تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى: ئىككى توپ تارقىتىش ئورنىدا ساختا كولا بايقالدى

    شىنجاڭ تورى خەۋىرى:  ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى ( يېڭى شەھەر رايونى ) بازار نازارەتچىلىك ئىدارىسى سەنگۇڭ بازىرى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئورنىدىكى قانۇن ئىجرا قىلغۇچى خادىملار 4-ئاينىڭ 19-كۈنى، ئامما پاش قىلغان يىپ ئۇچىغا ئاساسەن بەييۈەن يولى ياڭچىن مەيدانى ئەتراپىدىكى ئىككى ئىچىملىك توپ تارقىتىش ئورنىدىن 2616 بوتۇلكا ساختا كولانى بايقاپ، نەق مەيداندا دۇكاننى پېچەتلىدى.

     شۇ كۈنى، بەييۈەن يولى 10-نومۇرلۇق بىر ئىچىملىك توپ تارقىتىش ئورنىدىكى 300 كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان ئۆيدە، ھەرخىل ئىچىملىك، ھاراق ئارىسىغا 35 يەشىك ساختا كولا قويۇلغان ئىدى. توپ تارقىتىش دۇكاندارى شىن XX مۇنداق دېدى: مال كىرگۈزگەندە مال بىلەن تەمىنلەش ئۇچۇرىنى تەكشۈرمەپتۇق، قارىساق باھاسى ئەرزان ئىكەن، شۇڭا بىر تۈركۈم مالنى كىرگۈزۈپتۇق،-دېدى.

   قانۇن ئىجرا قىلغۇچى خادىملار يەنە بىر ئىچىملىك توپ تارقىتىش ئورنىدىن 74 يەشىك ساختا كولانى بايقىغان بولۇپ، سىرتقى ئورالمىسى ئالدىنقى دۇكاندىكى كولا بىلەن ئوخشاش ئىدى. تىجارەتچى جاڭ XX مۇنداق دېدى : ھاۋا ئىسسىشقا باشلىدى، شۇڭا ئىچىملىكنىڭ سودىسى ياخشى بولىدۇ. باشقىلاردىن باھاسى ئەرزان، ئىشىك ئالدىغا ھەقسىز ئەكىلىپ بېرىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ كىرگۈزگەن ئىدىم،-دېدى.

    پېپسى كولا زاۋۇتىنىڭ خىزمەتچىسى ماچياڭ نەق مەيداندا ھەقىقىي كولا بىلەن ئىككى توپ سېتىش دۇكىنىدىكى ساختا كولانى سېلىشتۇرغاندا، ساختا كولانىڭ ئوراش قەغىزى قوپال، بوتۇلكا ئاغزىدا يېرىقچە بارلىقىنى، چايقىغاندا كۆپۈكچىنىڭ تېز پەيدا بولۇپ، تېز يوقايدىغانلىقىنى، ھەقىقىي كولانىڭ سىرتقى ئورالمىسىنىڭ سىپتا، كۆپۈكچىلىرىنىڭ ئاز، ئالدىراپ يوقىمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

   قانۇن ئىجرا قىلغۇچى ياڭ خوڭ مۇنداق دېدى: ساختا تاۋار ساتقان جاڭ XX بىلەن شىن XX تەكشۈرۈلىۋاتىدۇ، بىز ساختا ماللارنىڭ كېلىش مەنبەسىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ تەكشۈرۈپ، قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىمىز. ئۇ يەنە ئىستىمالچىلارنىڭ ئىچىملىك سېتىۋالغاندا تاللا بازار ياكى سودا دۇكانلىرىدىن سېتىۋېلىشىنى، سېتىۋالغاندا سىرتقى ئورالمىسىغا، ئىشلەپچىقىرىش ۋاقتى، زاۋۇت كود نومۇرىغا دىققەت قىلىشىنى ئەسكەرتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى