تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ئائىلە

ئىناق ئەر-ئاياللار توغرىسىدىكى سانلىق مەلۇماتلار

ماتېرىيال سۈرەت

    ئەر-ئايالنىڭ بىرگە تۇرمۇش كەچۈرۈشى بىر ئىلىم شۇنداقلا بىر سەنئەت. ئۇنداقتا قانداق قىلغاندا ئىناق ئەر-ئاياللاردىن بولغىلى بولىدۇ؟ يېقىندا تەتقىقاتچىلار دۇنيانىڭ جاي-جايلىرىدىكى ئەر-ئاياللارنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق، ئىناق ئەر-ئاياللارنىڭ تۇرمۇش كەچۈرۈشتە بەزى ئۇسۇللىرى بارلىقىنى بايقىدى. ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە، ئىناق ئەر-ئاياللارنىڭ جورىسى بىلەن نۇرغۇن ئورتاقلىقى بار ئىكەن، سۆھبەتلىشىشنى ناھايىتى مۇھىم دەپ بىلىدىكەن، ھەر كۈنى ۋاقىت ئاجرىتىپ ھەمراھى بىلەن پاراڭلىشىپ تۇرىدىكەن. ئىناق ئەر-ئاياللار قارشى تەرەپنىڭ مەخپىيەتلىكىگە ھۆرمەت قىلىدىكەن، مۇشۇنداق قىلغاندا ئۇلار تېخىمۇ ئىناق ئۆتەلەيدىكەن.

   95% ئىناق ئەر-ئاياللارنىڭ ھەمراھى بىلەن  ئورتاق قىزىقىشى، ئورتاق ياقتۇرۇپ يەيدىغان يېمەكلىكى دېگەندەك نۇرغۇن ئورتاقلىقى بار ئىكەن.

   75% ئىناق ئەر-ئايال بەزىدە ئۇرۇشۇپ قالىدىكەن. ئۇرۇشۇپ قېلىشمۇ ئەر-ئايالنىڭ پىكىر ئالماشتۇرۇش ئۇسۇلى بولۇپ، قېتىم سانى بەك كۆپ بولمىسىلا ئەر-ئايالنىڭ مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرىدىكەن.

   60% ئىناق ئەر-ئايال دائىم دېگۈدەك يېقىنچىلىق قىلىپ تۇرىدىكەن، توي قىلغىنىغا 20-30 يىل بولغان بولسىمۇ، ئەر-ئاياللىق تۇرمۇشقا داۋاملىق ئەھمىيەت بېرىدىكەن.

   40% ئىناق ئەر-ئايال سۆھبەتلىشىشنى ناھايىتى مۇھىم ئورۇنغا قويىدىكەن، ھەر كۈنى ۋاقىت ئاجرىتىپ قارشى تەرەپ بىلەن پاراڭلىشىدىكەن، بۇنى تۇرمۇشىنىڭ ئەڭ سۆيۈملۈك بىر قىسمى، دەپ بىلىدىكەن.

   27% ئىناق ئەر-ئايال بىر-بىرىگە بوشلۇق بېرىدىكەن، قارشى تەرەپنىڭ مەخپىيىتىگە ھۆرمەت قىلىدىكەن.

   20% ئىناق ئەر-ئايال ئازدىن ئاز كرىسلودا يالغۇز ئولتۇرۇپ تېلېۋىزور كۆرىدىكەن، يالغۇز ئولتۇرۇپ تېلېۋىزور كۆرۈش ۋە تورغا چىقىش ئىككى ئادەمنىڭ ئورتاق ۋاقتىنى ئىگىلىۋېلىپلا قالماستىن يەنە ئۆيلىنىشتىن رازى بولۇش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى