تىيانشان تورى   ›   قانۇن   ›   قانۇن ساۋات

ساقچىلار ئاممىنى تور روزغارچىلىقىدا سوغۇققان بولۇشقا ئەسكەرتتى

   مۇخبىرىمىز سۇي يۈنيەن خەۋەر قىلىدۇ: يېقىندا سانجى شەھىرىدە ئىككى قېتىم تور روزغارچىلىقى ئالدامچىلىقى دېلوسى يۈز بەرگەن، جىنايەتچىلەر «ھەر كۈنى پايدا قايتۇرۇش»، «يۇقىرى پايدا»›نى يەمچۈك قىلىش ئارقىلىق، ئىككى نەپەر شەھەر ئاھالىسىنىڭ 500 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋالغان.
   خېX 2017 –يىلى 11–ئايدا توردىكى مەلۇم روزغارچىلىق سۇپىسىدا 470 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ، ئىلگىرى–كېيىن بولۇپ 70 مىڭ يۈەن پايدىسىنى تاپشۇرۇۋالغان. 2018 –يىلى 3–ئاينىڭ 28–كۈنى سۇپىنى ئاچالمىغاندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ ئالدانغانلىقىنى بايقىغان؛ جاۋX 2018 –يىلى 1–ئايدا مەلۇم دوستلىشىشAPP سىدە لىX بىلەن تونۇشقان، ئىككىيلەن مەلۇم روزغارچىلىق سۇپىسىدا بىللە مەبلەغ سېلىشقا كېلىشكەن، شۇنىڭ بىلەن جاۋX ئالىپاي ئارقىلىق 11مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇلنى تولۇقلىغان، 3–ئاينىڭ 28–كۈنى سۇپا ئېچىلمىغان ھەم لىX بىلەن ئالاقىلىشالمىغاندىن كېيىن، جاۋX ئۆزىنىڭ ئالدانغانلىقىنى بىلگەن ھەم ساقچىغا دېلو مەلۇم قىلغان.

   ئالاقە تورى پۇل مۇئامىلە ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، توردىكى تۈرلۈك روزغارچىلىق مەھسۇلاتلىرى ئاممىنىڭ ئىستېمالغا مەبلەغ سېلىشتىكى قىزىق نۇقتىسىغا ئايلاندى، جىنايەتچىلەرمۇ ئاممىنىڭ مەبلەغ سېلىش پىسخىكىسىدىن پايدىلىنىپ ئالدامچىلىق قىلدى. كۆپ ساندىكى ئالدامچىلىقنىڭ شاخلىتىپ سېتىش خاراكتېرى بولۇپ، ئالدامچىلار مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك ئەزا تەرەققىي قىلدۇرۇش سانىنى ھېسابلاش ئاساسى قىلىپ، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ كىشىلىك مۇناسىۋەت تورىدىن پايدىلىنىپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنى ئالدىماقتا.

   ساقچىلار مۇنۇلارنى ئەسكەرتتى: مەبلەغ سالغۇچىلار پايدىلا ئېلىپ زىيان تارتمايدىغان ‹‹سودا››غا ھەرگىز ئىشەنمەسلىكى كېرەك. توردىكى ناتونۇش مەبلەغ سېلىش تۈرىگە نىسبەتەن، ئەڭ ياخشىسى نەق مەيداندا تەكشۈرگەندىن كېيىن، ئاندىن مەبلەغ سېلىشنى ئويلىشىشى كېرەك. ئالدى بىلەن تورغا چىقىپ ماس «مەبلەغ سېلىش شىركىتى»›نىڭ نامى، تەشۋىق قىلغان مەھسۇلاتى، پايدا ئەندىزىسى، ھەتتا مۇلازىمەت تېلېفونى، QQسى، پۇل مۇئامىلە ھېسابات نومۇرى قاتارلىقلارنى ئىزدەپ تېپىپ، پۇل ئەۋەتكەن ياكى ھېسابات ئەۋەتكەن ئاساسىنى ساقلاپ قويۇشى كېرەك. ئۆزلىرىنىڭ ئالدامچىلىققا ئۇچرىغانلىقىنى ھېس قىلغان ھامان ساقچىغا دېلو مەلۇم قىلشى كېرەك.
 

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى