تىيانشان تورى   ›   قانۇن   ›   قانۇن ئۇچۇرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى سوت مەھكىمىلىرى ئۈچ يىلغا يېقىن ۋاقىت ئىچىدە 400دىن ئارتۇق چەتئەلگە چېتىشلىق ھەق تەلەپ، سودا دېلوسىنى قاراپ چىقتى

    مۇخبىر ياڭ شۇخەننىڭ 3–ئاينىڭ 28–كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى ئاچقان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، 2015–يىلىدىن 2017–يىلىغىچە بولغان ئۈچ يىلغا يېقىن ۋاقىت ئىچىدە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك سوت مەھكىمىلىرى چەت ئەلگە چېتىشلىق ھەق تەلەپ، سودا دېلوسىدىن 411نى قاراپ چىققان، بۇنىڭ ئىچىدە يېرىمدىن كۆپرەك دېلو توختام ماجىراسىغا چېتىشلىق ئىكەن.

   ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك سوت مەھكىمىلىرى چەت ئەلگە چېتىشلىق ھەق تەلەپ، سودا دېلولىرىنى سوتلاش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، سوت قىلىش فۇنكسىيەسىنى پائال ئادا قىلىپ، تۈرلۈك چەت ئەلگە چېتىشلىق ھەق تەلەپ، سودا دېلولىرىنى قانۇن بويىچە ئادىل، يۇقىرى ئۈنۈملۈك قاراپ چىقىپ، چەت ئەلگە چېتىشلىق ھەق تەلەپ، سودا دېلولىرىنى قاراپ چىقىش ئىناۋىتى ۋە نوپۇزىنى ئاشۇرۇپ، ئادىل، ھەققانىي، ئېچىۋېتىلگەن، كەڭ قورساق، ئاشكارا، قولايلىق چەت ئەلگە چېتىشلىق ھەق تەلەپ، سودا ماجىرالىرىنى بىر تەرەپ قىلىش مېخانىزمى بەرپا قىلىشنى ئۈنۈملۈك ئەدلىيە كاپالىتى بىلەن تەمىنلىگەن.

   ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى ھەق تەلەپ سوتى 3–كوللېگىيەسى مەسئۇلىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، يېقىنقى ئۈچ يىلدىن بۇيان چەت ئەلگە چېتىشلىق ھەق تەلەپ، سودا دېلولىرى يۈز بەرگەن جايلار نىسبەتەن مەركەزلىك بولۇپ، سوت مەھكىمىلىرىنىڭ دېلو قوبۇل قىلىش نىسبىتى سەل ئاشقان. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى سوت مەھكىمىلىرى 2015–يىلى چېگرا سودىسى دېلوسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان چەت ئەلگە چېتىشلىق ھەق تەلەپ، سودا دېلوسىدىن 130نى قوبۇل قىلغان، 2016–يىلى 138نى قوبۇل قىلغان، 2017–يىلى 143نى قوبۇل قىلغان بولۇپ، يېرىمدىن كۆپرەك دېلو توختام ماجىراسىغا چېتىلغان.

   تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك سوت مەھكىمىلىرى ‹‹ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ <بىر بەلباغ، بىر يول> قۇرۇلۇشىنى ئەدلىيە مۇلازىمىتى ۋە كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش توغرىسىدىكى بىر قانچە پىكرى››نى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى سوت مەھكىمىلىرىنىڭ سوتلاش ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، «ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى ۋە يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى ئەدلىيە مۇلازىمىتى ۋە كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش توغرىسىدىكى بىر قانچە پىكرى»نى يولغا قويۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى سوت مەھكىمىلىرىنىڭ سوت قىلىش فۇنكسىيەلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى ۋە يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنىڭ ئوڭۇشلۇق يولغا قويۇلۇشىغا ئۈنۈملۈك مۇلازىمەت قىلغان.   
 

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى