىق تاشلاندۇقنى ئەتكەسچىلىك بىلەن چېگرادىن كىرگۈزگەن. مەزكۇر دېلو تاموژنا باش مەھكىمىسى تەرىپىدىن 1–دەرىجىلىك ۋىۋىسكا ئېسىپ ھەيدەكچىلىك قىلىدىغان دېلو قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن، مەملىكەت بويىچە تاموژنا تەكشۈرۈپ قولغا چۈشۈرگەن چېگرادىن ئۆتۈش قاتتىق تاشلاندۇق ئەتكەسچىلىكى دېلوسى ھېسابلىنىدىكەن.

   2017–يىلى 2–ئاينىڭ 21–كۈنى، 28–كۈنى قورغاس چېگراسىدىن ئۆتمەكچى بولغان ئىككى تاموژنىغا مەلۇم قىلىش تالونى ئۈرۈمچى تاموژنىسىنىڭ قارىمىقىدىكى قورغاس تاموژنىسىدىكى خادىملارنىڭ دىققىتىنى تارتتى.

   ئىككى تالوندا تېلېفون زاپچاسلىرى، دەپ مەلۇم قىلىنغان بۇ مال قازاقىستاندىن جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقى ئارقىلىق جۇڭگو شياڭگاڭغا توشۇلىدىغان مال ئىكەن. قارىماققا بۇ ئىككى مالنىڭ ھېچقايسىسىدا چاتاق يوقتەك كۆرۈنسىمۇ، لېكىن ئىنچىكە تەھلىل قىلغاندا، نامۇۋاپىقلىقىنى بايقىغىلى بولاتتى. چۈنكى شياڭگاڭنىڭ ئېلېكتىرون كەسپى قازاقىستاننىڭكىدىن تەرەققىي قىلغان بولۇپ، ئېلېكتىرونلۇق ئۈسكۈنىلەرنى قازاقىستاندىن شياڭگاڭغا ئىمپورت قىلىشتەك تەتۈر سودا لوگىكىغا ئانچە چۈشمەيتتى. تۈرلۈك بىنورمال ئەھۋاللار بۇ ئىككى تۈركۈم مالدا مەسىلە بارلىقىنى ئىسپاتلاپ تۇراتتى.

   تاموژنا خادىملىرى بۇ ئىككى تالوندا مەسىلە بارلىقىنى بايقىغاندىن كېيىن، دەرھال H986 ماشىنىسىنى قوزغىتىپ تەكشۈرۈپ، ئىككى تالون مالدىكى 6 كونتېينېرنىڭ ئىچىگە 165.025 توننا تاشلاندۇق خەۋەرلىشىش ئۈسكۈنىلىرى ھەم كېرەكسىز كابېل سىم قاچىلانغانلىقىنى بايقىدى. بىر ھەپتە ئىچىدە ئارقا – ئارقىدىن ئىككى قېتىم تۆمۈر يول پورتىدىن ئۆتمەكچى بولغان قاتتىق تاشلاندۇقنى بايقىغان تاموژنا خادىملىرى بۇ ئەھۋالنى ئەتكەسچىلەرنى تۇتۇش تارماقلىرىغا مەلۇم قىلدى.

   قورغاس تاموژنىسى، قورغاس تاموژنىسى ئەتكەسچىلىككە زەربە بېرىش شۆبە ئىدارىسى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەھلىل قىلىش ئارقىلىق، بۇ بىر قېتىملىق تاشلاندۇق ئالاقە ئۈسكۈنىلىرىنى شىنجاڭ پورتى ئارقىلىق شياڭگاڭغا توشۇپ، ئاندىن يەنە قايتۇرۇپ چېگرادىن ئۆتكۈزمەكچى بولغان قاتتىق تاشلاندۇق ئەتكەسچىلىكى دېلوسى، دەپ جەزملەشتۈردى.

   مەزكۇر دېلونىڭ قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانلىق پاكىتىنى تېزرەك ئېنىقلاش ئۈچۈن، ئۈرۈمچى تاموژنىسى ئەتكەسچىلىككە زەربە بېرىش ئىدارىسى 2017 – يىلى 3 – ئاينىڭ 28 – كۈنى مەخسۇس دېلو گۇرۇپپىسى تەشكىللىدى، قورغاس تاموژنىسى ئەتكەسچىلىككە زەربە بېرىش شۆبە ئىدارىسى دېلو تۇرغۇزۇپ رازۋېدكا قىلىپ تەكشۈردى.

   ئالاتاۋ ئېغىزىدا تەكشۈرۈپ ئىسپات ئېلىۋاتقان ئەتكەسچىلىككە زەربە بېرىش ساقچىسى باشقىلاردىن ئالاتاۋ پورتىدا يۇقىرىقى ماللارنى چېگرادىن ئۆتكۈزۈش رەسمىيىتىنى بېجىرگەن ۋاڭ Xنىڭ ئۇچۇرىغا ئېرىشتى. مەخسۇس دېلو گۇرۇپپىسى 3–ئاينىڭ 29–كۈنى ئالاتاۋ ئېغىزىدا ۋاڭ Xنى قولغا چۈشۈرۈپ، قابىل كۈچلەرنى تەشكىللەپ سوراق قىلدى.

   ۋاڭ X تەلەي سىناش مەقسىتىدە ھېچقانداق ئۇچۇرنى ئاشكارىلىمىدى. سوراقچىلارنىڭ قايتا–قايتا ئىدىيەۋى خىزمەت ئىشلىشى نەتىجىسىدە، ۋاڭ X  ئۆزىنىڭ قىلمىشىنىڭ قانۇنغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ، تاموژنا رەسمىيىتىنى ياردەملىشىپ بېجىرگەنلىكىدەك جىنايى قىلمىشىنى ئىقرار قىلدى ھەم مەزكۇر دېلودىكى مالنىڭ ئىگىسى بولغان جىنايەت گوماندارى چېڭ Xنى پاش قىلدى.

   مەخسۇس دېلو گۇرۇپپىسىدىكى خادىملار ۋاڭ Xنىڭ ئىقرارىغا ئاساسەن، قوغلاپ زەربە بېرىپ، جىنايەت گۇماندارى چېڭ Xنى شاڭخەيدە قولغا چۈشۈردى. چېڭ Xنىڭ ئىقرارىچە، 2010 – يىلىدىن ھازىرغىچە ئۇ ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ قىرغىزىستان، تاجىكىستان، قازاقىستاندا تېلېگراف شىركىتىنىڭ كونا ئەسلىھەلىرىنى چۇۋۇش، يىغىۋېلىش بىلەن شۇغۇللانغان ھەم يىغىۋالغان تاشلاندۇق ئالاقە ئۈسكۈنىلىرىنى جۇڭگو ئالاتاۋ پورتىغا توشۇپ، ۋاڭ X قاتارلىقلارنى بۇ ‹‹مال››نى مەلۇم شىركەتنىڭ نامى بىلەن ئالاتاۋ پورتى ئارقىلىق ليەنيۈنگاڭدىن شياڭگاڭغا توشۇيدىغان چېگرادىن ئۆتكۈزۈش رەسمىيىتىنى بېجىرىشكە قۇتراتقان.

   مەخسۇس دېلو گۇرۇپپىسى ۋاڭ X، چېڭ X تەمىنلىگەن يىپ ئۇچىغا ئاساسەن، 2017–يىلى 4–ئاينىڭ 5–كۈنى ئىككى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنى جېجياڭ ۋە گۇاڭدۇڭغا ئەۋەتىپ تۇتۇش ھەرىكىتى تەشكىللىدى. شۇ كۈنى سائەت 10لاردا، مەخسۇس دېلو گۇرۇپپىسىدىكى ساقچى جېجياڭ ئۆلكىلىك ج خ ئورگىنىنىڭ ياردىمىدە، جىنايەت گۇماندارى يۇەن Xنى قولغا چۈشۈردى.

   شۇنىڭ بىلەن بىللە، يەنە بىر گۇرۇپپىدىكى دېلو بېجىرگۈچى خادىملار گۇاڭدۇڭ فوشەنگە بېرىپ جىنايەت گۇماندارى لياڭ Xنى ئىزدىدى. مەخسۇس دېلو گۇرۇپپىسىدىكىلەر 4–ئاينىڭ 29–كۈنى شۇ جايدىكى ئەتكەسچىلىككە زەربە بېرىش تارماقلىرىنىڭ ياردىمىدە، مەزكۇر دېلودىكى يەنە بىر جىنايەت گۇماندارى دېڭ Xنى قولغا چۈشۈردى ھەم دېڭ Xنى قولغا چۈشۈرگەن ئىشخانىدىكى لياڭ Xنىڭ ئاكىسىنى سوراق قىلىپ، لياڭ X نىڭ قېيىنسىڭلىسىنىڭ ئۆيىگە يوشۇرۇنۇۋالغانلىقىنى ئۇققاندىن كېيىن، شۇ كۈنىلا لياڭ Xنى قوغلاپ تۇتتى.

   مەخسۇس دېلو گۇرۇپپىسىدىكىلەر دېلو تەھقىقلەش خىزمىتىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىغا ئاساسەن، يەنە خادىملارنى ئىچكىرىگە ئەۋەتىپ، دېلوغا چېتىشلىق جىنايەت گۇماندارى ۋۇ X، لياڭ Xنى قولغا چۈشۈردى.

   مەزكۇر دېلودىكى باش جىنايەتچى چېڭ X ئۆزىنىڭ شەخسىي مۇناسىۋىتىدىن پايدىلىنىپ، قازاقىستاندىن مال مەنبەسىنى تەشكىللەپ، قازاقىستاندىكى مەلۇم ھەسسىدارلىق شىركىتىنى مال تارقىتىپ بەرگۈچى، شياڭگاڭدىكى مەلۇم ساختا شىركەتنى مال تاپشۇرۇۋالغۇچى قىلىپ، گۇاڭجۇدىكى مەلۇم مال توشۇش ۋاكالەتچىلىك شىركىتىنىڭ نامىنى يالغاندىن ئارىيەتكە ئېلىپ دۆلەت ئىچىدىكى ۋاكالەتچىلىك قىلغۇچى تەرەپ قىلىپ، جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقى ئارقىلىق شياڭگاڭدىن چېگرادىن ئۆتۈشكە ئالاقىدار رەسمىيەتلەرنى بېجىرگەن.

   چېگرادىن ئۆتكۈزۈلىدىغان مال چېگراغا كىرگەندىن كېيىن، چېڭ X جىنايەت گۇماندارى ۋاڭ Xنى كونكرېت چېگرادىن ئۆتۈش رەسمىيەتلىرىنى بېجىرىشكە كۈشكۈرتكەن. ماللار شياڭگاڭغا يېتىپ كەلگەندىن كېيىن، جىنايەت گۇماندارى لىن X بىلەن يۇەن X دېڭ X، ۋۇ Xلەر بىلەن ئالاقىلىشىپ، دۆلەت چېگرادىن ئېلىپ كىرىشنى مەنئى قىلىدىغان تاشلاندۇق ئالاقە ئۈسكۈنىلىرىنى چېگرادىن كىرىشى چەكلىنىدىغان قاتتىق تاشلاندۇققا ئۆزگەرتىپ ئەتكەسچىلىك قىلىپ چېگرادىن ئېلىپ كىرمەكچى بولغان.

   قانۇننىڭ جازاسىدىن ھېچكىم قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ. بۇ «چەت ئەل ئەخلىتى»نى قانۇنسىز ئېلىپ ساتقان ۋە قاتتىق كېرەكسىز نەرسىلەرنى ئىمپورت قىلىش ئىجازەتنامىسىنى ئۆتۈنۈپ بەرگەن «قارا مەنپەئەت زەنجىرى» ئۈزۈل–كېسىل ئۈزۈپ تاشلاندى.  
 

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مىنىستىرلىقى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتتى
  • قاراجۈن مەنزىرە رايونى
  • يازدىكى نېلۇپەر گۈللىرى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى