تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

باش قىچىشىشنىڭ سەۋەبى ۋە ئۇنى يەڭگىللىتىش ئۇسۇلى

    ھەممە كىشى ساغلام چاچقا ئىگە بولۇشنى ئويلىسىمۇ، ئەمما باش تېرىسى مەسىلىسى ساغلام چاچقا ئىگە بولۇشقا توسالغۇ بولىدۇ، باش قىچىشىش دەل مۇشۇ توسالغۇلارنىڭ بىرى. ئۇنداقتا بۇنىڭ سەۋەبلىرى قايسىلار؟ قانداق قىلغاندا باش قىچىشىش ئەھۋالىنى يەڭگىللەتكىلى ياكى ئۇنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ؟

    باش قىچىشىشنىڭ سەۋبى پەقەت بىرلا خىل بولمايدۇ، مەسىلەن، پاتولوگىيەلىك كېپەكلىشىشتە باش تېرىسى قىچىشىش ئالامەتلىرى تەڭ كۆرۈلىدۇ. شىنخۇا تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پاتولوگىيەلىك كېپەكلىشىشنى زەمبۇرۇغ كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بولۇپ، زەمبۇرۇغنىڭ باش تېرىسىدە كۆپلەپ كۆپىيىشى باش تېرىسى مۈڭگۈز قەۋىتىنىڭ زىيادە ئۆسۈشىنى، مۈڭگۈز قەۋىتى ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئاق ياكى كۈلرەڭ قاسراق شەكىلدە بىنورمال سويۇلۇپ چۈشۈپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. كېپەك پەيدا بولغاندا دائىم باش قىچىشىش، ياللۇغلىنىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلۈپ، باش تېرىسى ئاجىزلاپ ھەم زىيادە سەزگۈرلىشىپ كېتىدىكەن.

    بۇنىڭدىن سىرت،  باشتىكى ماي ۋە باش يۇيۇش ئۇسۇلىنىڭ توغرا بولماسلىقى سەۋەبلىك باش قىچىشىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ. خۇالۇڭ تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، چاچنىڭ يىلتىز قىسمى ئاجرىتىپ چىقارغان ماي چاڭ-توزان بىلەن بىرلىشىپ مايلىق كىرنى شەكىللەندۈرۈپ ئاندىن كېپەكلەر بىلەن ئارىلىشىپ، ياغ بېزى ۋە تەر بېزى توسۇلۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن، شۇنىڭ بىلەن باش قىچىشقاندەك سېزىم پەيدا بولىدىكەن، باشنى قانچە قاشلىغانسېرى شۇنچە قىچىشىدىكەن.

    يەنە بىرى، چاچنى يۇيغاندا پاكىز چايقىمىغاندا، سۈپەتسىز چاچ يۇيۇش سۇيۇقلۇقى ئىشلەتكەندە، چاچنى بۈدرە قىلىپ ئۇزۇن ۋاقىتقىچە باشنى يۇيمىغاندا، باش لۆڭگىسى ياكى تارغاقتا باكتېرىيە بولغاندا باش قىچىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.

    يەر شارى تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، باش تېرىسىنى ئاسراش مەھسۇلاتلىرىنى تاللاشقا ئەھمىيەت بېرىش، باش تېرىسىنى ئاسراش مەھسۇلاتلىرى بىلەن چاچ يۇيغاندا قالدۇقى قالماسلىققا كاپالەتلىك قىلىش، چاچ يىلىمى، چاچ قاتتۇرما پۈركۈمىسى ۋە يۇيۇۋەتمىسىمۇ بولىدىغان پۈركۈمىنى قالايمىقان ئىشلەتمەسلىك كېرەك ئىكەن. باش قىچىشىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلگەندە، باش تېرىسىگە بىر نەچچە تېمىم چاي دەرىخى ياكى ئېۋكالىپىت دەرىخى مېيى تېمىتىش ئارقىلىق قىچىشىشنى يەڭگىللەتسە بولىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى