ئۆز خەۋىرىمىز: مۇخبىرنىڭ يېقىندا لوپنۇر ناھىيەلىك ئورمانچىلىق ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، لوپنۇر ناھىيەسى 2018-يىلى ئورمانچىلىق يېشىللىق بەرپا قىلىش ھەرىكىتىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پۈتۈن ناھىيە تەۋەسىدە ئەتىيازلىق ئورمان بەرپا قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرغان. نۆۋەتتە كۆچەت تىكىپ ئورمان بەرپا قىلىنغان يەر كۆلىمى 28 مىڭ مو يەرگە يېتىپ، ئەتىيازلىق كۆچەت تىكىپ ئورمان بەرپا قىلىش ۋەزىپىسىنى نورمىدىن ئاشۇرۇپ ئورۇندىغان.
ئىگىلىنىشىچە، لوپنۇر ناھىيەسىنىڭ دۆڭقوتان يېزىسى بولسا لوپنۇرلۇقلار كەنتىدىكى مەنزىرە رايونىغا تۇتىشىدىغان ئۆتەر يول ئىكەن. تۆت يىل ئىلگىرى، بۇ يەر بىپايان چۆل-جەزىرە بولۇپ، لوپنۇر ناھىيەلىك ئورمانچىلىق ئىدارىسى 2014-يىلىدىن باشلاپ، بۇ يەرگە باش بولۇپ كۆچەت تىكىش نۇقتىسى تەسىس قىلىپ، كۆچەت تىكىپ ئورمان بەرپا قىلىپ، دۆڭقوتان يېزىسىدىكى ئورمانچىلىق باشقۇرۇش پونكىتىنىڭ باشقۇرۇپ، پەرۋىش قىلىشىغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن. تۆت يىلدىن كېيىن، بۇ يەرگە تىكىلگەن كۆچەتلەر ئەي بولۇپ، بۇ بىپايان چۆل-جەزىرىنى يېشىللىق بىلەن قاپلىغان.
ئۇنىڭدىن باشقا، لوپنۇر ناھىيەلىك ئورمانچىلىق ئىدارىسى قۇملۇقنىڭ ئەتراپىغا كۆچەت تىكىپ ئورمان بەرپا قىلىپلا قالماستىن، بۇ يىل يەنە ھەر قايسى يېزا-بازارلارنىڭ گۈزەل يېزا قۇرۇلۇشىغا بىرلەشتۈرۈپ، يېزىلاردىكى ئۆيلەرنىڭ ئالدى-كەينى ۋە يولنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى 6 مىڭ مودىن ئارتۇق يەرگە كۆچەت تىكىپ ئورمان بەرپا قىلغان، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە، شەھەر ئەتراپىدىكى 2100 مودىن ئارتۇق يەرگىمۇ كۆچەت تىكىپ يېشىللاشتۇرغان.