تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

كىچىك دوستلاردىمۇ بەل بولىدىكەن

ماتېرىيال سۈرەت

    تۇرمۇشتا دائىم دېگۈدەك مۇنداق ئىشقا يولۇقىمىز: ئاتا-ئانىلار بەزىدە بالىلىرىنىڭ چوڭلارنى دوراپ «بېلىم ئاغرىۋاتىدۇ» دېگىنىنى ئاڭلايدۇ، شۇنىڭ بىلەن چوڭلار «كىچىك بالىلارنىڭ بېلى بولمايدۇ»، بەل ئاغرىش دېگەن ئورگانىزمنىڭ قېرىشى تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان چېكىنىش خاراكتېرلىك كېسەللىك، بالىلارنىڭ بېلى يۇمشاق، شۇڭا بېلىنى قايرىۋالمايدۇ، بەل ئاغرىقىنىڭ ئازابىنى تارتمايدۇ، دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ خىل «بېلى يوق» دېگەن قاراش ئىلمىي ئەمەس، بۇ بالىلارنىڭ بېلىنىڭ بىئارام بولغانلىقىنى ياكى باشقا كېسەللىكلەر بارلىقىنى نەزەردىن ساقىت قىلغانلىق.

    ئەگەر بالىلار بېلىم ئاغرىدى دېسە، ئۇنداقتا ئاتا-ئانىلار چوقۇم ھوشيار بولۇپ، بالىنىڭ بۆرىكىدە مەسىلە بار-يوقلۇقىغا دىققەت قىلىشى كېرەك. ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغىنى سۈيدۈك ئاجرىتىپ چىقىرىش يولى يۇقۇملىنىش، بۇ ئۈستۈنكى سۈيدۈك يولىنىڭ يۇقۇملىنىشى ۋە بۆرەك جام -بۆرەك ياللۇغىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. كۆپ قىسىمىدا بىر تەرەپ ئاساس قىلىنىدۇ، سۈيدۈك سۇيۇقلۇقى ئۆزگىرىش، قىزىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. سۈيدۈك ئاجرىتىش سىستېمىسىدا تاش بولۇشمۇ بالىدا بەل ئاغرىقى كۆپ كۆرۈلىدىغان كېسەللىك سەۋەبلىرىنىڭ بىرى، تاش بولۇش ئېغىر بولغاندا سۈيدۈك قان ئارىلاش كېلىش، سۈيدۈك دۇغلىشىشتەك ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، بۆرەكتە سۇ يىغىلىپ قېلىشمۇ بالىدا بەل ئاغرىقى ۋە بەل تومپىيىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. نىسبەتەن ئاز كۆرۈلىدىغان بۆرەك غەيرىيلىكى، بۆرەك تۇبېركۇليۇزى، بۆرەك ئۆسمىسى قاتارلىق كېسەللىكلەرمۇ ئوخشاشلا بالىدا بەل ئاغرىقىنى پەيدا قىلىدۇ.

 
ماتېرىيال سۈرەت

    بەزى  ئىممۇنىتېتلىق كېسەللىكلەر، مەسىلەن: رېماتوئىدلىق بوغۇم ياللۇغىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە بەل ئاغرىش ئالامىتى كۆرۈلىدۇ. ئېغىر راخت قاتارلىق سۆڭەك ماددا ئالمىشىش كېسىلىمۇ بالىلاردا بەل ئاغرىقى پەيدا قىلىدۇ. ئەگەر بالىنىڭ ئۆزىدە ئەسلىدىنلا غەيرى يېتىلىش، مەسىلەن: ئومۇرتقىسى يانغا ئېگىلىش قاتارلىق كېسەللىكلەر بولسىمۇ بالىدا دائىم بەل ئاغرىقى كۆرۈلىدۇ.

    ئومۇمەن، ئەگەر بالىدا قايتا-قايتا بەل ئاغرىقى كۆرۈلسە، ئاتا-ئانىلار چوقۇم يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ھەرگىز سەل قارىماسلىقى، نەچچە كۈن ئارام ئالسا ئوڭشىلىپ قالىدۇ، دېگەندەك بىپەرۋالىق پوزىتسىيەدە بولماسلىقى كېرەك. ئەگەر بالىنىڭ بېلى ئاغرىپ، تەرىتى قان ئارىلاش  ۋە ئاغرىتىپ كەلسە، تەرىتى چالا قالسا ۋە دۇغلىشىپ كەلسە، قىزىسا بۆرەك ۋە سۈيدۈك ئاجرىتىپ چىقىرىش يولىدا مەسىلە كۆرۈلۈش كېسەللىكلىرىدىن ھوشيار تۇرۇشى كېرەك. ئەگەر بەل ئاغرىقىغا قوشۇلۇپ بوغۇملارمۇ ئاغرىسا ئىممۇنىتېتقا مۇناسىۋەتلىك كېسەللىكلەردىن ھوشيار تۇرۇشى كېرەك، ئەگەر بالىدا قوۋۇرغىسى سىرتقا ئېغىش، باش سۆڭىكى چاسا شەكىلگە ئۆزگىرىپ قېلىش ئەھۋالى كۆرۈلسە راخىت كېسىلى قاتارلىق سۆڭەك ماددا ئالمىشىش كېسەللىكىدىن ھوشيار تۇرۇشى كېرەك، ئەگەر بالىنىڭ يول مېڭىش قىياپىتىدە ئۆزگىرىش بولسا تۇغما سۆڭەكنىڭ يېتىلىشى غەيرى بولۇش كېسەللىكىدىن ھوشيار تۇرۇشى كېرەك.

ماتېرىيال سۈرەت

    يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللار كۆرۈلسە ئاتا-ئانىلار چوقۇم بالىنى مۇنتىزىم دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ داۋالىتىشى، سۈيدۈك ۋە قاننى تەكشۈرتۈشى، زۆرۈر بولغاندا سايىلەندۈرۈپ تەكشۈرتۈشى ھەمدە كەسپىي دوختۇرنىڭ يېتەكچىلىكىدە  ئىلمىي داۋالىتىشى، ھەرگىزمۇ دىياگنوز ئېنىق بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا قارىغۇلارچە ئۇۋۇلىتىشتىن ساقلىنىشى كېرەك، بولمىسا كېسەللىك ئەھۋالىنى ئېغىرلاشتۇرۇپ، ئەڭ ياخشى داۋالاش ۋاقتنى كېچىكتۈرۈپ قويۇشى مۇمكىن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى