تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى يېزىلاردىكى تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىنى مەخسۇس ‏تۈزەش ئۈچ يىللىق خىزمىتىنى قانات يايدۇرىدۇ

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4-ئاينىڭ 19-كۈنى تېلېگراممىسى. يېزىلاردىكى تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىنى بېجىرىش مۇلازىمىتىدە ساقلىنىۋاتقان چىرىكلىك ۋە ئىستىل مەسىلىسىگە قارىتا، خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى 4-ئاينىڭ 19-كۈنى مەملىكەت بويىچە يېزىلاردىكى تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىنى مەخسۇس تۈزەش ئۈچ يىللىق خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، يېزىلاردىكى تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىنى بېجىرىش مۇلازىمىتىدىكى ناتوغرا ئسىتىللارنى قەتئىي توسۇيدۇ.

  خەلق ئىشلىرى مىنىستىرى خۇاڭ شۇشيەن شۇ كۈنى ئېچىلغان تېلېۋىزىيە-تېلېفون يىغىنىدا مۇنداق دېدى: بۇ قېتىملىق مەخسۇس تۈزەشتە تۆت نۇقتىلىق ۋەزىپىنى توغرا ئىگىلەش كېرەك:

  بىرىنچىدىن، ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. مەسىلە ئىنكاس قىلىشنىڭ يوللىرىنى، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ئىشلىرى تارماقلىرىنىڭ جەمئىيەتكە قارىتا ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش بويىچە ئەرز قىلىش، پاش قىلىش تېلېفونلىرىنى يەنىمۇ كۆپەيتىپ، ئامما مەسىلە پاش قىلىش يىپ ئۇچى ھېساباتى تەسىس قىلىش كېرەك. ئامما ئىنكاس قىلغان مەسىلىلەرنىڭ يىپ ئۇچلىرىغا قارىتا، ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ئىشلىرى تارماقلىرى ۋاقتىدا ئىنتىزام تەكشۈرۈش ئورگانلىرىغا ئىنكاس قىلىشى، يۆتكەپ تاپشۇرۇشى كېرەك. قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش كۈرىشىگە بىرلەشتۈرۈپ، يېزىلاردىكى تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى بېرىشتە ئىنتىزامغا، قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانلارنى قەتئىي تازىلاش كېرەك؛ ئىككىنچىدىن، خەلق ئىشلىرى سىستېمىسى خىزمەت ئىستىلىنى ھەقىقىي ياخشىلاش كېرەك. دېلو مىسالى تەربىيەسى ۋە ئىبرەت تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي قاتلامدىكى خەلق ئىشلىرى كادىرلىرى ۋە تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى بېجىرگۈچى خادىملارنى خەلقنى مەركەز قىلغان ئىدىيەنى پۇختا تىكلىشىگە يېتەكلەش كېرەك؛ ئۈچىنچىدىن، يېزا تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىنى تولۇق كاپالەتكە ئىگە قىلىش تۆۋەن چېكىنى قەتئىي مۇستەھكەملەش كېرەك. يېزا تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىنى تولۇق كاپالەتكە ئىگە قىلىشنى تېگى-تەكتىدىن ئېنىقلاپ، يېزا تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئوبيېكتىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈپ، «كاپالەتتىن چۈشۈپ قېلىش» ئەھۋالى يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك؛ تۆتىنچىدىن، يېزا تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىنى قېلىپلاشتۇرۇپ باشقۇرۇشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى بەرپا قىلىش كېرەك.

  خەلق ئىشلىرى مىنىسىترلىقى مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: ھەر دەرىجىلىك خەلق ئىشلىرى تارماقلىرى تىپىك مىساللار ئارقىلىق ئېلان قىلىپ ئاشكارىلاش تۈزۈمىنى بەرپا قىلىپ، يېزا تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى بېجىرىش مۇلازىمىتى جەريانىدىكى چىرىكلىك ۋە ئىستىل مەسىلىسىنى چۆچۈتۈش ھالىتىنى شەكىللەندۈرۈشى كېرەك؛ مەخسۇس تۈزەش خىزمىتىنى خەلق ئىشلىرىدىكى نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى باھالاش دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ، مەخسۇس تۈزەشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى