تەڭرىتاغ تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىپ، ئىككى يىلدا كارخانىلارنىڭ 7 مىليارد 800 مىليون يۈەن يۈكىنى يېنىكلەتتى

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى، 19-ئاپرېل تېلېگراممىسى. شىنجاڭ 2016- يىلىدىن باشلاپ، كۆپ تۈرلۈك ئىجتىمائىي سۇغۇرتىدا «پايدا» ئايرىپ، ئىجتىمائىي سۇغۇرتىنى كېچىكتۈرۈپ تاپشۇرۇش، ھەقنى تۆۋەنلىتىش، تولۇقلىما بېرىش قاتارلىق سىياسەت- تەدبىرلەرنى يولغا قويۇش ئارقىلىق ئىككى يىلدا كارخانىلارنىڭ 7 مىليارد 800 مىليون يۈەن يۈكىنى يېنىكلەتتى.

    مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، ئاپتونوم رايوننىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، شىنجاڭ 2016- يىلى 5- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ، كارخانا ئىشچى- خىزمەتچىلىرىنىڭ ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنىڭ ئىدارە تاپشۇرىدىغان ھەق نىسبىتىنى باسقۇچلۇق تۆۋەنلەتكەن، ئىدارە تاپشۇرىدىغان ھەق نىسبىتىنىڭ ھەممىسىنى %20 تىن %18 كە تۆۋەنلەتكەن؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسىنىڭ ئىدارە تاپشۇرىدىغان نىسبىتىنى %1.5 تىن %0.5 كە تەدرىجىي تەڭشىگەن. تىجارەتتە قىيىنچىلىققا ئۇچراپ، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىنى تاپشۇرۇشقا قۇربى يەتمىگەن كارخانىلارغا قارىتا «كېچىكتۈرۈپ تاپشۇرۇش» سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، ئالاقىدار كارخانىلارنىڭ ياشانغاندا كۈتۈنۈش، داۋالىنىش، ئىشسىزلىق، ئىش ئۈستىدە زەخىملىنىش، تۇغۇتتىن ئىبارەت بەش تۈرلۈك ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىنى ئەڭ ئۇزاق بولغاندا بىر يىل كېچىكتۈرۈپ تاپشۇرۇشىغا رۇخسەت قىلغان.

    بۇنىڭدىن سىرت، پولات- تۆمۈر، كۆمۈر كەسپىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئوشۇقچىلىقى ۋە ئىچكى قىسىمدا ئارامغا چىققان خادىملار مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، شىنجاڭ كارخانىلار ۋە شەخسلەرنىڭ ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى ۋە تۇغۇت سۇغۇرتىسى ھەققىنى تاپشۇرماسلىق سىياسىتىنى يولغا قويدى ھەم كارخانىلار ئەڭ تۆۋەن ھەق تاپشۇرۇش يىل چېكى توشقان پېنسىيەگە چىقىدىغان، خىزمەتتىن چېكىنىدىغان خادىملارنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ھەققىنى تاپشۇرماسلىقىنى بەلگىلەپ، قىيىنچىلىقى بار كارخانىلارنىڭ تىجارەتتىكى قىيىنچىلىقىنى يېنىكلىتىشكە ياردەم بەردى.

    ئىككى يىلدىن بۇيان، ئىجتىمائىي سۇغۇرتىدىكى بىر قاتار «پايدا» ئايرىش كارخانىلارنىڭ 7 مىليارد 861 مىليون يۈەن يۈكىنى يېنىكلەتتى، بۇنىڭ ئىچىدە ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىدا كارخانىلارنىڭ 3 مىليارد 608 مىليون يۈەن يۈكىنى، ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسىدا ئىدارە تاپشۇرىدىغان 2 مىليارد 448 مىليون يۈەن يۈكىنى، ئىش ئۈستىدە زەخىملىنىش سۇغۇرتىسىدا كارخانىلارنىڭ 565 مىليون يۈەن يۈكىنى، تۇغۇت سۇغۇرتىسىدا كارخانىلارنىڭ 512 مىليون يۈەن يۈكىنى، داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدا كارخانىلارنىڭ 728 مىليون يۈەن يۈكىنى يېنىكلەتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • ئۈرۈمچىدە قار تېيىلىش سورۇنلىرى تىجارەت باشلىدى
  • چاغانتوقاي ناھىيەسىدە چارۋىلار قىشلىق چارۋىچىلىق مەيدانىغا كۆچۈرۈلدى
  • جامبۇلاق تۇنجى نۆۋەتلىك قار-مۇز بايرىمى پىيادە مېڭىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى