تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   خانىم-قىزلار

مېۋىدىن تەبىئىي يۈز چاپلىقى ياساش ئۇسۇلى

    يېڭى مېۋىلەردىن تېرىنى ئاقارتىپ داغنى يوقۇتۇش يۈز چاپلىقى ياساش ئۇسۇلى
    كېرەكلىك ماتېرىياللار: لىمون، بانان، ئالما (ئايرىم بىر مېۋىنى ئىشلەتسىمۇ بولىدۇ) قاتارلىق يېڭى مېۋىلەر.
    ياساش ئۇسۇلى: مېۋىلەرنى مېۋە سىقىش ماشىنىسىغا سېلىپ، سۈيىنى چىقىرىۋالغاندىن كېيىن بىر تۇخۇم ئېقى قوشۇپ، قويۇقراق ھالەتكە كەلگۈچە تەكشى ئارىلاشتۇرىمىز.
    ئىشلىتىش ئۇسۇلى: ئارىلاشتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن چوتكا بىلەن يۈزىمىزگە تەكشى سۈرۈپ، 20 مىنۇت تۇرغۇزغاندىن كېيىن پاكىز يۇيۇۋەتسەك بولىدۇ.
    پۇرچاق ئۇيۇتمىسى (دۇفۇ) دىن داغ يوقۇتۇش يۈز چاپلىقى ياساش ئۇسۇلى
    كېرەكلىك ماتېرىياللار: مۇۋاپىق مىقداردىكى بىر پارچە پۇرچاق ئۇيۇتمىسى، مۇۋاپىق مىقداردىكى سۈت، يۈز چاپلاق قەغىزى.
    ياساش ئۇسۇلى: پۇرچاق ئۇيۇتمىسىنى قاچىغا سېلىپ قويۇق ھالەتكە كەلگۈچە ئېزىپ مۇۋاپىق مىقداردا سۈت قوشۇپ تەكشى ئارىلاشتۇرىمىز.
    ئىشلىتىش ئۇسۇلى: ئارىلاشتۇرۇپ بولغان پۇرچاق ئۇيۇتمىسىغا نەمدىۋالغان يۈز چاپلاق قەغىزىنى چىلاپ ئاندىن يۈزگە چاپلاپ 20 مىنۇت تۇرغۇزغاندىن كېيىن يۇيۇۋەتسەك يۈزدىكى قارا چېكىتلەر، داغلار يوقاپ، تېرىمىز ئاقىرىدۇ.
    كۆكتاتلاردىن تېرىنى ئاقارتىپ داغنى يوقۇتۇش يۈز چاپلىقى ياساش ئۇسۇلى
    كېرەكلىك ماتېرىياللار: ئاچچىق كاۋىنىڭ تۆتتىن بىرى، كۆكمۇچ، كۆك ئالما.
    ياساش ئۇسۇلى: يۇقىرىقى كۆكتات ۋە مېۋىلەرنى مېۋە سىقىش ماشىنىسىغا سېلىپ، سۈيىنى چىقىرىۋالىمىز.
    ئىشلىتىش ئۇسۇلى: كۆكتات سۈيىنى ھەر كۈنى بىر ئىستاكاندىن ئىچىپ بېرىمىز، ھەمدە كۆكتات سۈيىگە يۈز چاپلاق قەغىزىنى سېلىپ سەل تۇرغۇزىمىز، ئاندىن يۈز چاپلاقنى يۈزگە چاپلاپ 20 مىنۇتتىن كېيىن يۇيۇۋەتسەك بولىدۇ. بۇ خىل يۈز چاپلاقنىڭ تەركىبىدە ۋىتامىن C مول بولغاچقا، تېرىنى ئۈنۈملۈك ئاقارتىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى