تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   خەلقئارا

ئاۋسترالىيە ئۈزۈم ھارىقى جۇڭگو ھاراق سودىگەرلىرىنى جەلپ قىلدى

4-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئاۋسترالىيەنىڭ ئادېلايدې شەھىرىدە كىشىلەر «ئىسپىرىت . جەنۇبىي ئاۋسترالىيە» ناملىق ئۈزۈم ھارىقى كەسىپلەر مۇنبىرىگە قاتناشتى.

    شىنخۇا تورى خەۋىرى: يۈزدىن ئارتۇق جۇڭگودىن كەلگەن ئۈزۈم ھارىقى سودىگىرى 4-ئاينىڭ 10-كۈنى ئادېلايدې شەھەر مەركىزىگە جايلاشقان ئاۋسترالىيە دۆلەت ئۈزۈم ھارىقى مەركىزىدە «ئىسپىرىت . جەنۇبىي ئاۋسترالىيە» نامىدىكى كەسىپلەر مۇنبىرىگە قاتنىشىپ، جۇڭگو-ئاۋسترالىيە ئىككى دۆلەتتىكى كەسپىي زاتلارنىڭ نوپۇزلۇق تەھلىلىنى ئاڭلىدى. ئاۋسترالىيەگە 4-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا كۈز پەسلى يېتىپ كېلىدۇ، جەنۇبىي ئاۋسترالىيەدىكى باروسسا تاغ جىلغىسى، ئادېلايدې تېغى، ماكلارېن جىلغىسى قاتارلىق بىرنەچچە ئاساسلىق ئۈزۈم ھارىقى ئىشلەپچىقىرىش رايونىدا ئۈزۈملەر ئۈزۈلۈپ بولدى، ھەرقايسى چوڭ ھاراق زاۋۇتلىرى 2018-يىللىق ھاراق ئېچىتىش مەزگىلىگە كىردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى