تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

لوپنۇر ناھىيەسىدە يەرلەر ئوبوروتلاشتۇرۇلدى، دېھقانلار بېيىدى

  مۇخبىرىمىز شيا چىڭ

  قانداق قىلغاندا چەكلىك تېرىلغۇ يەردىن تېخىمۇ ئۈنۈملۈك پايدىلانغىلى، دېھقانلارنى تېز بېيىتقىلى بولىدۇ؟ لوپنۇر ناھىيەسى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بازار يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ‹‹سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش›› نىشانىنى چۆرىدەپ، يەر ئوبوروتىنى زور كۈچ بىلەن تېزلەتتى، يەر باشقۇرۇشنى تارقاقلىقتىن كۆلەملىك مەركەزلەشتۈرۈشكە يۈزلەندۈرۈپ، ناھىيە پاختىچىلىقىنىڭ كۆجۈملىشىشى، كۆلەملىشىشى ۋە سىجىل تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈردى.

  دېھقانلارنىڭ مۇقىم كىرىمى بار بولدى

  گۈلباغ يېزىسىنىڭ باشمەھەللە كەنتىدىكى غۇپۇر تۇرسۇننىڭ ئۆيىگە كەلگىنىمدە، ئۇنىڭ ئىلگىرى خىمىيەلىك ئوغۇت، ئۇرۇقلۇق، يالتىراق دۆۋىلەپ قويىدىغان پارنىكى قۇپقۇرۇق بولۇپ، ئۇ بۇ پارنىكنى بۇزۇپ توخۇ كاتىكى سېلىشقا تەييارلىق قىلىۋاتاتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئائىلىمىزنىڭ كېۋەز تېرىلغۇ يېرىنى بۇلتۇر ئوبوروت قىلىۋەتتۇق، بۇ يىل ھويلامنى ياخشى رەتلەپ، ھويلا – ئاران ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرماقچىمەن.

  غۇپۇر تۇرسۇن ئىلگىرى 30 مو تېرىلغۇ يېرىنىڭ ھەممىسىگە كېۋەز تېرىيدىغان بولۇپ، بىر نەچچە يىل بۇرۇن بازار ئەھۋالى ۋە تەبىئىي ئاپەتلەر تۈپەيلىدىن زىيان تارتىپ، بانكىغا قەرز بولۇپ قېلىپ، دوست – بۇرادەرلىرىدىن قەرز ئېلىپ قايتۇرۇشقا مەجبۇر بولدى. بۇلتۇر ھاۋارايى ئوبدان بولغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ ھەر مو يەردىن ئالغان ھوسۇلى 300 كىلوگىرامغىمۇ يەتمەي، تەننەرخنى چىقىرىۋەتكەندە، پايدىسى ئانچە كۆپ بولمىدى.

  ناھىيە بۇلتۇر 9 – ئايدا كوللېكتىپ تېرىلغۇ يەرلىرىنى ئوبوروت قىلىش، ئېتىز قىرلىرىنى تۈزلەش نەق مەيدان يىغىنى ئاچتى. غۇپۇر تۇرسۇن بۇ يىغىنغا قاتنىشىپ، خۇش خەۋەرلەرنى ئاڭلاپ خۇشاللىقىدا ئولتۇرالماي قالدى. ئۇ تېرىلغۇ يەرلىرىنى ئوبوروت قىلىشنى قارار قىلدى. غۇپۇر تۇرسۇن بۇلتۇر 10 – ئايدا ھۆكۈمەتنىڭ يېتەكلىشى بىلەن شىنجاڭ لىخۇا پاختىچىلىق كەسپى پاي چەكلىك شىركىتى بىلەن 15 يىللىق يەر ئوبوروت توختامى ئىمزالىدى.

  تېرىلغۇ يېرىنى ئوبوروت قىلىش توغرىسىدا غۇپۇر تۇرسۇن مۇنداق دېدى: بىر مو يېرىمدىن يىلدا 700 يۈەن كىرىم قىلىدىكەنمەن، تېرىلغۇ يېرىمىزنى ھۆددىگە بەرسەك، ئائىلىمىزدىكى تۆت ئەمگەكچى ئازاد بولۇپ، يېرىمىزنى ھۆددە ئالغان كارخانىغا ئىشلەيدىكەنمىز ياكى باشقا ئىش قىلىدىكەنمىز، ھېسابلاپ كەلسەك، ئائىلىمىزنىڭ كىرىمى كۆپىيىدىكەن.

  لوپنۇر ناھىيەسىدىكى كۆپ قىسىم دېھقان ئائىلىلىرىدە نەچچە ياكى نەچچە ئون مو يەر بار ئىكەن، ئەنئەنىۋى كىچىك تېرىقچىلىق ئائىلىلىرى تېرىقچىلىق تەننەرخىنىڭ ئېشىشى بىلەن كۆپ كىرىم قىلالىشى تەس بولىدىكەن. لوپنۇر ناھىيەسى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، يېزا ئىگىلىك تەرەققىياتى ۋە دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى كۆپەيتىشتىكى مەسىلىلەرنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىش يوللىرى ئۈستىدە ئىزدەندى. بۇلتۇرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا يەر ئوبوروت خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكىدە كەسىپلەشكەن باشلامچى كارخانا شىنجاڭ لىخۇا پاختىچىلىق كەسپى پاي چەكلىك شىركىتىنى جەلپ قىلىپ، دېھقانلار بىلەن يەر ئوبوروت كېلىشىمى ئىمزالىتىپ، ئەنئەنىۋى تېرىقچىلىق ئەندىزىسىنى بۇزۇپ تاشلاپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ كۆلەملىشىش، زامانىۋىلىشىش تەرەققىياتىنى ئەمەلگە ئاشۇردى.

  شىنجاڭ لىخۇا پاختىچىلىق كەسپى پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ دىرېكتورى سۇي گوئېن مۇنداق دېدى: بىز ئەنئەنىۋى كىچىك دېھقان ئىقتىسادى ئەندىزىسىنى ماشىنىلاشقان، ئۆلچەملەشكەن، زامانىۋىلاشقان چوڭ يېزا ئىگىلىك تېرىقچىلىق ئەندىزىسىگە ئايلاندۇرساق، دېھقانلارنى يەردىن ئازاد قىلىپ، يەر ئوبوروتىدىن مۇقىم كىرىمگە ئىگە قىلالايمىز.لوپنۇر ناھىيەسىدە ھازىرغىچە شىڭپىڭ، تارىم، دۆڭقوتان، گۈلباغ قاتارلىق يېزىلاردا 3000دىن ئارتۇق دېھقاننىڭ 100 مىڭ موغا يېقىن تېرىلغۇ يېرى ئوبوروت قىلىندى.

  تېخىمۇ كۆپ دېھقان يەردىن ئازاد قىلىندى

  لوپنۇر ناھىيەسىدىكى خاۋيۈ توقۇمىچىلىق چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىدىكى ئېگىرىش ماشىنىسى ئالدىدا ماھىرە مەمەت پىشقان ماھارىتى بىلەن مەشغۇلات قىلىۋاتاتتى. تېخى نەچچە ئاي ئىلگىرىكى يېزا ئايالى ماھىرە مەمەتنىڭ سىستېمىلىق تەربىيەلىنىپ ئەمدىلىكتە لاياقەتلىك توقۇمىچىلىق ئىشچىسى بولۇپ يېتىشىپ چىقىشى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ. ئۇ مۇنداق دېدى: ھازىر ئېيىغا 2600 يۈەن مۇقىم ئىش ھەققى ئېلىۋاتىمەن، ئېرىممۇ زاۋۇتتا ئىشلەۋاتىدۇ، ئىككىيلەننىڭ ئايلىق ئىش ھەققى 5000 يۈەندىن ئاشىدۇ، ئالدىنقى ئايدا زاۋۇت مېنى ئىسمېنا باشلىقلىقىغا تەيىنلىدى، ئىش ھەققىم ئېيىغا يەنە 200 يۈەندىن كۆپەيدى.

  ماھىرە مەمەت ۋە ئۇنىڭ ئېرى مەمەت ئوسمان تارىم يېزىسىنىڭ قۇۋانكۆل كەنتىدىن بولۇپ، 20 مو كېۋەزلىك يېرىنى بىر نەچچە يىل بۇرۇن ھۆددىگە بېرىۋەتكەندىن بۇيان، ھۆددە پۇلىغا تايىنىپ تۇرمۇشىنى تەستە قامداپ كېلىۋاتاتتى. بۇلتۇر 10 – ئايدا شىنجاڭ لىخۇا پاختىچىلىق كەسپى پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ ھەر مو تېرىلغۇ يەرنى 700 يۈەندىن ئوبوروت قىلىدىغان خەۋىرىنى ئاڭلاپ، تېرىلغۇ يېرىنى قايتىدىن ئوبوروت قىلىش ئۈچۈن بىرىنچى بولۇپ تىزىملاتتى.

  بۇ قېتىمقى يەر ئوبوروتىنىڭ دېھقانلار ئۈچۈن كىرىمنى ئاشۇرۇپ بېيىش پۇرسىتى ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ يەتكەن مەمەت ئوسمان مۇخبىرغا مۇنداق ھېسابات قىلىپ بەردى: ھەر مو يەردىن 700 يۈەن ھۆددە پۇلى ئالالايدىكەنمىز، خوتۇنۇم بىلەن سىرتقا چىقىپ ئىشلەپ، بىر يىللىق ھۆددە پۇلىنى قوشقاندا يىلىغا 70 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلالايدىكەنمىز، كۈنلىرىمىز ياخشىلىنىدىغان بولدى.

  ھۆكۈمەت ئۇيۇشتۇرغان ھەقسىز تەربىيەلەش سىنىپىنىڭ ئوقۇش ۋاقتى توشقاندىن كېيىن بۇ بىر جۈپ ئەر – خوتۇن زامانىۋىلاشقان زاۋۇتقا ئىشقا چۈشۈپ، دېھقاندىن كەسپىي ئىشچىغا ئايلاندى. توقۇمىچىلىق زاۋۇتىدا ماھىرە مەمەت ۋە مەمەت ئوسماندەك ئەر – خوتۇنلار ناھايىتى كۆپ. دېھقانلارنى تەربىيەلەش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ جەمئىيەتتە كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىش رىقابەت كۈچى ئاشۇرۇلۇپ، يەر تېرىشتىن باشقا يوللار بىلەن كىرىم قىلىش ئىقتىدارى كۈچەيتىلىپ، تېرىلغۇ يەرگە بولغان بېقىندىلىقى ئازايتىلدى.

  خاۋيۈ توقۇمىچىلىق چەكلىك شىركىتىنىڭ دىرېكتورى مېڭ شياڭباۋ مۇنداق دېدى: بىز تېخى بۇلتۇرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدىلا خادىم قوبۇل قىلالماسلىقتىن ئەنسىرەپ يۈرەتتۇق، ھازىر بۇ قىيىن مەسىلە ھەل بولدى، زاۋۇتىمىز 2 – قارارلىق ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈشكە گەپ كەتمەيدىغان بولدى.

  بۇ ناھىيە بۇلتۇرنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ يەر ئوبوروتىنى ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن بىللە، باغچە رايونىغا بىر تۈركۈم كارخانىلارنى جەلپ قىلىش، ھەمراھ زاۋۇتلارغا بىر تۈركۈم كىشىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىگىلىك تىكلىگەنلەرنى يۆلەش ئارقىلىق بىر تۈركۈم كىشىنى يېتەكلەش ۋە ھويلا – ئاران ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتەك ئۈنۈملۈك تەدبىرلەر بىلەن دەل جايىدا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئۇزاق مۇددەت ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇردى. ناھىيە ھازىرغىچە 1064 يېزا ئارتۇق ئەمگەكچىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى.

  زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى باش كۆتۈردى

  ناھىيەلىك دېھقانچىلىق ئىدارىسىنىڭ باشلىقى جاڭ شياۋدۇڭ مۇنداق دېدى: ئىلگىرى بىر پارچە ئېتىزدا قىردىنلا نەچچە ئونى بولۇپ، يەر ئاغدۇرۇش، ھوسۇل يىغىشتا ماشىنىلار كىرەلمەيتتى، يەرلەر ئوبوروت قىلىنغاندىن كېيىن، كىچىك ئېتىزلار چوڭ ئېتىزلارغا قوشۇۋېتىلىپ، چوڭ ماشىنىلار ئېتىزلاردا ئەركىن مەشغۇلات قىلالايدىغان بولدى.ھازىر كىچىك ئېتىزلار ئازلاپ، مۇقىم ھوسۇللۇق ئېتىزلار كۆپەيدى. بۇ ئۆزگىرىشلەر لوپنۇر ناھىيەسىنىڭ يەر ئوبوروتىنى يولغا قويغانلىقىدىن بولدى. ئۈنۈمنىڭ ياخشى بولۇشى ئۇششاق، پارچە كىچىك ئېتىزلارنىڭ چوڭ ئېتىزلارغا قوشۇلۇشىدىنلا بولماستىن، تەرتىپكە سېلىنغاندىن كېيىنكى تېرىلغۇ يەرلەرنىڭ يېزا ئىگىلىك ئۇل ئەسلىھەلىرىنىڭ يۈرۈشلەشتۈرۈلۈشى كۈچەيتىلىپ، ماشىنىلىشىش سەۋىيەسىنىڭ ئۆستۈرۈلۈشى بىلەن بىللە، ھۆددىگەر كارخانىلارنىڭ تېرىلغۇ تەننەرخىنىڭ تۆۋەنلىشىدىنمۇ بولدى.

  سۇي گوئېن مۇنداق دېدى: ماشىنىلاشقان، كۆلەملەشكەن تېرىقچىلىقنىڭ ئىقتىسادىي ئۈنۈمى كىچىك تېرىقچىلىق ئائىلىلىرى ئۆزلىرى تېرىغاندىكىدىن كۆپ يۇقىرى بولۇپ، يەر ئوبوروتى دېھقانلار شۇنداقلا كارخانىلار ئۈچۈن ياخشى ئىش. بۇنىڭ بىلەن دېھقانلارنىڭ كىرىمى ئېشىپ، بېيىش سۈرئىتى تېزلىتىلدى، كارخانىلارنىڭ ئىش ئۈنۈمى ئاشتى. كېيىنكى قەدەمدە شىركىتىمىز سۈپەتلىك پاختىنى ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن بىللە، يەرلەرنى تۈزلەش ۋە سۇ يولى، توك قاتارلىق ئۇل ئەسلىھەلىرىنى يۈرۈشلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى تاماملىماقچى.

  ناھىيەدىكى كۆپ قىسىم دېھقان ئەزەلدىن كېۋەز تېرىقچىلىقى بىلەنلا شۇغۇللىنىپ كەلگەن بولۇپ، سورتى كۆپ، ئارىلاش ئىدى، تېرىش ۋاقتى بىرلىككە كەلمىگەچكە، سۇغىرىش دەۋرىيلىكى ئۇزاق ۋە سۇ ئىسراپچىلىقى ئېغىر ئىدى. كېسەل، زىيانداشلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەننەرخى يۇقىرى، ئۈنۈمى تۆۋەن بولۇشتەك ئامىللار كېۋەز بىرلىك ھوسۇلىنىڭ تۆۋەن بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانىدى. تېرىلغۇ يەرلەر ئوبوروت قىلىنغاندىن كېيىن، ھۆددىگەر كارخانىلار سورتنى، تېرىقچىلىق ئەندىزىسىنى، رېتسېپلاپ ئوغۇتلاش، تېخنىكىلىق باشقۇرۇش، سېتىۋېلىش ئۆلچىمىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ماشىنا بىلەن يىغىۋېلىنىدىغان كېۋەز تېرىقچىلىقىنى ئومۇملاشتۇرۇپ، بىر رايوندا بىر سورت بولۇش تېرىقچىلىق ئەندىزىسىنى يولغا قويدى.ھېسابلاشلارغا ئاساسلانغاندا، بۇ ناھىيە يەر ئوبوروتى ئارقىلىق يەرلەرنىڭ ئىشلىتىلىش ئۈنۈمىنى %8 ئاشۇرۇپ، ھەر مو يەرگە بېرىلىدىغان ئوغۇتنى 30 كىلوگىرام ئازايتىپ، ھەر مو يەردىن تېجەلگەن سۇنى 150 كۇب مېتىرغا يەتكۈزگەن.

  جاڭ شياۋدۇڭ مۇنداق دېدى: باشلامچى كارخانا شىنجاڭ لىخۇا پاختىچىلىق كەسپى پاي چەكلىك شىركىتى ناھىيەمىزگە ماكانلاشقاندىن بۇيان، يېزا ئىگىلىك ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىغا پۇرسەت ئېلىپ كەلدى. بۇ شىركەت ئۈچ يىلدا لوپنۇر ناھىيەسىدىكى 300 مىڭ مو كۆلەمدىكى ئاساسىي ئېتىزنىڭ ھەممىسىنى ئوبوروت قىلىشنى تاماملايدۇ، ناھىيەمىز يەر ئوبوروتىدىن تېخىمۇ كۆپ ئارتۇق ئەمگەكچىنى ئازاد قىلىپ، كەسپىي تېخنىكا بويىچە تەربىيەلەپ، ئۇلارنىڭ 2 –، 3 – كەسىپلەر بىلەن شۇغۇللىنىپ، كۆپ خىل يول بىلەن كىرىمىنى كۆپەيتىشىگە ئىلھام بېرىدۇ.

  ئاينۇر ئۆمەر تەرجىمىسى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى