تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ كېلىشكىنى بويىچە ئەنگلىيە باش ۋەزىرى تېرېسامېي بىلەن تېلېفونلاشتى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4 – ئاينىڭ 19 – كۈنى تېلېگراممىسى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ كېلىشكىنى بويىچە 4 – ئاينىڭ 19 – كۈنى ئەنگلىيە باش ۋەزىرى تېرېسا مېي بىلەن تېلېفونلاشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: باش ۋەزىر خانىم بۇ يىلنىڭ بېشىدا جۇڭگودا زىيارەتتە بولغاندا، بىز جۇڭگو – ئەنگلىيە مۇناسىۋىتىنىڭ ‹‹ئالتۇن دەۋرى››نى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدا مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىكلىكى، ئەمەلىيلىكى، دۇنياۋىلىقى، سىغدۇرۇشچانلىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، جۇڭگو – ئەنگلىيە مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولۇشقا بىردەك قوشۇلغانىدۇق. جۇڭگو ئەنگلىيە بىلەن بىرلىكتە ماكرو سىياسەت جەھەتتىكى ئالاقىلىشىش ۋە ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، يۇقىرى قاتلاملىقلارنىڭ بېرىش – كېلىش قىلىشى ۋە مېخانىزملىق ئالاقىسىنى ساقلاپ، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› رامكىسىدىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگو – ئەنگلىيە مۇناسىۋىتى ‹‹ئالتۇن دەۋرى››نىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشنى تېزلىتىشنى تېخىمۇ كۆپ پۇرسەت بىلەن تەمىنلەشنى خالايدۇ. ئەنگلىيەنىڭ ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ئاكتىپ كۈچ قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. جۇڭگو بىلەن ئەنگلىيە ئوخشاشلا ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ دائىمىي ئەزا دۆلىتى، ئىككى تەرەپ خەلقئارا ھەمكارلىقنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۆزئارا ھۆرمەتلەيدىغان، ئادىل، ھەققانىي، ھەمكارلىشىپ تەڭ پايدا ئالىدىغان يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەت ئورنىتىش ۋە ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشقا تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

  تېرېسا مېي مۇنداق دېدى: يىل بېشىدا جۇڭگودا زىيارەتتە بولغىنىمدا ئەنگلىيە بىلەن جۇڭگونىڭ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ‹‹ئالتۇن دەۋرى››نى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى يەنە بىر قېتىم قارار قىلغانلىقىمىزدىن ناھايىتى خۇشالمەن. ئەنگلىيە رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرى 2018 – يىللىق يىللىق يىغىنىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىدا جاكارلىغان جۇڭگونىڭ ئېچىۋېتىشنى يەنىمۇ كېڭەيتىش يېڭى تەدبىرىگە يۈكسەك باھا بېرىدۇ، جۇڭگونىڭ ‹‹شاڭخەي – لوندون ئاكسىيە بازىرىنى تۇتاشتۇرۇش››نى روياپقا چىقارماقچى بولغانلىقىنى ئالقىشلايدۇ. ئەنگلىيە جۇڭگو بىلەن بىرلىكتە يۇقىرى قاتلاملىقلار ۋە ھەر ساھەدىكىلەرنىڭ ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ھەر قايسى ساھەدىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشى ئۈستىدە داۋاملىق ئىزدىنىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ‹‹ئالتۇن دەۋرى››نى پائال ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.

  ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى يەنە سۈرىيە ۋەزىيىتى، خەلقئارا سودا مەسىلىسى قاتارلىقلاردا پىكىر ئالماشتۇردى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو سۈرىيە ۋەزىيىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك دىققەت قىلىدۇ، بىز ئەزەلدىن خەلقئارا مۇناسىۋەتتە ھە دېسىلا قورال كۈچى ئىشلىتىشنى ياقلىمايمىز، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، مۇستەقىللىقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە ھۆرمەت قىلىپ، خەلقئارا جەمئىيەت ئېتىراپ قىلىدىغان قائىدە بويىچە ئىش كۆرۈشنى تەشەببۇس قىلىمىز. ھازىر ۋەزىيەتنى ئىمكانقەدەر تېز پەسەيتىپ، توقۇنۇشنىڭ كەسكىنلىشىپ كېتىشى، كېڭىيىپ كېتىشىدىن ساقلىنىش كېرەك. سۈرىيەنىڭ گۇمانىي خىمىيەلىك قوراللار بىلەن ھۇجۇم قىلىش مەسىلىسىنى ئومۇميۈزلۈك، ئادىل، ئوبيېكتىپ تەكشۈرۈپ، تارىخنىڭ سىنىقىدىن ئۆتەلەيدىغان ئىشەنچلىك يەكۈن چىقىرىش ھەم سۈرىيە مەسىلىسىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىشتا ئىمكانقەدەر تېز ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىشقا تىرىشىپ تۈرتكە بولۇش كېرەك. جۇڭگو خەلقئارا جەمئىيەتتىكى ئالاقىدار تەرەپلەر بىلەن بىرلىكتە سۈرىيە مەسىلىسىنى مۇۋاپىق ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشنى خالايدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن ئەنگلىيە ئوخشاشلا ئىقتىسادنى يەرشارىلاشتۇرۇشتىن نەپكە ئېرىشكۈچىلەر ۋە ئۇنى قوللىغۇچىلار. جۇڭگو ئەنگلىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر قايسى تەرەپلەر بىلەن بىللە، ئەركىن سودىنى قوللاشتىن ئىبارەت توغرا مەيداندا داۋاملىق چىڭ تۇرۇپ، كۆپ تەرەپلىمە سودا تۈزۈلمىسىنى پائال قوغداپ، ئوچۇق دۇنيا ئىقتىسادىنى ئورتاق گۈللەندۈرۈشنى خالايدۇ.

  تېرېسا مېي مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئەنگلىيە جۇڭگوغا ئوخشاش ئەركىن سودا ۋە ئوچۇق ئىقتىسادنى قوللايدۇ. ئەنگلىيە جۇڭگو بىلەن ئالاقىدار خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىسىدە ئالاقە قىلىپ تۇرۇشنى خالايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.