تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى ئاداققىچە كۈرەش قىلىدىغان ئاكتىپ كۈچنى مۇجەسسەملەيمەن

  ئاقسۇ ۋىلايەتلىك تۇرالغۇ ۋە شەھەر – يېزا قۇرۇلۇشى ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى نۇرئەلى مەمەت

  پارتىيە ئۇزاق يىل تەربىيەلەپ يېتىشتۈرگەن پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ بىرىنچى سېپىدە تۇرۇپ، ھالقىلىق پەيتتە مۇقىملىقنى قوغداش ھوشيارلىقىمنى تېخىمۇ ئاشۇرۇپ، ئاڭلىق ھالدا ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق ئىجتىمائىي ئومۇمىيەتنىڭ مۇقىملىقىنى قوغدايمەن. ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنىڭ ھەقىقىي قىياپىتىنى تونۇپ يېتىپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنىڭ ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى سىڭدۈرمىچىلىكىنى قەتئىي توسۇپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى ئاداققىچە كۈرەش قىلىدىغان قۇدرەتلىك ئاكتىپ كۈچنى مۇجەسسەملەيمەن.

  پارتىيەگە سادىق بولۇپ، سىياسىي مەيدانىمنى مۇستەھكەملەيمەن. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ‹‹تۆت ئاڭ››نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە باشتىن – ئاخىر يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلايمەن، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇتلەق نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغدايمەن، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرىمەن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرىمەن. باشلامچىلىق بىلەن دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، باش نىشان بايرىقىنى جەۋلان قىلدۇرۇپ، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، باش نىشاننى كۆزلەپ، باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىدىيەنى، تونۇشنى، قەدەمنى، ھەرىكەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغدايدىغان كۈچلۈك جامائەت پىكرى كەيپىياتى يارىتىمەن. توغرا سىياسىي يۆنىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي ئىنتىزامغا ۋە بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى ئىنتىزامىغا قاتتىق رىئايە قىلىپ، سىياسىي سەزگۈرلۈكۈم ۋە پەرق ئېتىش ئىقتىدارىمنى ئاشۇرۇپ، چوڭ ھەق – چوڭ ناھەق مەسىلىلىرىدە باشتىن – ئاخىر تونۇشتا مۈجمەل بولمايمەن، پوزىتسىيەدە تۇتۇق بولمايمەن، ھەرىكەتتە تەۋرەنمەيمەن. مىللىي بۆلگۈنچىلىك ۋە قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەرگە قەتئىي قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداشنى ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان سىياسىي ۋەزىپە، تەيشەن تېغىدىنمۇ ئېغىر سىياسىي مەسئۇلىيەت قىلىپ، پارتىيەگە، خەلققە مۇتلەق سادىق بولىمەن.

  تەشەببۇسكار، ياراملىق بولۇپ، ئەمەلىي ئىشلەپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممەمگە ئالىمەن. دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشتە ئېغىزدا دەپ قويۇش، ئىپادە بىلدۈرۈپ قويۇش بىلەنلا توختاپ قالماي، ھەرىكىتىمدە ئەمەلىيلەشتۈرىمەن، گەۋدىلەندۈرىمەن، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە قارشى دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش، كادىرلار قوشۇنىدىكى ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى كۈرەش قىلىش بويىچە مەخسۇس تەكشۈرۈش خىزمىتىنى ئاكتىپ تەشكىللەيمەن ۋە ئۇنىڭغا قاتنىشىمەن، پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش ‹‹بىرىكمە مۇشت›› تەدبىرىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئېڭى ۋە ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، ئىشنى ئىدىيەدىن باشلاپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرىمەن. ھەرقانداق بۆلگۈنچىلىك، بۇزغۇنچىلىق ھەرىكەتلىرىنى تۇتۇشقا، باشقۇرۇشقا جۈرئەت قىلىپ، ھەقىقىي تۇتۇپ، ھەقىقىي باشقۇرۇپ، قىلچە ئىككىلەنمەستىن ئاشكارىلاپ ۋە رەددىيە بېرىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىققا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان سۆز – ھەرىكەتلەرگە قارشى باتۇرلۇق بىلەن قەتئىي كۈرەش قىلىمەن.

  ھەقىقىي ئۈنۈمنى كۆزلەپ، ئىستىلنى ياخشىلاشنى كۈچەيتىمەن. ئىدىيەدە مۇستەھكەم، ئىستىلدا دۇرۇس بولۇپ، ھەرىكەتتە قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، راستچىل، ئەمەلىيەتچىل بولۇش ئىستىلىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، پولاتتەك ئىنتىزام ئارقىلىق ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ دەل جايىدا ئەمەلىيلىشىشى، ھەقىقىي ئۈنۈم يارىتىشىغا كاپالەتلىك قىلىمەن. شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمەنكى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرى داۋاملىق راۋاجلىنىدۇ، ۋەتەننى پارچىلاشقا ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا ئۇرۇنىدىغان ھەرقانداق قىلمىش شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ كۈچلۈك قارشى تۇرۇشىغا ئۇچرايدۇ، ھەرگىز ئەمەلگە ئاشمايدۇ. مەن بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتلەردە بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ بىرىنچى سېپىگە ئاتلىنىپ، سەپنىڭ ئالدىدا مېڭىپ، ياخشى ئاۋانگارتلاردىن بولۇپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن تۆھپە قوشىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى