تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

سىز كۈندە قانچە ئىستاكان قەھۋە ئىچىسىز؟

ماتېرىيال سۈرەت

    يېقىندا بىرازىلىيەنىڭ بىر تۈرلۈك يېڭى تەتقىقاتى قەھۋەنىڭ ساغلاملىق ئۈنۈمىنى يېڭىلىدى. سان پاۋلو ئۇنىۋېرسىتېتى تەتقىقاتچىلىرىنىڭ بايقىشىچە، كۈنىگە ئۈچ ئىستاكان قەھۋە ئىچكەندە ئارتېرىيە بوتقىسىمان قېتىشنىڭ خەۋپىنى تۆۋەنلىتىپ، يۈرەك كېسىلى ۋە سەكتىنىڭ ئالدىنى ئالىدىكەن.

ماتېرىيال سۈرەت

    بۇ تەتقىقات سان پاۋلودىكى 50 ياشلىق 4400 شەھەر ئاھالىسىگە قارىتىلغان. تەتقىقاتچىلار سىناققا قاتناشقۇچىلارنىڭ كۈندىلىك قەھۋە ئىچىش ئەھۋالىغا ئاساسەن ئۇلارنى: كۈندە بىر ئىستاكان قەھۋەنى ئاز ئىچىدىغانلار، كۈندە بىر ئىستاكاندىن ئۈچ ئىستاكانغىچە قەھۋە ئىچىدىغانلار ۋە كۈندە ئۈچ ئىستاكاندىن يۇقىرى قەھۋە ئىچىدىغانلار، دەپ ئۈچ گۇرۇپپىغا ئايرىغان. ئۇلارغا CT سايىلەندۈرۈش تەكشۈرۈشى ئېلىپ بېرىپ، تاجىسىمان ئارتېرىيە كالتسىي چۆكمىسى ئەھۋالىنى تەھلىل قىلىپ باھالىغان.

ماتېرىيال سۈرەت

    تاجسىمان ئارتېرىيە قان تومۇر دىۋارىدا ئەگەر كالتسىي زىيادە چۆكۈپ كەتسىلا تاجىسىمان ئارتېرىيە كالتسىي چۆكمىسىنى پەيدا قىلىدۇ، بۇ ئارتېرىيە بوتقىسىمان قېتىشنىڭ ئىپادىلىنىش شەكىللىرىنىڭ بىرى. نەتىجىدە بايقىلىشىچە، تاجىسىمان ئارتېرىيەنىڭ كالتسىيلىشىش دەرىجىسى بىلەن قەھۋە ئىستېمال مىقدارى مەنپىي باغلىنىشلىق ئىكەن. كونكرېت قىلىپ ئېيتقاندا، كۈنىگە بىر ئىستاكاندىن ئاز قەھۋە ئىچىدىغانلار ۋە بىر ئىستاكاندىن ئۈچ ئىستاكانغىچە قەھۋە ئىچىدىغانلاردىن ئىبارەت ئىككى گۇرۇپپىدىكىلەرنى ئۆزئارا سېلىشتۇرغاندا، كۈنىگە ئۈچ ئىستاكان قەھۋە ئىچىدىغانلارنىڭ تاجىسىمان ئارتېرىيە كالتسىيلىشىشقا گىرىپتار بولۇش خەۋپى %63 تۆۋەن بولغان. مەزكۇر تەتقىقات ماقالىسى «ئامېرىكا يۈرەك كېسىلى جەمئىيىتى ژۇرنىلى» دا ئېلان قىلىنغان.

ماتېرىيال سۈرەت

    تەتقىقاتچىلار باشقا مۇناسىۋەتلىك ئامىللارنى ئۇنىۋېرسال تەھلىل قىلىش ئارقىلىق يۇقىرىقى باغلىنىشچانلىقنىڭ پەقەت تاماكا چەكمەيدىغان كىشىلەر توپىدا نىسبەتەن روشەن بولىدىغانلىقىنى بايقىغان. تاماكا چېكىش قىلمىشىنىڭ ئارتېرىيەگە بولغان يامان تەسىرى قەھۋەنىڭ پايدىسىدىنمۇ كۆپ، شۇڭا تاماكا چېكىش تارىخى بارلار ياكى تاماكا چېكىۋاتقان تەتقىقات ئوبيېكتلىرىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، قەھۋە ئىچىشنىڭ قان تومۇرى دىۋارىدا كالتسىي چۆكمىلىشىشكە قارىتا ھېچقانداق پايدىسى يوق.

ماتېرىيال سۈرەت

    ھازىر بۇ كۆزىتىش خاراكتېرلىك تەتقىقات قەھۋە تەركىبىدىكى قايسى تەركىبنىڭ قان تومۇرىنى تازىلاپ، يۈرەكنى ئاسراش رولىنىڭ بارلىقىنى ئېنىقلىيالمىغان، بۇ تەركىب بەلكىم كوففېئىن بولۇشىمۇ، ياكى بولمىسا قەھۋە تەركىبىدىكى ئوكسىدلىنىشقا قارشى تەركىب بولۇشىمۇ مۇمكىن. بىراق مۇتەخەسسىسلەر قەھۋەنى زىيادە ئىچىشنىڭ سالامەتلىككە زىيانلىق ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى