تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى

قارابەرەڭگى ئۆستۈرۈش ئۇسۇلى

    رايونىمىزنىڭ كىلىمات شارائىتى قارا بەرەڭگى ئۆستۈرۈشكە ماس كېلىدۇ. قارا بەرەڭگى تەركىبىدە ئاقسىل، ياغ، كاربون–سۇ بىرىكمىسى، كالتسىي، تۆمۈر، كالىي، مانگان قاتارلىق ئادەم بەدىنىگە پايدىلىق تەركىبلەر مول. شۇڭا ئوزۇقلۇق قىممىتى ۋە ئىقتىسادىي ئۈنۈمى يۇقىرى ئىقتىسادىي زىرائەت ھېسابلىنىدۇ.

  1. تېرىش تەييارلىقى: (1) يەرنى ئاغدۇرۇشتىن بۇرۇن ھەر مو يەرگە 3000 كىلوگىرام ئورگانىك ئوغۇت چېچىپ، يەرنى چوڭقۇر، تەكشى ئاغدۇرۇپ تېرىش ھالىتىگە كەلتۈرۈش لازىم؛ (2) ئۇرۇقلۇق تەييارلاش ۋە بىخلاندۇرۇش: ئۇرۇقلۇقنى تېرىشتىن 15–20 كۈن بۇرۇن 20 سېلسىيە گىرادۇسلۇق ئۆي تېمپېراتۇرىسىدا يەرگە تەكشى يېيىپ، مۇۋاپىق سۇ چېچىپ، سامان يېپىش، ئۇرۇق تەكشى بىخلانغاندا ئاپتاپقا سېلىپ، بىخنىڭ تىمەن ئۆسۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك؛ (3) ئۇرۇقلۇق قارا بەرەڭگىنى كېسىش: بىخلانغان ئۇرۇقلۇق قارا بەرەڭگىنى تېرىشتىن بىر كۈن بۇرۇن بىر–ئىككى تال بىخ قالدۇرۇپ 25 گىرام ئەتراپىدا كېسىپ تەييارلاش، كېسىشكە ئىشلىتىلىدىغان پىچاقنى ئالدى بىلەن %75لىك ئىسپىرتتا دېزىنفېكسىيەلەش لازىم.

  2.تېرىش: تېرىشتىن بۇرۇن ھەر مو يەرگە ئىككى ئاممونىيلىق فوسفات (胺二酸磷)تىن 20 كىلوگىرام، ئورىيا (素尿)دىن ئون كىلوگىرام، كالىيلىق ئوغۇتتىن 15 كىلوگىرام تەييارلاپ، ھەر قايسى ئورۇنلار ئۆز ئورنىنىڭ ئوغۇتلاش ئۇسۇلى ۋە تۇپراق تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسەن ئوغۇتلاشقا دىققەت قىلىش كېرەك. ئوغۇتلاشتىن بۇرۇن قۇر ئارىلىقىنى 70 سانتىمېتىرغا توغرىلاپ تانا تارتىپ، ئوغۇتنى تەكشى چېچىپ، چېچىلغان ئوغۇتنىڭ بەش سانتىمېتىر ئۈستىدىن قارا بەرەڭگى تېرىيدىغان چۆنەك تارتىپ، چۆنەككە تۈپ ئارىلىقىنى 20–24 سانتىمېتىر قىلىپ ئۇرۇقلۇق بەرەڭگىنى تېرىپ، ھەر مو يەردە 3500 – 4000 تۈپ ئەتراپىدا مايسا بولۇشقا كاپالەتلىك قىلىش، تېرىپ بولغاندىن كېيىن ئون سانتىمېتىر قېلىنلىقتا توپا يۆلەپ قىر چىقىرىش بىلەن بىللە، قىرنىڭ ئۈستىگە 70 سانتىمېتىرلىق يالتىراق يوپۇقنى تەكشى، ھىم يېپىش كېرەك.

  3. پەرۋىش قىلىش: مايسا ئۈنۈپ چىقىشقا باشلىغاندا ئېتىزنى ۋاقتىدا تەكشۈرۈپ، مايسىنىڭ يالتىراق يوپۇق ئاستىدا قېلىپ كۆيۈپ كېتىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، يالتىراق يوپۇقتىن تۆشۈك ئېچىپ مايسىنى سىرتقا چىقىرىش ھەم نەملىك قېچىپ كەتمەسلىك ئۈچۈن نەم توپىدا تۆشۈكنى ھىم ئېتىش لازىم. تۇپراق نەملىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئاساسىدا ۋاقتىدا سۇغىرىش، سۇغارغاندىن كېيىن ئوت – چۆپلەرنى ۋاقتىدا ئوتاپ، يەرنى چاغلاپ يۇمشىتىشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. مايسا تولۇق ئۈنۈپ چىققاندىن كېيىن مىكرو ئېلېمېنتلىق ئوغۇت چېچىپ مايسىنىڭ نورمال ئۆسۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ھوسۇلنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن زىرائەت ئۆستۈرۈش سۇيۇقلۇقى قاتارلىقلارنى بىر–ئىككى قېتىم يوپۇرماققا پۈركۈپ، تۈگۈنەك غولىنىڭ يوغىنىشىنى تېزلىتىش كېرەك. بۇ مەزگىلدە ئورىيانى كۆپ بېرىشكە بولمايدۇ، چېچەكلەش مەزگىلىدە ۋاقتىدا چېچىكىنى ئۈزۈۋېتىپ، كېسەل، ھاشارات زىيىنىنىڭ ئالدىنى ئېلىش–يوقىتىش ئۈچۈن، ۋاقتىدا دورا چېچىش كېرەك.

   4. ھوسۇلنى ۋاقتىدا يىغىۋېلىش: بازار ئەھۋالىغا قاراپ ۋاقتىدا يىغىۋېلىش، يىغىۋېلىش جەريانىدا بەرەڭگىنىڭ زەخىملىنىشىدىن ساقلىنىپ، ھوسۇل يىغىپ بولغاندىن كېيىن ئورنىغا باشقا زىرائەت تېرىشقا تەييارلىق قىلىش كېرەك.


       خاسىيەت تىلىۋالدى تەييارلىغان
 

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى