تىيانشان تورى   ›   قانۇن   ›   قانۇن ساۋات

ئىدارە كوللېكتىپ سېتىۋالغان كۈتۈلمىگەن زەخىم سۇغۇرتىسى تۆلەم پۇلى شەخسكە تەۋە بولامدۇ؟

ياڭشۇخەن


    سۈن  X

    2017–يىلى 6–ئايدا كورلىدىكى مەلۇم قۇرۇلۇش ئورنىدا سىرچىلىق قىلغان. شۇ يىلى 8–ئايدا تاختىپەر ئۈستىدە ئىش قىلىۋاتقاندا تېيىلىپ كېتىپ يىقىلىپ چۈشكەن، بەل ئومۇرتقىسى سۇنۇپ يېرىم پارالېچ بولغان، قوۋۇرغىسى، تاغاق سۆڭىكى سۇنغان، مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار ئۇنىڭ مېيىپلىكىنى باھالاش ئارقىلىق 2–دەرىجىلىك مېيىپ دەپ بېكىتكەن.

   قۇرۇلۇش ئورنىغا كېلىپ ئىشلەشتىن بۇرۇن سۈن X  تۇرۇشلۇق قۇرۇلۇش قىلغۇچى كارخانا سۇغۇرتىلاتقۇچى سالاھىيىتى بىلەن سۈن X قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كارخانىدىكى ئىشچى  خىزمەتچىلەرگە بىناكارلىق قۇرۇلۇش خادىملىرى كوللېكتىپ كۈتۈلمىگەن زەخىم سۇغۇرتىسى سېتىۋېلىپ، سۇغۇرتا پۇلىنى تاپشۇرغان، سۇغۇرتا چېكى ھەر بىرەيلەننىڭ 600 مىڭ يۈەن دەپ بېكىتىلگەن. سۈن X يېقىلىپ چۈشكەن ۋاقىت سۇغۇرتا مۇددىتى ئىچىدە بولغاچقا، سۈن X دوختۇرخانىدىن چىققاندىن كېيىن سۇغۇرتا شىركىتىدىن تۆلەم تەلەپ قىلغان. قۇرۇلۇش قىلغۇچى كارخانا مۇنداق قارىغان: بۇ سۇغۇرتىدىكى سۇغۇرتىلاتقۇچى شىركەت، سۇغۇرتا پۇلىنى تۆلىگۈچىمۇ شىركەت، شۇڭا سۇغۇرتا شىركىتى تۆلەمنى شەخسكە ئەمەس، شىركەتكە بېرىشى كېرەك، سۈن X تۆلەمنى شىركەتتىن  تاپشۇرۇۋېلىشى كېرەك. سۇغۇرتىدىن مەنپەئەتلەنگۈچىنىڭ سالاھىيىتى ئىزچىل ئېنىق بېكىتىلمىگەچكە، سۇغۇرتا شىركىتى تۆلەم تۆلىمىگەن، كۆپ قېتىم كېڭىشىپ بىرلىككە كېلەلمىگەندىن كېيىن، سۈن X كورلا تۆمۈر يول تىرانسپورت سوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلىپ، سوت مەھكىمىسىدىن سۇغۇرتا شىركىتىدىن ئۆزىگە 600 مىڭ يۈەن سۇغۇرتا پۇلىنى تۆلىتىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان.

   ئىگىلىنىشىچە، كوللېكتىپ كۈتۈلمىگەن زەخىم سۇغۇرتىسنىڭ تولۇق ئاتىلىشى بىناكارلىق قۇرۇلۇش خادىملىرى كوللېكتىپ كۈتۈلمىگەن زەخىم سۇغۇرتىسى بولۇپ، 16 ياشتىن 65 ياشقىچە بولغان، سالامەتلىكى ياخشى، نورمال خىزمەت قىلالايدىغان ياكى نورمال ئەمگەك قىلالايدىغان پۇقرالار قۇرۇلۇش قىلىۋاتقان مەيداندا ئىش باشقۇرۇۋاتقان ياكى ئىشلەۋاتقان بولسا ھەمدە قۇرۇلۇش قىلغۇچى كارخانا بىلەن قانۇنلۇق ئەمگەك مۇناسىۋىتى ئورناتقان بولسا، سۇغۇرتىلانغۇچى سۈپىتىدە سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرۇلىدىكەن.

   مەزكۇر دېلوغا مەسئۇل باش سوتچىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇنداق سۇغۇرتىدا كۆپ ھاللاردا قۇرۇلۇش قىلغۇچى كارخانا سۇغۇرتىلاتقۇچى بولۇپ، سۇغۇرتا شىركىتىگە سۇغۇرتا پۇلى تاپشۇرىدىكەن، قۇرۇلۇش ئورنىدا ئىشلەۋاتقان ئىشچى سۇغۇرتىلانغۇچى سۈپىتىدە سۇغۇرتا جاۋابكارلىقى كۈچكە ئىگە مۇددەت ئىچىدە قۇرۇلۇش مەيدانىدا ياكى بېكىتىلگەن قۇرۇلۇش قىلىۋاتقان تۇرمۇش رايونىدا كۈتۈلمىگەن زەخىم ھادىسىلىرىگە يولۇقسا، سۇغۇرتا شىركىتى سۇغۇرتا جاۋابكارلىقى بولغان جىسمانىي سۇغۇرتىنى ئۈستىگە ئالىدىكەن. دۆلىتىمىزنىڭ سۇغۇرتا قانۇنىدا: سۇغۇرتىلاتقۇچى ئۆزى بىلەن ئەمگەك مۇناسىۋىتى بولغان ئەمگەكچىنى جىسمانىي سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرۇشتا، سۇغۇرتىلانغۇچى ۋە ئۇنىڭ يېقىن تۇغقانلىرىدىن باشقا كىشىنى مەنپەئەتدار قىلىپ بېكىتسە بولمايدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن. شۇنىڭ ئۈچۈن قۇرۇلۇش كوللېكتىپ كۈتۈلمىگەن زەخىم سۇغۇرتىسىدىن مەنپەئەتلەنگۈچى شىركەت بولماي، سۇغۇرتىلانغۇچى ئۆزى بولۇشى كېرەك، سۇغۇرتا شىركىتى سۇغۇرتا تۆلەم پۇلىنى سۇغۇرتىلانغۇچىنىڭ ئۆزىگە بېرىشى كېرەك.

   سوتچىنىڭ قائىدە چۈشەندۈرۈشى ئارقىلىق، سۇغۇرتا شىركىتى قانۇن–بەلگىلىمىلەر ۋە سۇغۇرتا توختامىدا كېلىشكىنى بويىچە، تۆلەم پۇلىنى ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە تېز ۋاقىت ئىچىدە سۈن X نىڭ بانكا كارتىسىغا ئۇرۇپ بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇ دېلو دېلو تۇرغۇزۇلمىغان ئەھۋالدا ئوڭۇشلۇق بىر تەرەپ قىلىندى.   
 

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى