خەلق تورى، بېيجىڭ، 4-ئاينىڭ 20-كۈنى تېلېگراممىسى. دۆلەت تەرەققىيات-ئىسلاھات كومىتېتى 4-ئاينىڭ 19-كۈنى توردا «يېزىلاردا 1-، 2-، 3-كەسىپلەرنىڭ يۇغۇرۇلما تەرەققىيات يىللىق دوكلاتى (2017-يىللىق)» نى ئېلان قىلدى. دوكلاتتا مۇنداق دېيىلدى: 2017-يىلىدا مەملىكەت بويىچە ئىستىراھەت يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزا-كەنت ساياھەت ئىگىلىكىنىڭ كىرىمى 620 مىليارد يۈەندىن ئېشىپ، 2 مىليارد 200 مىليون ئادەم/قېتىم ساياھەتچى كۈتۈۋېلىنغانلىقى مۆلچەرلەندى.
دوكلاتتا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: يېقىنقى يىللاردىكى تەرەققىيات ئارقىلىق، جايلاردا كۆپ تۈرلۈك، كۆپ خىل شەكىلدىكى يېزا 1-، 2-، 3-كەسىپلەرنىڭ يۇغۇرۇلما تەرەققىيات ئۇسۇللىرى بارلىققا كېلىپ، دېھقانچىلىق-چارۋىچىلىق، دېھقانچىلىق-ئورمانچىلىق بىرلەشتۈرۈلگەن، ئايلانما تەرەققىيات يۆنىلىشى گەۋدىلەندۈرۈلدى؛ يېزا-ئىگىلىك كەسپى زەنجىرى ئۇزارتىلىپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاپ ئىشلەش، ئەشيا ئوبوروتى، ئامباردا ساقلاش، تىجارەت زەنجىرى خاراكتېرلىك تەرەققىيات ئىلگىرى سۈرۈلدى؛يېزىلاردىكى تېخىمۇ كۆپ 2-، 3-كەسىپلەرنىڭ ناھىيە بازىرى، نۇقتىلىق يېزا-بازارلىرى، شۇنداقلا كەسىپلەر باغچە رايونلىرىغا مەركەزلىشىشىگە يېتەكچىلىك قىلىنىپ، كەسىپ بىلەن شەھەرنىڭ يۇغۇرۇلما تەرەققىياتى ئىلگىرى سۈرۈلدى.
ئىستاتىستىكىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2017-يىلىدا مەملىكەت بويىچە ئىستىراھەت يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزا-كەنت ساياھەت تىجارىتىنىڭ كىرىمى 620 مىليارد يۈەندىن ئاشقان، بىر يىلدا 2 مىليارد 200 مىليون ئادەم/قېتىم ساياھەتچى كۈتىۋېلىنغانلىقى مۆلچەرلەنگەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يېزا ئېلېكتىرونلۇق سودا تېز تەرەققىي قىلىپ، ناھىيە، يېزا، كەنتلەرنى تېز سۈرئەتتە قاپلاپ، بىرقەدەر يۇقىرى كەسىپ ھالىتى ۋە كەڭ تەرەققىيات ئىستىقبالى گەۋدىلەندۈرۈلگەن. 2017-يىلىدا مەملىكەت بويىچە يېزىلاردا توردا پارچە سېتىش سوممىسى 1 تىرىليون 244 مىليارد 880 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %39.1 ئاشقان؛ يېزىلاردىكى تور دۇكانلىرى 9 مىليون 856 مىڭغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %20.7 ئېشىپ، 28 مىليون كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولغان. يېڭى كەسىپلەر، يېڭى كەسىپلەر ھالىتى تېز تەرەققىي قىلىپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلار تەرەققىياتىنىڭ يېڭى ھاياتىي كۈچى ۋە يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچىنىڭ مۇھىم مەنبەسىگە ئايلانغان.