تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونىمىز دالا مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش خادىملىرىنى تەربىيەلەش سالمىقىنى ئاشۇردى

  شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى: مۇخبىرنىڭ 4-ئاينىڭ 17-كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، دالا مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش خادىملىرىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، دالا مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونىمىز بۇ يىلدىن باشلاپ دالا مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى قوغداش خادىملىرىنى تەربىيەلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئۇلارنىڭ كەسپىي ساپاسى ۋە قوغداش ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك يۇقىرى كۆتۈرىدىكەن.

  ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ دالا مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئادەم ئاياغ باسمايدىغان، قاتناش قولايسىز چۆل-جەزىرە، قۇملۇق، ئېگىزلىك قاتارلىق تەبىئىي شارائىتى ناچار رايونلارغا تارقالغان، مەبلەغ كەمچىل ۋە قاتناش قولايسىز بولغانلىقتىن، دالا مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش خادىملىرىنىڭ خىزمىتىگە نۇرغۇن قولايسىزلىقلارنى ئېلىپ كەلگەن. بۇلتۇر ئاپتونوم رايونىمىز دالا مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ئورنى خادىملىرىغا مەخسۇس قوشۇمچە خىراجەت تەسىس قىلىپ، ئۇزاق مۇددەت دىجورنىسىز قالغان مەملىكەت بويىچە نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىق ئورۇنلىرى، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ئورۇنلىرى ۋە سېپىل، تۇرالارنى قوغداش خادىملىرىغا كىشى بېشىغا ئېيىغا 2000 يۈەندىن تۇرمۇش قوشۇمچە ياردەم پۇلى تارقاتقان.

  بۇ يىل 1-ئايدىن تارتىپ ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ۋىلايەت، ئوبلاست، ناھىيە، شەھەرلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىلىرى دالا مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش خادىملىرىنى تەربىيەلەش سىنىپلىرىنى ئېچىپ، دالا مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش خادىملىرىنى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش قانۇنى»، «سەددىچىن سېپىلى قوغداش خادىملىرىنى باشقۇرۇش چارىسى» ۋە «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش نىزامى» قاتارلىق دۆلەتنىڭ ئالاقىدار قانۇن-نىزاملىرىنى ئۆگىنىشكە تەشكىللەپ، دالا مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش خادىملىرىنىڭ خىزمەت مەسئۇلىيىتى، تەكشۈرۈش مۇھىم نۇقتىسى، تەكشۈرۈش ئۇسۇلى ۋە تەكشۈرۈش تەرتىپى قاتارلىقلارنى ئۇلارغا يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇپ بېرىپ، ئۇلار بىلەن «مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ھاۋالە كېلىشىمى» ۋە «مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى بىخەتەرلىك مەسئۇلىيەتنامىسى» ئىمزالىغان، توردا ھەرىكەتچان باشقۇرۇش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ خىزمەت مەزمۇنى ۋە بۇرچىنى تېخىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇپ، دالا مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى خارابىلىكى بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپى بىلىملىرىنى موللاشتۇرغان، قانۇن ئېڭى ۋە مەسئۇلىيەت ئېڭىنى كۈچەيتىپ، كەسپىي ساپاسى ۋە مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، دالا مەدەنىيەت يادىكارلىقى خارابىلىكلىرىنى قوغداش خىزمىتىنى يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى