تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

بايىنغولىن ئوبلاستىدا يېڭى دەۋردىكى يېشىل تەرەققىياتنىڭ ئاساسىي مېلودىيەسى ياڭرىتىلدى

  مۇخبىرىمىز شيا چىڭ

  ‹‹بىز ئىشقا ئاشۇرماقچى بولغان زامانىۋىلاشتۇرۇش ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق، ئورتاق ياشايدىغان زامانىۋىلاشتۇرۇش، ئۇ ھەم تېخىمۇ كۆپ ماددىي بايلىق ۋە مەنىۋى بايلىق يارىتىپ، خەلقنىڭ كۈنسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشى، ھەم تېخىمۇ كۆپ ئەلا سۈپەتلىك ئېكولوگىيە مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەپ، خەلقنىڭ كۈنسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشى كېرەك››. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سەمىمىي تاپشۇرۇقى بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى زېمىنىدا جانلىق ئەمەلىيەت بولۇپ ئەمەلىيلەشمەكتە. بايىنغولىن ئوبلاستى مۇھىتنى تۈزەش جېڭىدە، باشتىن – ئاخىر پۈتۈن كۈچىنى چىقىرىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت سۈپىتىنى داۋاملىق ياخشىلاپ، ‹‹سۈيى سۈزۈك، تاغلىرى يېشىل بولۇشنىڭ ئۆزى بىر بايلىق›› دېگەن يېشىل تەرەققىيات ئىدىيەسىنى كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدۇردى.

  كۆك رەڭنى ئاسماننىڭ ئاساسىي رەڭگىگە ئايلاندۇرۇش

  3 – ئاينىڭ 25 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، كورلا ئىقتىساد – تېخنىكا تەرەققىيات رايونى شەرقىي ئايلانما يولىنىڭ شەرق تەرىپىگە جايلاشقان شېنجېن ئېنېرگىيە گۇرۇھى دۆلەت ئېلېكتىر كورلا توك تارقىتىش چەكلىك شىركىتىنىڭ 350×2 مىڭ كىلوۋاتلىق پار ۋە توكنى بىرلىكتە ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇشى مۇھىت ئاسراش تەكشۈرۈشىدىن ئۆتتى، بۇ مەزكۇر پار ۋە توكنى بىرلىكتە ئىشلەپچىقىرىش تۈرى مۇھىت ئاسراش قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇميۈزلۈك پۈتكەنلىكى ھەم دۆلەتنىڭ مۇھىت ئاسراش ئۆلچىمىگە يەتكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. مەزكۇر شىركەتنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى ۋاڭ چيەن مۇنداق دېدى: بىزنىڭ پار بىلەن تەمىنلەش رايونىمىز كورلىنىڭ جەنۇبىي شەھەر رايونى، تۆمۈريول تەۋەلىك رايونى، كورلا ئىقتىساد – تېخنىكا تەرەققىيات رايونىنىڭ شىمالىي تەۋەلىك رايونىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، پار بىلەن تەمىنلەش رايونىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى تەخمىنەن 15 مىليون 760 مىڭ كىۋادرات مېتىرغا يېتىدۇ.

  شېنجېن ئېنېرگىيە گۇرۇھى دۆلەت ئېلېكتىر تۈرى ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، كورلا شەھىرىنىڭ پار بىلەن تەمىنلەش رايونىدىكى 45 ئورۇننىڭ ئىلگىرى پار بىلەن تەمىنلەشكە ئىشلىتىلگەن 129 پار قازىنى شاللىۋېتىلدى، بۇ تۈردە ئىسنى گۈڭگۈرتسىزلەندۈرۈش، نىتراتسىزلاشتۇرۇش، ئېلېكتىرلىك چاڭ – توزان تازىلاش قاتارلىق مۇھىت ئاسراش ئەسلىھەلىرىمۇ ماس قەدەمدە قۇرۇلدى، بۇ تۈر ئارقىلىق ھەر يىلى 73 مىڭ 700 توننا كۆمۈرنى تېجەپ قالغىلى بولىدۇ، ئىس قويۇپ بېرىش پۈتۈنلەي دۆلەتنىڭ پەۋقۇلئاددە تۆۋەن بۇلغىما قويۇپ بېرىش مۇھىت ئاسراش تەلىپىگە يەتتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، شېنجېن ئېنېرگىيە گۇرۇھى دۆلەت ئېلېكتىر تۈرى يەنە كورلا ئۈرۈمچى 750 كىلوۋولتلۇق توك يەتكۈزۈش لىنىيەسى بىرلەشمە تورىنىڭ مۇھىم تايانچ ئېلېكتىر مەنبەسى بولۇپ، كورلا رايونىدا پاكىز پار بىلەن تەمىنلەشنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلگە ئاشۇرۇپلا قالماي، بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ ئېلېكتىر مەنبەسى قۇرۇلمىسىنى ياخشىلاش، شىنجاڭ بويىچە 750 كىلوۋولتلۇق توك يەتكۈزۈش لىنىيەسى ئايلانما تورىنى شەكىللەندۈرۈشتىمۇ پائال رول ئوينىدى.

  كورلا شەھەر ئاھالىسى فېڭ يۈن: ھازىر شەھىرىمىزنىڭ ھاۋا ئوچۇق كۈنلىرى بارغانسېرى كۆپەيدى، كۆك رەڭ ئاللىقاچان ئاسماننىڭ ئاساسلىق رەڭگىگە ئايلاندى، دېدى.

   ئوچۇق ھاۋاغا ئېرىشىش ئۇنداق ئاسان ئەمەس. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، كورلا شەھىرى ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەشنى كۈچەپ يولغا قويۇپ، سانائەت كېرەكسىز گازى، سانائەت مەيدانى چاڭ – توزانلىرى، پار قازان ئىسى ۋە چاڭ – توزانلىرى قاتارلىق ئاساسلىق بۇلغىمىلارنىڭ چىقىرىلىش مىقدارىنى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىتىپ، رايون ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىدىن بىرلىشىپ مۇداپىئەلىنىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش خىزمەت ۋەزىپىسىدە باسقۇچلۇق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. تەكشۈرۈش سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2017 – يىلى كورلا شەھىرىنىڭ مۇھىت ھاۋا سۈپىتى 248 كۈن ياخشى بولۇپ، 2016 – يىلىدىكىدىن 40 كۈن كۆپەيگەن، قۇم – بورانلىق ھاۋا رايىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان كۈن 70 كۈن بولۇپ، 2016 – يىلىدىكىدىن سەككىز كۈن ئازايغان، ھاۋا سۈپىتىنىڭ ئەلا بولۇش نىسبىتى %84.07 (قۇم – بورانلىق ھاۋا رايىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ) بولۇپ، ھاۋا سۈپىتى ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن روشەن ياخشى بولغان.

  سۈيى سۈزۈك، دەرياسى راۋان، قىرغىقى يېشىل، مەنزىرىسى گۈزەل بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش

  4 – ئاينىڭ 6 – كۈنى، بىر بۇيرۇق بىلەنلا، ئۆركەشلەپ ئېقىۋاتقان دەريا سۈيى كۆنچى دەرياسىنىڭ 1 – سۇ تەقسىملەش تۈگۈنى چۈشۈرگىسى ئاستىدىن ئېتىلىپ چىقتى، شۇنىڭ بىلەن 2018 – يىللىق كۆنچى دەرياسىغا ئېكولوگىيەلىك سۇ يەتكۈزۈش خىزمىتى رەسمىي باشلاندى.

  ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 942 كىلومېتىر كېلىدىغان كۆنچى دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا، تۆۋەن ئېقىنى تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىنىڭ قىرغىقىدىكى ئورمان بىلەن بىرلىشىپ ‹‹يېشىل كارىدور›› شەكىللەندۈرگەن بولۇپ، قۇرۇققۇم قۇملۇقى ۋە تەكلىماكاندىكى ئىككى چوڭ قۇملۇقنىڭ بىرلىشىشىنى ئۈنۈملۈك توستى. ئۆتكەن نەچچە يىلدا يۇقىرى ئېقىندىن كېلىدىغان سۇ مىقدارى ئازايغانلىقتىن، كۆنچى دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىدىكى 654 كىلومېتىرلىق بۆلەكتە ئېقىن ئۈزۈلۈپ قالغان، ئوتلاقلار چېكىنىپ، توغراقلار قۇرۇپ، تۈرلەر كۆپ خىل بولۇشتىن ئازىيىشقا يۈزلەنگەن، چاڭ – توزانلىق ۋە قۇم – بورانلىق ھاۋارايى كۆپ كۆرۈلۈپ، ھاۋا سۈپىتى روشەن تۆۋەنلەپ، كۆنچى دەرياسى ۋادىسىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى قاتتىق خىرىسقا دۇچ كەلگەن.

  2015 – يىلىدىن باشلاپ، تارىم دەرياسى ۋادىسىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى ۋە بايىنغولىن ئوبلاستلىق خەلق ھۆكۈمىتى ئۇدا ئۈچ يىل كۆنچى دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا، تۆۋەن ئېقىنىغا ئېكولوگىيەلىك سۇ تولۇقلاش خىزمىتىنى تەشكىللەپ يولغا قويۇپ، جەمئىي 732 مىليون كۇب مېتىر ئېكولوگىيەلىك سۇ يەتكۈزدى.

  تارىم دەرياسى ۋادىسىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى سۇ مەمۇرىيىتى – سۇ بايلىقى باشقارمىسىنىڭ باشلىقى ما مىڭ مۇنداق دېدى: بىز بۇ يىل كۆنچى دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا، تۆۋەن ئېقىنىغا 150 مىليون كۇب مېتىر سۇ يەتكۈزىمىز، تارىم دەرياسىنىڭ غول ئېقىنىدىن كۆنچى دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا، تۆۋەن ئېقىنىغا 50 مىليون كۇب مېتىر ئېكولوگىيەلىك سۇ يۆتكەيمىز، بۇنىڭ بىلەن كۆنچى دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا، تۆۋەن ئېقىنىغا جەمئىي 200 مىليون كۇب مېتىر ئېكولوگىيەلىك سۇ يەتكۈزۈلىدۇ.

  ئېكولوگىيەلىك سۇ يەتكۈزۈلگەندىن كېيىن، كۆنچى دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا، تۆۋەن ئېقىنى قىرغىقىنىڭ 100 مېتىردىن 600 مېتىرغىچە بولغان بۆلىكىنىڭ يەر ئاستى سۇ ئورنى 7.39 مېتىردىن 0.54 مېتىرغىچە ئوخشىمىغان دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرۈلدى، بۇنىڭ بىلەن توغراقلىق ئېكولوگىيەسىنىڭ تەبىئىي ئەسلىگە كېلىش ئىقتىدارى ئاشۇرۇلدى ۋە ياخشىلاندى.

   بايىنغولىن ئوبلاستى ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق ئۆتىدىغان، ئورتاق ياشايدىغان ماكان قالدۇرۇش ئۈچۈن، يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتقا بۇزغۇنچىلىق قىلىش ھەرىكىتىگە قەتئىي يول قويماي، ‹‹بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ قايدۇ – كۆنچى دەرياسى ۋادىسىنىڭ سۇ مۇھىتىنى قوغداش ۋە بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش – تىزگىنلەش نىزامى››نى تۈزۈپ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قايدۇ – كۆنچى دەرياسى ۋادىسىنىڭ دائىرىسى، باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ۋە سۇ سۈپىتى ئۆلچىمىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك باغراش كۆلىنىڭ سۇ ئورنىدىن ئالدىن سىگنال بېرىش مېخانىزمى ۋە ئېكولوگىيەلىك تۆلەم مېخانىزمى ئورنىتىپ، ۋادى ئىچىدە سۇنى ئېغىر دەرىجىدە بۇلغايدىغان تۈرلەرنى يېڭىدىن قۇرۇشنى چەكلىدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، بۇلغىما چىقىرىش تۇرۇبا تورى ۋە پاسكىنا سۇنى بىر تەرەپ قىلىش ئەسلىھەلىرىنى قۇردى، مۇكەممەللەشتۈردى.

  سۈيى سۈزۈك، دەرياسى راۋان، قىرغىقى يېشىل، مەنزىرىسى گۈزەل يۆگەلمە رەسىم ئاستا – ئاستا جۇلالىنىپ، ئاسمىنى كۆك، يېرى يېشىل، سۈيى سۈزۈك گۈزەل بايىنغولىن ئوبلاستىنى ئورتاق قۇرۇش ۋە ئۇنىڭدىن ئورتاق بەھرىلىنىش ئىدىيەسى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قېنىغا سىڭىشكە باشلىدى.

  قول تۇتۇشۇپ بىرلىكتە يېشىل توسۇق بەرپا قىلىش

  3 – ئاينىڭ ئاخىرىدا، چەرچەن ناھىيەسىدىكى 10 مىڭدىن كۆپرەك ھەر مىللەت كادىر، ئامما قۇم دېڭىزىدا ئالدىراش بولۇپ كەتتى، قۇملۇقنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتىدىغان، يېڭىدىن ياسالغان شېغىل يول ۋە دەسلەپكى قەدەمدە كۆلەملەشكەن سۆكسۆكلۈك بۇ يېگانە قۇملۇققا ئالاھىدە ھۆسن قوشقانىدى.

  چەرچەن ناھىيەسىنىڭ باغئېرىق يېزىسى كۆتەمە ئېرىق كەنتىدىكى يېشى 70 كە يېقىنلاشقان كەنت ئاھالىسى ئابدۇرېھىم مەمەت قۇملۇقتا ناھايىتى كۈچەپ ئىشلىدى، چەرچەن ناھىيەسىدە 1998 – يىلى بوراندىن مۇداپىئەلىنىش ۋە قۇمنى تىزگىنلەش خىزمەت پونكىتى قۇرۇلۇپ، ئومۇمىي خەلق قۇم تىزگىنلەشكە قاتنىشىشقا سەپەرۋەر قىلىنغاندىن بۇيان، ئابدۇرېھىم مەمەت 20 يىل مابەينىدە ھەر يىلى قۇم تىزگىنلەش پونكىتىغا كېلىپ، خالىس كۆچەت تىكىپ ئورمان بىنا قىلىپ كەلدى. ھازىر ئۇ ئۆز قولى بىلەن تىككەن كۆچەت 1000 تۈپتىن ئاشتى.

  ـــ ئېسىمدە قېلىشىچە، كىچىك ۋاقتىمدا چەرچەندە بىر يىلنىڭ تۆت پەسلىدە قۇم –بوران ئۇچۇپ تۇراتتى، بوران چىقسىلا چوڭلار ۋە بالىلار ئۆيدىن سىرتقا چىقالمايتتى. ھازىر ئەھۋال ئۆزگەردى، بوران ئاز چىقىدىغان بولدى، چاڭ – توزان ئازايدى، ئاسمان سۈزۈلدى، -دېدى ئابدۇرېھىم مەمەت خۇشال ھالدا.

  ھەر يىلى ئەتىياز، كۈزدە، چەرچەن ناھىيەسىدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئىشچى–خىزمەتچىلەر، ئوقۇغۇچىلار، دېھقان – چارۋىچىلار قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە قۇمنى تىزگىنلەش خىزمىتىگە ئۆزلۈكىدىن قاتناشتى. ھازىر ئۇزۇنلۇقى 23 كىلومېتىر، كەڭلىكى بەش – يەتتە كىلومېتىر، ئومۇمىي كۆلىمى 111 مىڭ 200 مو كېلىدىغان ‹‹يېشىل كارىدور›› شەكىللەندى. ئەڭ دەسلەپتىكى ئىشچىلار ئاددىي ھالدىكى ئورمان بىنا قىلىپ قۇمدىن مۇداپىئەلىنىشتىن ھازىرقى ماشىنىلاشقان، پەن – تېخنىكىلاشقان، كۆلەملەشكەن، كەسىپلەشكەن كۆچەت تىكىپ ئورمان بىنا قىلىشقا ئۆزگىرىپ، شەھەرنى چۆرىدىگەن ئۈچ يېشىل مۇداپىئە لىنىيەسى تەدرىجىي شەكىللەندى. قۇملىشىش، چۆللىشىش، ناچارلىشىش ۋەزىيىتى ئۈنۈملۈك چەكلىنىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئۈزلۈكسىز ياخشىلاندى.

  چەرچەن ناھىيەسىدە 10 مىڭ كىشىنىڭ قۇم – بوراندىن مۇداپىئەلىنىش ئۈچۈن ئەتىياز، كۈزدە كۆچەت تىكىپ ئورمان بىنا قىلىشى بايىنغولىن ئوبلاستىدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ يېڭى دەۋر يېشىل تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزىدىغان جانلىق ئەمەلىيىتىنىڭ بىر كارتىنىسى بولۇپ قالدى. ھازىرغىچە، بايىنغولىن ئوبلاستى جەمئىي 125 مىڭ 600 مو ئىھاتە ئورمان بىنا قىلدى، پۈتۈن ئوبلاستنىڭ ئورمانلىق كۆلىمى 16 مىليون 80 مىڭ موغا يېتىپ، ئورمان بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى %2.27كە، بوستانلىقنىڭ ئورمان بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى %23.64كە يەتتى.

  يېشىل تاغ بىر گۈزەللىك، كۆك ئاسمان بەخت، ياخشى ئېكولوگىيەلىك مۇھىت خەلق تۇرمۇشىنىڭ ئەڭ چوڭ بەخت كۆرسەتكۈچى. ھازىر بايىنغولىن ئوبلاستى ‹‹سۈيى سۈزۈك، تاغلىرى يېشىل›› بولۇش ۋە ‹‹بايلىق›› دىيالېكتىكىسىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت قۇرۇلۇشىنى مىسلىسىز دەرىجىدە يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈپ، مىسلى كۆرۈلمىگەن خىزمەت سالمىقى بىلەن گەۋدىلىك مۇھىت مەسىلىسىنى كۈچەپ ھەل قىلدى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت سۈپىتى سىجىل ياخشىلاندى، ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق تەرەققىي قىلىدىغان زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى ئەندىزىسى تەدرىجىي ئىشقا ئاشماقتا.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى