تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

تور كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش ئىستراتېگىيەلىك ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرايلى

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەملىكەتلىك تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش خىزمىتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا (1)

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

   ئالاقە تورىنى كىم ئىگىلىسە دەۋرنىڭ تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى شۇ قولىدا تۇتالايدۇ.

   باش شۇجى شى جىنپىڭ مەملىكەتلىك تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش خىزمىتى يىغىنىدا مۇھىم سۆز قىلىپ، ئىنسانلارنىڭ تارىخىي تەرەققىياتى، پارتىيە ۋە دۆلەت ئومۇمىيىتى يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىنقىلابىنىڭ بىزگە ئېلىپ كېلىدىغان پۇرسىتى ۋە خىرىسىنى ئىلمىي تەھلىل قىلىپ، پارتىيە 18–قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى تور ئۇچۇر ئىشلىرىدا قولغا كەلتۈرگەن تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى يۈكسەك ئومۇملاشتۇرۇپ، تور كۈچلۈك دۆلىتى ئىستراتېگىيەلىك ئىدىيەسىنى چوڭقۇر شەرھلەپ، نىشان خاراكتېرلىك، ئومۇمىي خاراكتېرلىك، تۈپ خاراكتېرلىك ۋە ئىستراتېگىيە خاراكتېرلىك بىر قاتار مەسىلىلەرنى سىستېمىلىق ئايدىڭلاشتۇرۇپ بېرىپ، ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى تور ئۇچۇر خىزمىتى توغرىسىدا مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇش قىلدى.

   بۇ، ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئوتتۇرىغا قويغان مۇھىم نەزەرىيەدە ۋە ئەمەلىي مەسىلىلەرگە ئىلمىي جاۋاب بېرىلگەن ماركسىزملىق پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت، تور كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش، رەقەملىك جۇڭگو قۇرۇش، ئاقىل جەمئىيەت قۇرۇشتىكى ھەرىكەت كۆرسەتمىسى.

   ئالاقە تورى دۇنياغا تەسىر كۆرسىتىدىغان مۇھىم كۈچ، ئالاقە تورىنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشىنىڭ تەسىر كۆرسىتىدىغان دائىرىسى كەڭ، دەرىجىسى چوڭقۇر بولۇپ، باشقا پەن–تېخنىكا نەتىجىلىرىنى بۇنىڭغا سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ. ھازىرقى دۇنيادا، كىمكى ئۇچۇرلاشتۇرۇشنىڭ چوڭ يۆنىلىشىنى بەكرەك تونۇسا ۋە ئىگىلىسە، يېڭى ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشىگە شۇ تېخىمۇ ئۇيغۇنلىشالايدۇ ۋە يېتەكچىلىك قىلالايدۇ، ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋىتى ۋە ئۈستقۇرۇلمىنىڭ ئۆزگىرىشىگە تېخىمۇ تۈرتكە بولالايدۇ، يېڭى، ھەر تەرەپلىمە، ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچى رىقابىتىدە يېڭىپ چىقالايدۇ. ئۇچۇرلاشتۇرۇش جۇڭخۇا مىللىتىگە تېپىلغۇسىز پۇرسەت ئېلىپ كەلدى، بىز بۇنىڭدىن ھەرگىز دېلىغۇل بولماسلىقىمىز، بوشاڭلىق قىلماسلىقىمىز، چوقۇم پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇشىمىز كېرەك.

   پارتىيە 18–قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئالاقە تورىغا ئەھمىيەت بېرىپ، ئالاقە تورىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ ۋە ئالاقە تورىنى تۈزەپ، جۇڭگوچە ئالاقە تورىنى باشقۇرۇش يولىدا مېڭىپ، تور كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش ئىستراتېگىيەلىك ئىدىيەسىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئېلىمىزنىڭ تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىشلىرىنى تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈش يولىغا يېتەكلىدى. تور كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش ئىستراتېگىيەلىك نىشانىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتىن ئېلىمىزنىڭ رەقەملىك ئىقتىساد كۆلىمىنىڭ بىر سەكرەپلا دۇنيادا 2–قاتارغا ئۆتۈشىگىچە، يەنە توردا سودا قىلىش، تېلېفوندا چىقىم قىلىش، سەپەرگە چىقىشتىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش قاتارلىق يېڭى تېخنىكىنى كەڭ كۆلەمدە ئومۇملاشتۇرۇشقىچە، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيەنىڭ تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش خىزمىتىگە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىك قىلىشنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى تەدبىرى، تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش خىزمىتى توغرىسىدىكى بىر قاتار ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ تامامەن توغرا ئىكەنلىكىنى، تور كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش ئىستراتېگىيەلىك ئىدىيەسىنىڭ ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىشىنىڭ ئىلمىي، كۈچلۈك بولغانلىقىنى، پارتىيەمىزنىڭ ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئېلىمىزنىڭ يېڭى تەرەققىيات يۇقىرى نۇقتىسىنى ئىگىلىشىگە، خەلقئارا رىقابەتتە يېڭى ئەۋزەل شارائىت بەرپا قىلىشقا ئېلىپ كەلگەن پايدىلىق پۇرسەتنى چىڭ تۇتقانلىقىنى تولۇق چۈشەندۈرۈپ بەردى.

   تور كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش ئىستراتېگىيەلىك ئىدىيەسى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ تۈپ مىزانى. بۇ قېتىمقى يىغىندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ‹‹بەشنى ئايدىڭلاشتۇرۇش›› ئارقىلىق تور كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى يۈكسەك دەرىجىدە يىغىنچاقلاپ بەردى: تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش خىزمىتىنىڭ پارتىيە، دۆلەت ئىشلىرى ئومۇمىيىتىدىكى مۇھىم ئورنىنى، تور كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنىڭ ئىستراتېگىيەلىك نىشانىنى، تور كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنىڭ پىرىنسىپال تەلىپىنى، ئالاقە تورىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە باشقۇرۇشتىكى خەلقئارالىق تەشەببۇسنى، تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ تۈپ ئۇسۇلىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ بەردى. ماركسىزملىق كىلاسسىك يازغۇچىلار ياشىغان دەۋردە ئالاقە تورى تېخى بارلىققا كەلمىگەن بولۇپ، ئۇلار بۇ مەسىلىگە كونكرېت جاۋاب بېرەلمەيتتى. تور كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش ئىستراتېگىيەلىك ئىدىيەسى پارتىيەمىزنىڭ نەزەرىيەدە ۋە ئەمەلىيەتتە يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرىنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈپ، ماركسىزملىق مەيدان، قاراش ۋە ئۇسۇلدىن تولۇق پايدىلىنىپ، ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئوتتۇرىغا قويغان بىر قاتار مۇھىم مەسىلىلەرگە بەرگەن ئىجادىي جاۋابى بولۇپ، ئۇنىڭدا ئۇزاق مۇددەت چىڭ تۇرۇشىمىز، ئۈزلۈكسىز موللاشتۇرۇپ راۋاجلاندۇرۇشىمىز كېرەك.

   ‹‹دۇنيا ئىشلىرى كۆپتۇر شۇنچە، چېلىندى بۇرغا چىقتۇق سەپەرگە››. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئېلىپ كەلگەن پۇرسەت ۋە خىرىسقا ئاساسەن، تۇنجى قېتىم مەملىكەت بويىچە تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش خىزمىتى يىغىنى ئېچىپ ئورۇنلاشتۇرۇش قىلدى، باش شۇجى شى جىنپىڭ توردىكى ئىجابىي تەشۋىقاتنى كۈچەيتىش، تور بىخەتەرلىكىنى قوغداش، ئۇچۇر ساھەسىنىڭ يادرولۇق تېخنىكىسىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئۇچۇرلاشتۇرۇشنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتىكى يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇش، تور بوشلۇقىنى خەلقئارالىق ئىدارە قىلىش جەريانىغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن قاتنىشىش قاتارلىق چوڭ–چوڭ مەسىلىلەرگە جاۋاب بېرىپ، نىشان كۆرسىتىپ بېرىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يىراقنى كۆرەرلىكى ۋە پۇرسەتنى ئىگىلەش ئىقتىدارىنى، خىرىسنى تىزگىنلەش ئىقتىدارىنى تولۇق نامايان قىلدى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، تور كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش ئىستراتېگىيەلىك ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، تور كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى تىرىشىپ ئىلگىرى سۈرىدىغانلا بولساق، دەۋرنىڭ تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى ئىگىلەپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ پارلاق كەلگۈسىنى قولغا كەلتۈرەلەيمىز.


(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4–ئاينىڭ 21–كۈنى تېلېگراممىسى)
        

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى