تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىمەن

  ماناس ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن مەھكىمە باشلىقى ما گودۇڭ

  تەنتەنىلىك ھالدا پارتىيەگە شۇنداق پوزىتسىيە بىلدۈرىمەنكى: مەن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پۇقراسى، پارتىيەلىك كادىر، مەندە پارتىيەگە سادىق بولغان، پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرىدىغان ساپ قەلب، مۇستەھكەم كوممۇنىزملىق ئېتىقاد بار. شۇنداق تەنتەنىلىك ۋەدە بېرىمەنكى: مەن مەڭگۈ پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلايمەن، پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭىمەن، پارتىيەگە مەڭگۈ سادىق بولىمەن.

  پارتىيەلىك ئاز سانلىق مىللەت كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەكتەپتە ئوقۇشتىن تارتىپ جەمئىيەتكە چىقىپ خىزمەتكە قاتناشقىچە بولغان ھەربىر قەدىمىم پارتىيەنىڭ ئەتراپلىق تەربىيەلىشىدىن ئايرىلالمايدۇ، مەن پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش ھېسسىياتىمنى مەڭگۈ كۆڭلۈمگە پۈكىمەن، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىنى قەتئىي ھىمايە قىلىمەن، ‹‹تۆت ئاڭ››نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، كوممۇنىستلارنىڭ سىياسىي خىسلىتىنى مەڭگۈ ساقلايمەن. تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ بىرىنچى سېپىدىكى ئەدلىيە خىزمەتچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، سىياسىي مەسئۇلىيەت، سىياسىي بۇرچ، سىياسىي مەسئۇلىيەتچانلىقنى ئېسىمدە ھەر ۋاقىت چىڭ ساقلاپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق ئەمەلىيلەشتۈرىمەن.

  پارتىيە بىزگە بەختىيار، تىنچ تۇرمۇش ئاتا قىلدى. پارتىيەنىڭ ئۇزاق يىل تەربىيەسىنى ئالغان، پارتىيە تەربىيەلەپ يېتىشتۈرگەن پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئۈلگە بولۇش، يېتەكلەش رولۇمنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىگە قەتئىي قارشى تۇرۇشقا تەربىيەلەپ ۋە يېتەكلەپ، ‹‹پانئىسلامىزم››، ‹‹پانتۈركىزم›› قاتارلىق سەپسەتىلەرنى باشلامچىلىق بىلەن پاش قىلىمەن ۋە تەنقىدلەيمەن، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى ۋە ‹‹پانئىسلامىزم››، ‹‹پانتۈركىزم›› ئىدىيەسىنىڭ سىڭىپ كىرىشىگە قەتئىي قارشى تۇرىمەن، ئۇلارنىڭ زەھىرىنى ئۈزۈل – كېسىل تازىلايمەن.

  شىنجاڭ ۋەتىنىمىز زېمىنىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى. شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەر جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنىڭ تومۇرداش ئەزاسى. ۋەتەننىڭ بىرلىكى، ئىجتىمائىي مۇقىملىق، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا چېتىلىدىغان چوڭ ھەق – چوڭ ناھەق مەسىلىلىرىدە قەتئىي مۇرەسسە قىلمايمەن، يول قويمايمەن، ھەرگىز مۈجمەل بولمايمەن، ھەرگىز قورقۇنچاقلىق قىلمايمەن، مەيدانىمنى مۇستەھكەم، بايرىقىمنى روشەن قىلىپ، باتۇرلۇق بىلەن دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى تىغمۇتىغ ئېلىشىپ، ئاداققىچە كۈرەش قىلىمەن. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ياخشىلاپ، جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىدىكى باشقا ئەزالار بىلەن بىرلىكتە بەختلىك تۇرمۇشىمىزنى قوغدايمەن، ھەرقانداق كىشىنىڭ گۈزەل يۇرت – ماكانىمىزغا ۋە تىنچ، ئىتتىپاق بولغان چوڭ ياخشى ۋەزىيەتكە بۇزغۇنچىلىق قىلىشىغا ھەرگىز يول قويمايمەن.

  مەن يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى قەتئىي ھىمايە قىلىمەن، يۈكسەك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە بۇرچ تۇيغۇسى بىلەن شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش ‹‹بىرىكمە مۇشت›› تەدبىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تىرىشىپ ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيەگە مۇتلەق سادىق بولۇش، ئىشلارغا مۇتلەق مەسئۇل بولۇش پوزىتسىيەسى بىلەن شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن بارلىق ئەقىل – پاراسىتىم ۋە كۈچۈمنى بېغىشلايمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى