تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە مەسئۇلىيەتنى باتۇرلۇق بىلەن زىممەمگە ئالىمەن، ئۈلگە بولىمەن

ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئوسمان تالىپ

    پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىققەتنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، باشتىن-ئاخىر توغرا سىياسىي يۆنىلىش، سەگەك سىياسىي كاللا، مۇستەھكەم سىياسىي مەيداننى ساقلاپ، «تۆت ئاڭ»نى پۇختا تۇرغۇزۇپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە ئىزچىل يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلايمەن، چوڭ ھەق-چوڭ ناھەق مەسىلىلىرىدە مەيدانىمنى مۇستەھكەم، بايرىقىمنى روشەن، تىلىم بىلەن دىلىمنى بىردەك قىلىمەن، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە مەسئۇلىيەتنى باتۇرلۇق بىلەن زىممەمگە ئېلىپ، ئۈلگە بولۇپ، «ئۈچ خىل كۈچ»، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى ئاداققىچە كۈرەش قىلىشقا قەسەم بېرىمەن، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قەتئىي قوغداپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا كۈچۈمنى بېغىشلايمەن.

   بايرىقىم روشەن ھالدا سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىمەن. مەن كىچىكىمدىن چېگرا رايوندا ياشاپ كەلگەچكە، پارتىيەنىڭ ئەتراپلىق غەمخورلۇقىغا ئېرىشىپ كەلدىم، پارتىيەنىڭ چېگرا رايونغا قاراتقان تۈرلۈك ياخشى سىياسەتلىرىدىن مەنپەئەتلەندىم، ھەر مىللەت ئامما ئۆزئارا ياردەم بېرىدىغان، ئىتتىپاق، دوستانە ئۆتىدىغان قويۇق كەيپىياتنى ھېس قىلدىم، مەن قەلبىمنىڭ چوڭقۇر قېتىدىن ئۇلۇغ پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرىمەن. مەن ماركسىزملىق مىللەتلەر نەزەرىيەسى، شىنجاڭنىڭ «ئۈچ تارىخ»ى ۋە دۆلەتنىڭ قانۇن-نىزاملىرى قاتارلىق بىلىملەرنى ئەستايىدىل ئۆگىنىشنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇپ، سىياسىي تەربىيەلىنىشىمنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، سىياسىي يۈكسەكلىكىمنى ئاشۇرۇپ، سىياسىي مەيدانىمنى مۇستەھكەملەپ، پارتىيەلىكلەر پارتىيە ئۈچۈن سۆزلەش، پارتىيەلىكلەر پارتىيەنى سۆيۈش، پارتىيەلىكلەر پارتىيەنى ھىمايە قىلىشنى باشتىن-ئاخىر ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيەنىڭ نۇرلۇق ئوبرازىنى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇتلەق نوپۇزىنى قوغدايمەن.

    تەشەببۇسكار، ياراملىق بولۇپ، مەسئۇلىيەتنى باتۇرلۇق بىلەن زىممەمگە ئالىمەن. مەن شىنجاڭنىڭ ھازىر يەنىلا «ئۈچ مەزگىل گىرەلىشىپ كەتكەن» ئالاھىدە تارىخىي دەۋردە تۇرۇۋاتقانلىقىدەك كەسكىن ۋەزىيىتىنى ۋە بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىكى، مۈشكۈللۈكى، مۇرەككەپلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ يېتىمەن. دىققەتنى باشتىن-ئاخىر باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش «بىرىكمە مۇشت» تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى پۇختا ئىگىلەپ، بۇرچنى زىممىگە ئېلىشنى كۈچەيتىمەن، «ئۈچ خىل كۈچ»، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە يوشۇرۇنغۇدەك جاي، قىلچىمۇ پۇرسەت قالدۇرمايمەن. ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى ۋە پارتىيەلىك كادىرلار ئارىسىدا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلار، ئاممىنى تەربىيەلەش ۋە يېتەكلەشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلار، ئاممىنى كۆزىنى يوغان ئېچىشقا، «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ رەزىل ماھىيىتىنى، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنىڭ سۆز-ھەرىكەت ئىپادىسىنى ئېنىق تونۇشقا، توغرا ھۆكۈم قىلىشقا، دەل جايىدا پەرقلەندۈرۈشكە، داۋاملىق زەربە بېرىشكە يېتەكلەپ، «ئۈچ خىل كۈچ»، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنىڭ پەيدا بولۇش تۇپرىقىنى ئەڭ زور چەكتە يوقىتىپ، ياخشى ئىجتىمائىي مۇھىت يارىتىمەن.

   ئۈلگە كۆرسىتىپ يېتەكلەشتە باشلامچى بولىمەن. ئەۋزەللىكىمنى جارى قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، باشلامچىلىق بىلەن ئۆيمۇ ئۆي كىرىپ ئاممىدىن ئەھۋال ئىگىلەش، ئۇلار بىلەن بىللە تۇرۇشنى دائىملاشتۇرۇپ، ھەر مىللەت ئامما بىلەن بىللە غىزالىنىپ، بىللە تۇرۇپ، بىللە ئەمگەك قىلىپ، بىللە ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىش، يېتەكلەش جەھەتتە سىياسەتنى ئېنىق سۆزلەپ، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشتا قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىشقا ياردەم بېرىپ، ئەلرايىنى ئىگىلەشتە مەسىلىلەرنى بايقاپ، ھەر مىللەت ئاممىنى پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا تەربىيەلەيمەن، يېتەكلەيمەن. باشلامچىلىق بىلەن «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىشنى ئۆزۈمدىن، كىچىك ئىشلاردىن باشلاپ، ھەر مىللەت ئاممىنى ئىناق ئۆتۈشكە، ئۆزئارا ھەمدەم بولۇشقا يېتەكلەپ، مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، ئارىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى