تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچىدىكى خەلققە قولايلىق ساقچى ئىشلىرى پونكىتىدا تۇنجى قاتناش قانۇنىغا خىلاپ قىلمشىلارنى بىر تەرەپ قىلىش نۇقتىسى ئېچىلدى

4-ئاينىڭ 19-كۈنى، ئۈرۈمچى پويىز ئىستانسىسى غەربىي ۋوگزالى ئالدى مەيدانىدىكى T040-نومۇرلۇق خەلققە قولايلىق ساقچى ئىشلىرى پونكىتىدا، خەلق ساقچىسى شەھەر ئاھاللىرىنىڭ قاتناش قانۇنىغا خىلاپ قىلمىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش رەسمىيىتنى بېجىرمەكتە.

  شىنجاڭ تورى خەۋىرى: ئۈرۈمچى پويىز ئىستانسىسى غەربىي ۋوگزالى ئالدى مەيدانىدىكى خەلققە قولايلىق ساقچى ئىشلىرى پونكىتىدا قاتناش قانۇنىغا خىلاپ قىلمىشلارنى بىر تەرەپ قىلىپ رەسمىيەت بېجىرگىلى بولدىغانلىقىدىن خەۋەردار بولغاندىن كېيىن، شەھەر ئاھالىسى ۋۇ شىنخۇەي ئەتىگەندىلا يېتىپ كىلىپ، بەش مىنۇتقا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە قاتناش قانۇنىغا خىلاپ ھالدا ئاپتوموبىل توختىتىش قىلمىشىنى بىر تەرەپ قىلىپ رەسمىيىتىنى بېجىرىپ بولدى.

  4-ئاينىڭ 19-كۈنى، ئۈرۈمچى پويىز ئىستانسىسى غەربىي ۋوگزالى ئالدى مەيدانىدىكى T040-نومۇرلۇق خەلققە قولايلىق ساقچى ئىشلىرى پونكىتى ئېلېكتىرونلۇق ساقچى قاتناش قانۇنىغا خىلاپ قىلمىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش كەسپىنى يولغا قويدى، شۇنىڭ بىلەن بۇ پونكىت پۈتۈن شەھەردە تۇنجى بولۇپ خەلققە قولايلىق يارىتىپ كەسىپ بېجىرىدىغان تۈرنى يولغا قويغان ساقچى ئىشلىرى پونكىتى بولۇپ قالدى.

  نۆۋەتتە، بۇ خەلققە قولايلىق ساقچى ئىشلىرى پونكىتى ھەر كۈنى ئەتىگەن سائەت 10:30دىن سائەت 13:30 غىچە، چۈشتىن كېيىن سائەت 15:30دىن سائەت 19:00 غىچە ئېلېكتىرونلۇق ساقچى قاتناش قانۇنىغا خىلاپ قىلمىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش كەسپىنى بېجىرىدىكەن.

  بەش مىنۇتقا يەتمىگەن ۋاقىتتا كەسىپ بېجىرىپ بولغان ۋۇ شىنخۇەي خۇشال بولغان ھالدا مۇنداق دېدى: ھازىر قاتناش قانۇنىغا خىلاپ قىلمىشلارنى بىر تەرەپ قىلىپ رەسمىيەت بېجىرىش ئۈچۈن ئۇزۇن ئۆچرەت كۈتۈشكە توغرا كېلىدۇ، دوستۇم پويىز ئىستانسىسى غەربىي ۋوگزالى ئەتراپىدا تۇراتتى، ئۇ ئەتراپتىكى خەلققە قولايلىق ساقچى ئىشلىرى پونكىتى قاتناش قانۇنىغا خىلاپ قىلمىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش كەسپىنى يولغا قويغانلىقىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن بۇ خۇشخەۋەرنى ماڭا يەتكۈزدى. بىلىدىغانلار كۆپ بولمىغاچقىمۇ ئۆچرەتتە تۇرۇشمۇ ھاجەتسىز ئىكەن، شۇنداق تېز بېجىرىپ بولدۇم.

  پويىز ئىستانسىسى غەربىي ۋوگزالى ئەتراپىدا ئولتۇرۇشلۇق گو لىنمۇ ئەتىگەندىلا كېلىپ قىزىل چىراغنى بۆسۈپ ئۆتۈش قىلمىشىنى بىر تەرەپ قىلىپ رەسمىيەت بېجىردى. ئۇ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: مەن بىر ئىككى كۈننىڭ ئالدىدا KT040-نومۇرلۇق خەلققە قولايلىق ساقچى ئىشلىرى پونكىتىنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقاندا بۇ يەرنىڭ قاتناش قانۇنىغا خىلاپ قىلمىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش رەسمىيەت بېجىرىش كەسىپىنى يولغا قويغانلىقى ئۇقتۇرۇشىنى كۆرۈپ قالدىم، بۇ بىزگە بەك قولايلىق بولدى، ئۆز ئۆيۈمىزنىڭ ئالدىدىلا كەسىپ بېجىرەلەيدىغان بولدۇق.

  شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ قاتناش قانۇنىغا خىلاپ قىلمىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىپ كەسىپ بېجىرىشىگە قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن، KT040-نومۇرلۇق خەلققە قولايلىق ساقچى ئىشلىرى پونكىتى مەخسۇس ئىشخانا ئاجرىتىپ، قاتناش قانۇنىغا خىلاپ قىلمىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈسكۈنىسىنى تەسىس قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە ئالدىنقى مەزگىلدە ساقچىلار قاتناش ساقچى ئەترىتىگە بېرىپ مەشغۇلات ئېلىپ بېرىش جەھەتتە تەربىيەلىنىپ، خەلق ئاممىسى ئۈچۈن ئەلا مۇلازىمەت قىلىشقا تەييارلاندى.

  ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى) قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى ليۇ جىڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتى بىرقەدەر يىراق جايغا جايلاشقان بولۇپ، ۋېيتەي يولى بىلەن بولغان ئارىلىقى 11 كىلومېتىر كېلىدىكەن. نۆۋەتتە، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ بۇ جايغا كېلىشى بىر ئاز قولايسىز ئىكەن. چوڭ ئەترەتنىڭ ھازىر قائىدىگە خىلاپ قىلمىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش كۆزنىكىدىن ئىككىسى بولۇپ، خىزمەت ۋاقتىدا كەسىپ بېجىرگەندىن سىرت، كەچتىمۇ ئىسمېنا قوشۇپ كەسىپ بېجىرىدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا شاڭخەي يولى غەربىي 2-كوچىسى 27-نومۇرلۇق جۇڭيانەن مەھەللە كومىتېتىدا كەسىپ بېجىرىشنى ئۇزارتىش نۇقتىسى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، ھەر كۈنى چوڭ ئەترەت تەۋەلىكى ئىچىدىلا 400دىن ئارتۇق قاتناش قائىدىسىگە خىلاپ قىلمىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش رەسمىيىتىنى بېجىرىدىكەن، شۇنداق تۇرۇقلۇق يەنە شەھەر ئاھالىرىنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرالمايدىكەن.

  ليۇ جىڭ مۇنداق دېدى: خەلققە قولايلىق ساقچى ئىشلىرى پونكىتى ئېلېكتىرونلۇق ساقچى قاتناش قانۇنىغا خىلاپ قىلمىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش كەسىپىنى يولغا قويۇش ئارقىلىق شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ بۇ رەسمىيەتلەرنى بېجىرىشىگە قولايلىق ياراتتى.

  نۆۋەتتە، پويىز ئىستانسىسى غەربىي ۋوگزالى ئالدى مەيدانىدىكى خەلققە قولايلىق ساقچى ئىشلىرى پونكىتى ئاساسىي جەھەتتىن غەربىي ۋوگزال، ۋاڭجياگۇ، «1-ئاۋغۇست» پولات-تۆمۈر گۇرۇھى بۆلەك رايونلىرىدىكى شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ رەسمىيەت بېجىرىشىگە قولايلىق ئېلىپ كەلدى. كېيىنكى مەزگىلدە ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخانا رايونى) قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتى تەۋەلىكتىكى كىشىلەر زىچ ئولتۇراقلاشقان بەش رايوندىكى خەلققە قولايلىق ساقچى ئىشلىرى پونكىتىنى تاللاپ چىقىپ، كېيىنكى تۈركۈمدە ئېلېكتىرونلۇق ساقچى قاتناش قانۇنىغا خىلاپ قىلمىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش كەسىپىنى بېجىرىش نۇقتىسى تەسىس قىلىدىكەن.

  قاتناش ساقچىلىرى شەھەر ئاھالىلىرىگە KT040-نومۇرلۇق خەلققە قولايلىق ساقچى ئىشلىرى پونكىتى ئەتراپىدىكى ئۈچ ئورۇنغا 150 ئاپتوموبىل توختاتقىلى بولىدىغان ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانى تەسىس قىلىنغانلىقىنى، شۇنىڭدەك كەسىپ بېجىرىپ رەسمىيەت ئۆتىگىلى كەلگەنلەرنىڭ ئاپتوموبىللارنى ئاڭلىق توختىتىشىنى ئەسكەرتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى