ماتېرىيال سۈرەت
شىنجاڭ تورى خەۋىرى: بىر قېتىملىق قاتتىق يامغۇردىن كېيىن، ئۈرۈمچىنىڭ ھاۋارايى 4-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن باشلاپ ئاستا-ئاستا ئىللىشقا باشلاپ، تېمپېراتۇرا ئۆرلەشكە باشلىدى. مۆلچەرلىنىشىچە، مۇشۇ يەكشەنبە ئاساسىي شەھەر رايونىدا يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃18 بولىدىكەن. مېتېئورولوگىيە تارماقلىرىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، كەلگۈسى ئۈچ كۈندە ئەتىگەن ۋە كەچلىك تېمپېراتۇرا داۋاملىق بىرقەدەر تۆۋەن بولىدىكەن.
مېتېئورولوگىيە ماتېرىيالىدا كۆرسىتىلىشىچە، 4-ئاي كىرگەندىن بۇيان ئۈرۈمچىدە ھۆل-يېغىنلىق ھاۋارايى بىرقەدەر كۆپ كۆرۈلگەن. تاكى 4-ئاينىڭ 19-كۈنىگە قەدەر سەككىز كۈن ئوخشىمىغان دەرىجىدە ھۆل-يېغىنلىق ھاۋارايى كۆرۈلۈپ، تەخمىنەن ئۈچ كۈندە بىر يامغۇر ياغقان.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىنىڭ باش مەلۇماتچىسى ۋاڭ جيەننىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ھۆل-يېغىننىڭ كۆپ كۆرۈلۈشى ئاساسلىقى سوغۇق ھاۋا ئېقىمىنىڭ پات-پات تەسىر كۆرسىتىشىدىن بولغان، شۇنىڭدەك غەربىي جەنۇب ئىللىق نەم ھاۋا ئېقىمىنىڭ ئۈنۈملۈك تولۇقلىشىدىن ياخشى بولغان ھۆل-يىغىن شارائىتى ھازىرلانغان.
ھۆل-يېغىنلىق ھاۋارايىنىڭ قەدىمى يېتىشى بىلەن ئۈرۈمچىدە 4-ئاينىڭ 19-كۈنى تېمپېراتۇرا كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەپ، كۈندۈزدىكى ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا پەقەت ℃7 ئەتراپىدا بولغان، بۇ 4-ئاينىڭ 18-كۈنىدىكىدىن ℃10 ئەتراپىدا تۆۋەنلىگەن. 4-ئاينىڭ 20-كۈنى ئۈرۈمچىدە ھۆل-يېغىنلىق ھاۋارايى ئاياغلىشىپ، ھاۋا ئېچىلىپ، تېمپېراتۇرا ئۆرلەشكە باشلىغان.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىنىڭ ئالدىن مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، كەلگۈسى ئۈچ كۈندە ئۈرۈمچىنىڭ ئاساسىي شەھەر رايونىدا ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃14تىن ℃18 قا ئۆرلەيدىكەن. ئەتىگەن ۋە كەچتىكى تۆۋەن تېمپېراتۇرىنىڭ ئۆرلىشى بىرقەدەر ئاستا بولۇپ، تېمپېراتۇرا ℃4تىن ℃8 قا ئۆرلەيدىكەن. جەنۇبىي شەھەر ئەتراپى رايونى ۋە نەنسەن تېغى تاغلىق رايونىدا كەلگۈسى ئۈچ كۈندە تېمپېراتۇرا شەھەر رايونىدىن كۆرۈنەرلىك تۆۋەن بولۇپ، كۈندۈزدىكى تېمپېراتۇرا ℃8 ئالدى-كەينىدە بولىدىكەن. ئەتىگەن ۋە كەچتىكى ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا نۆلدىن تۆۋەن بولىدىكەن.