تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

2018-يىلى بىر يۈەنلىك فوند شىنجاڭ يېزىلىرىدىكى مەكتەپلەرنىڭ مۇزىكا مائارىپىغا داۋاملىق ياردەم بەردى

  شىنجاڭ تورى خەۋىرى: 2018-يىلى شىنجاڭنىڭ يېزىلىرىدىكى 16 باشلانغۇچ مەكتەپ «بىر يۈەنلىك فوند . بىر شادلىق باغچىسى مۇزىكا سىنىپى ئەسلىھەلىرى ۋە تەربىيەلەش» تۈرى بويىچە ئومۇمىي قىممىتى 1 مىليون 600 مىڭ يۈەنلىك ياردەمگە ئېرىشتى.

  مۇخبىرنىڭ 4-ئاينىڭ 19-كۈنى بىر يۈەنلىك فوند ئاپەتتىن بىرلىشىپ قۇتقۇزۇش بويىچە شىنجاڭ تۈرى گۇرۇپپىسىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىللىق «بىر يۈەنلىك فوند . مۇزىكا سىنىپى ئەسلىھەلىرى ۋە تەربىيەلەش» تۈرىگە ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسى ۋە قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ئاقتۇ ناھىيەسىنىڭ يېزىلىرىدىكى 16 مەكتەپ تاللانغان. بۇنىڭدىن ئىلگىرى قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ يەكەن ناھىيەسى، تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ تولى ناھىيەسى، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ئارىشاڭ ناھىيەسى، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ تېكەس ناھىيەسىدىكى 35 مەكتەپتە ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ بىر يۈەنلىك فوند . بىر شادلىق باغچىسى مۇزىكا سىنىپى قۇرۇلغان.

  بىر يۈەنلىك فوند ئاپەتتىن بىرلىشىپ قۇتقۇزۇش بويىچە شىنجاڭ رايونىنىڭ مەسئۇلى ياڭ جۈن مۇنداق دېدى: «بۇنىڭدىن كېيىن كۆپ خىل شەكىل ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ پاراۋانلىق تەشكىلاتلىرى ۋە تۈرلىرىنىڭ شىنجاڭنىڭ پاراۋانلىق ئىشلىرىغا ئەھمىيەت بېرىشى ۋە ياردەم بېرىشىنى قولغا كەلتۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ بالىنى ئۆسۈپ يېتىلىشتە مەنپەئەتلەندۈرىمىز»، بىر يۈەنلىك فوند . بىر شادلىق باغچىسى مۇزىكا سىنىپى تۈرىدە بالىلار تەرەققىياتى يادرو قىلىنىپ، مۇزىكا سىنىپى مۇھىتىنى ئۆزگەرتىش، مۇزىكا ئوقۇتۇش سايمانلىرىنى سەپلەش، مۇزىكا ئوقۇتقۇچىلىرىنى ئىقتىدار جەھەتتە تەربىيەلەش، مۇزىكا دەرسى ئېچىش ۋە مۇزىكا ئاساسىي تېما پائالىيىتىنى كېڭەيتىش ئارقىلىق، يېزا-كەنت مەكتەپلىرىنىڭ مۇزىكا مائارىپ سۈپىتى ئۆستۈرۈلىدۇ، يېزا-كەنتلەردىكى بالىلارنىڭ خۇشاللىق ئىچىدە يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا ياردەم بېرىلىدۇ.

  بىر يۈەنلىك فوند . بىر شادلىق باغچىسى سىنىپى تۈرى 2014-يىلىدىن تارتىپ يولغا قويۇلغان بولۇپ، 2017-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە دۆلەت ئىچىدە بىر يۈەنلىك فوند . بىر شادلىق باغچىسى سىنىپىدىن 375 سى قۇرۇلۇپ، يېزا-كەنت مۇزىكا ئوقۇتقۇچىسىدىن 439 ى تەربىيەلەنگەن، يېزا-كەنتلەردىكى 240 مىڭغا يېقىن بالا بۇنىڭدىن مەنپەئەتلەنگەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى