ئۆز خەۋىرىمىز: سانجى شەھىرى يېقىندا 330 مىڭ يۈەن دۆلەت ساياھەت تەرەققىيات ياردەم فوندىنى تاپشۇرۇپ ئالغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە «نۇرجا» خەلقئارا قار تېيىلىش مەيدانى، «خۇاشىڭ» ئېكولوگىيەلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى، «دۇ شى» ساياھەت باغچىسى قاتارلىق يەتتە ساياھەت رايونى ھاجەتخانا قۇرۇلۇش تۈرى ياردەم مەبلىغىدىن بەھرىمەن بولىدىكەن.
ئىگىلىنىشىچە، دۆلەت ساياھەت ئىدارىسى 2015-يىلىدىن باشلاپ، مەملىكەت بويىچە ساياھەت ھاجەتخانا قۇرۇلۇشىنى باشقۇرۇش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، سىياسەت ئارقىلىق يېتەكلەش، مەبلەغ ياردىمى، ئۆلچەملىك قېلىپلاشتۇرۇش قاتارلىق ۋاستىلەرنى قوللىنىپ، ساياھەت ھاجەتخانىسى قاتارلىق ساياھەت ئاممىۋى يۈرۈشلەشكەن ئەسلىھەلەرگە بولغان مەبلەغ ياردەم سوممىسى ۋە كۆلىمىنى زورايتقان. «سانى يېتەرلىك، پاكىز، پۇراقسىز، ئەمەلىي، ھەقسىز، باشقۇرۇش ئۈنۈملۈك بولۇش » تەلىپىگە ئاساسەن، ساياھەت مەنزىرە رايونى، قاتناش بېكەتلىرى، ساياھەت ئاشخانىسى قاتارلىق جايلاردىكى ھاجەتخانىلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆلچەمگە يەتكۈزگەن.
بۇ ياردەم مەبلىغى سانجى شەھىرىنىڭ ساياھەت سۈپىتى ۋە ساياھەت ئوبرازىنى ئۆستۈرۈپ، ساياھەت ئاممىۋى مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇش جەھەتتە پائال تۈرتكىلىك رول ئوينايدىكەن.