تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

باناننىڭ يەنە مۇنداقمۇ رولى بار

    بانان پوستى بىلەن خۇرۇمدىن ياسالغان بۇيۇملارنى تازىلاش: بەلكىم نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئۆيىدە خۇرۇم دىۋان (سافا)  ۋە خۇرۇم ئاياغلار بولۇشى مۇمكىن. ئەگەر خۇرۇم دىۋان ياكى خۇرۇم ئاياغ مەينەت بولۇپ، ئەسلىدىكى پارقىراقلىقىنى يوقاتقان بولسا، بانان پوستىنىڭ ئىچى تەرىپى بىلەن سۈرتكەندە پاكىزلاش ۋە پارقىراق ھالىتىگە قايتۇرۇش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.

    باناندىن يۈز چاپلاق ياساش: بەلكىم بەزى كىشىلەر باناننىڭ ھۆسىن گۈزەللەشتۈرۈش رولىنىڭ ئىنتايىن ياخشى ئىكەنلىكىنى بىلمەسلىكى مۇمكىن. گۈزەللىكنى سۆيىدىغان خانىم-قىزلىرىمىز پەقەت باناننىڭ پوستىنى سويۇۋېتىپ، باناننى قاچىغا سېلىپ ئېزىۋالغاندىن كېيىن مۇۋاپىق مىقداردا ھەسەل ئارىلاشتۇرۇپ، يۈزگە سۈرۈپ 15 مىنۇت تۇرغۇزۇپ يۇيۇۋەتسە، تېرىگە سۇ تولۇقلاش ۋە تېرىدىكى داغنى يوقۇتۇش مەقسىتىگە يېتەلەيدۇ.

    بانان پوستى بىلەن قولنى ئاسراش: قولىمىز بەزىدە قۇرغاقلىشىپ، يېرىلىپ كېتىدۇ، ئەگەر بۇنداق ۋاقىتتا قول ئاسراش مېيى بولمىسا، بانان پوستىنىڭ ئىچى تەرىپى بىلەن قولنى سۈرتۈپ بەرسەك تېرە يۇمران ھالەتكە كېلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى