تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تۈرلۈك ئامانەت پۇل قالدۇقى بىرىنچى پەسىلدە 2 تىرىليون 120 مىليارد يۈەنگە يەتتى

     شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى: مۇخبىرنىڭ 4-ئاينىڭ 17-كۈنى جۇڭگو خەلق بانكىسى ئۈرۈمچى مەركىزىي تارماق بانكىسىدىن ئىگىلىشىچە، 3-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك ئامانەت پۇل قالدۇقى 2 تىرىليون 120 مىليارد يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.7 ئاشقان.

   جۇڭگو خەلق بانكىسى ئۈرۈمچى مەركىزىي تارماق بانكىسى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 3 -ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، ئاپتونوم رايون بويىچە ئائىلە پۇل ئامانەت قالدۇقى 858 مىليارد 550 مىليون يۈەنگە يېتىپ، %12.3 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 3.3 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولغان. غەيرىي پۇل مۇئامىلە كارخانىلىرىنىڭ پۇل ئامانەت قالدۇقى 580 مىليارد 10 مىليونغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %2.2 كېمەيگەن، ھۆكۈمەت پۇل ئامانىتى قالدۇقى 602 مىليارد 960 مىليون بولۇپ، % 6.3 ئاشقان.

    تونۇشتۇرۇشىچە، خەلق بانكىسى باش بانكىسى بۇ يىل بېشىدا «خەلق پۇلىنىڭ چېگرا ھالقىغان كەسىپ سىياسەتلىرىنى يەنىمۇ ياخشىلاپ، سودىغا مەبلەغ سېلىشنى قولايلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى ئېلان قىلغان بولۇپ، بارلىق تاشقى پېرېۋوت راسچوتى ئىشلىتىشكە بولىدىغان چېگرا ھالقىغان سودا كارخانىلىرىنىڭ خەلق پۇلى بىلەن راسچوت قىلىشىنى بېكىتكەن، پايدىلىق سىياسەتلەرنىڭ تۈرتكىسىدە شىنجاڭنىڭ چېگرا ھالقىغان خەلق پۇلى كىرىم-چىقىم كەسپىدە تېز ئىلگىرلەش بولۇپ، دائىملىق تۈر ۋە كاپىتال تۈرىدە «قوش ئېشىش» نى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، راسچوت سوممىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن % 14.7 ۋە % 94.8 ئاشقان. ھازىر شىنجاڭ 90 دۆلەت بىلەن چېگرا ھالقىغان خەلق پۇلى راسچوتىنى قانات يايدۇرغان بولۇپ، بۇنىڭ سوممىسى 275 مىليارد يۈەندىن ئاشقان.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى