تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش

ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان كەنت ئاھالىسىنىڭ دورا پۈركۈشىگە ياردەم بەردى

ئۇچقۇچىسىز  ئايروپىلان مەشغۇلات قىلماقتا

    ئۆز خەۋىرىمىز: 4-ئاينىڭ 17-كۈنى ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ئونسۇ ناھىيەسى ئالغا بازىرى يار بېشى كەنتىدىكى ئېتىزلىقتا بىر كىچىك تىپتىكى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان بوشلۇققا ئاستا-ئاستا كۆتۈرۈلۈپ، ئىككى مېتىر ئېگىزلىكتە ئون سېكۇنتتىن ئارتۇق تۇردى-دە، دېھقانلارنىڭ ئالقىش ساداسى ئىچىدە ئوت-چۆپ يوقىتىش دورىسىنى ئورنىتىپ ئېتىزلىققا قاراپ ئۇچۇپ كەتتى.

    بۇ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان  «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە ياربېشى كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر دېھقانچىلىقنىڭ ئالدىراش مەزگىلىدە «چىللاپ» كەلگەن «خاسىيەتلىك قورال».

    ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمى تاللاپ ئەۋەتكەن ئېغىر نامرات كەنتلەرنىڭ 1-شۇجىسى جاڭ شىن يېقىندا جايلارنى كۆزدىن كەچۈرۈش جەريانىدا دېھقانلارنىڭ ئەتىيازلىق تېرىلغۇ مەزگىلىدە دورا پۈركۈيدىغانلىقىنى، مەشغۇلات سەۋەبلىك بۇغدايغا دورا پۈركۈيدىغان ئەڭ ياخشى پەيتنى كەتكۈزۈپ قويۇۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ ھوسۇلنى ئاشۇرۇپ كىرىمنى كۆپەيتىشكە پايدىسىز ئىكەنلىكىنى بايقىدى. جاڭ شىن دەرھال ئونسۇ ناھىيەسى، يېزىلىق يېزا ئىگىلىك تارماقلىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ئارقىلىق دورا پۈركۈش ۋە ئۇنىڭغا ئالاقىدار يېزا ئىگىلىك تولۇقلىما پۇلىنى ھەل قىلىپ، پەن-تېخنىكا ۋە پارتىيەنىڭ خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىگە تايىنىپ، دېھقانلارنىڭ كۆپ جاپا تارتماي، ھېچقانداق ھەق تۆلىمەي ئەتىيازلىق تېرىلغۇنىڭ ئەڭ مۇھىم ھالقىسىنى تاماملىۋېلىشىغا شارائىت يارىتىپ بەردى.

    ئېتىز بېشىدىكى سۇ ئېلىش، دورا تەڭشەش ئۈسكۈنىلىرى قويۇلغان ماشىنا پونكىتىدا «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ئەزالىرى، ئالغا بازارلىق يېزا ئىگىلىك ئىدارىسىنىڭ تېخنىكلىرى ۋە دېھقانلار ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان بىلەن دورا پۈركۈشكە تەييارلىق قىلىۋاتاتتى. ئېتىز يېنىدا مەشغۇلاتقا ماھىر بىر ياش بىر قولىغا A2 يان تېلېفوننى، يەنە بىر قولىغا ئۆلچەش-سىزىش ئەسۋابىنى ئېلىپ، ماشىنا پونكىتى بىلەن ئۇلاپ، يەرنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىنى ئۆلچىگەچ، ئايروپىلاننىڭ ئۇچۇش لىنىيەسىنى ئاپتوماتىك تەڭشەپ، دورا پۈركۈتۈشكە تەييارلىق قىلىۋاتاتتى.

   -قولدا دورا پۈركۈش ماشىنىسىنىڭ پۈركۈگۈچى قوپال، دورا چېچىلىپ بولغاندىن كېيىن يەرگە تېمىپ كەتسە، يەرنى سۇغارغاندا دورىمۇ بىللە ئېقىپ كېتىدۇ، ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننىڭ دېھقانچىلىق دورىسىنى تۇمانلاشتۇرۇش نىسبىتى يۇقىرى، ئۇنىڭ ئۈستىگە پىرقىرىغۇچ پەيدا قىلغان ھاۋا بېسىمى بۆسۈش كۈچىنى ئاشۇرۇپ، دېھقانچىلىق دورىسىنىڭ ئىشلىتىلىش ئۈنۈمىنى ئاز دېگەندە %30 يۇقىرى كۆتۈرىدۇ،-دېدى خىزمەتچى خادىم ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننى مەشغۇلات قىلدۇرغاچ چۈشەندۈرۈپ. ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: دورا چېچىپ يەتتە كۈندىن كېيىن ئوت-چۆپ ئۆزلۈكىدىن سولىشىدۇ. ئالاھىدە ئەھۋال بولمىسا بۇغداي پىشقىچە ئوت-چۆپ يوقىتىش دورىسى پۈركىمىسىمۇ بولىدۇ. ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننىڭ ئىش ئۈنۈمى قولدا پۈركىگەندىن %70 ھەسسە يۇقىرى، شۇڭا كەنت ئاھالىلىرى پەن-تېخنىكا ئۆگىنىپ، پەن-تېخنىكىنى ئىشلىتىپ، زامانىۋىي دېھقانلاردىن بولۇشى كېرەك.

    بىر سومكا ئوت-چۆپ يوقىتىش دورىسىنى كۆتۈرۈپ كەلگەن كەنت ئاھالىسى تۇرسۇنگۈل ياسىن مۇنداق دېدى :بۇ مېنىڭ تۇنجى قېتىم ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننى كۆرۈپ بېقىشىم. ئىلگىرى 20 مو بۇغدايلىققا ئىككى-ئۈچ كۈندە دورا پۈركۈپ بولاتتىم. ھازىر ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان 20 مىنۇتتا ئۈچ قېتىم بېرىپ-كېلىپلا دورىنى پۈركۈپ بولدى. پەن-تېخنىكىنىڭ كۈچى مېنى ھەيران قالدۇردى، خىزمەت ئەترىتىدىكىلەرگە كۆپ رەھمەت.

    ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىم ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ياربېشى كەنتىدە 16 سائەت مەشغۇلات قىلىپ، 800 مو بۇغدايلىققا ئوت-چۆپ يوقىتىش دورىسى پۈركۈش ۋەزىپىسىنى تاماملاپ، قولدا دورا پۈركۈشكە كېتىدىغان 784 سائەت ۋاقىتنى تېجەپ قالغان. ھۆكۈمەت ياردەم پۇلىدىن 20 مىڭ يۈەن سەرپ قىلىنغان بولۇپ، دېھقانلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش تەننەرخى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىتىلىپ، 2018-يىللىق يېزا ئىگىلىك كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا پۇختا ئاساس ھازىرلانغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى