شىنجاڭ تورى خەۋىرى : 4-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن باشلاپ، ئۈرۈمچى-كۇچا نۆۋەتچى ئايروپىلان لىنىيەسى كۈنىگە سەككىز قېتىمغا كۆپەيتىلىدۇ.
مۇخبىرنىڭ جەنۇب ئاۋىياتسىيەسىنىڭ شىنجاڭ شۆبە شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ قېتىمقى كۆپەيتىلگەن ئۈرۈمچى-كۇچا نۆۋەتچى ئايروپىلان لىنىيەسىنىڭ نۆۋەت نومۇرى CZ6875/6 بولۇپ، كۈندە بىر قېتىم قاتنايدىكەن، بۇ نۆۋەتچى ئايروپىلان E90 تىپلىق ئايروپىلان بولۇپ، ئايروپىلان ئىچىگە 190 ئورۇن سەپلەنگەن.
ئىگىلىنىشىچە، CZ6875 نومۇرلۇق نۆۋەتچى ئايروپىلان سائەت 11 دا ئۈرۈمچىدىن ئۇچۇپ، سائەت 12 دىن 5 مىنۇت ئۆتكەندە كۇچاغا يېتىپ بارىدىكەن، ئارىلىقتا 50 مىنۇت ئۆتكەندىن كېيىن، CZ6876 نومۇرلۇق نۆۋەتچى ئايروپىلان سائەت 12 دىن 55 مىنۇت ئۆتكەندە كۇچادىن ئۇچۇپ، سائەت 13 دىن 55 مىنۇت ئۆتكەندە ئۈرۈمچىگە يېتىپ كېلىدىكەن.
جەنۇب ئاۋىياتسىيەسىنىڭ شىنجاڭ شۆبە شىركىتى ئۈرۈمچى-كۇچا نۆۋەتچى ئايروپىلان لىنىيەسىنى كۆپەيتكەندىن كېيىن، بۇ ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى كۈنىگە سەككىز قېتىمغا كۆپىيىدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى شىنجاڭ شۆبە شىركىتىنىڭ ئۈچ لىنىيەسى، تيەنجىن ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ ئىككى لىنىيەسى، دۇڭفاڭ ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ ئىككى لىنىيەسى، ئۈرۈمچى ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ بىر لىنىيەسى بار ئىكەن.