تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   نەزەرىيە

يېزا–كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتە ئالدى بىلەن كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەش كېرەك

  چياۋ جىنلياڭ

  مەركەزنىڭ بۇ يىللىق 1 – نومۇرلۇق ھۆججىتىدە، ‹‹يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتە ئىختىساسلىقلارنى تىرەك قىلىشنى كۈچەيتىش›› ئايرىم شەرھلىنىپ، ئادەم كۈچى كاپىتالىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش تەكىتلەندى. مېنىڭچە، يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئادەم ئامىلىدىن ئايرىلالمايدۇ، شۇڭا ئىختىساسلىقلارنى توپلاپ ئۇلاردىن پايدىلىنىش كېرەك. ئومۇمىي جەھەتتىن ئېيتقاندا، ئېلىمىزدە ئاھالىلەر يەنىلا شەھەرگە مەركەزلىشىش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتىدۇ، يېزا – كەنتلەردىكى ئاھالىلەرنىڭ سىرتقا يۆتكىلىش ۋەزىيىتىنى ۋاقتىنچە ئۆزگەرتكىلى بولمايدۇ. يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشتا يېزا – كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەددىدىن ئارتۇق سىرتقا يۆتكىلىشىدىن ساقلىنىش كېرەك. يېزا – كەنتلەردىكى كەسىپلەرنى كىشىلەرنى قالدۇرۇپ قالالايدىغان قىلىش بىلەن بىللە، يېزا – كەنتلەردە كىشىلەرنى جەلپ قىلالايدىغان يېزا – كەنت مۇھىتى يارىتىش كېرەك.

  يېزا – كەنتلەرنىڭ تەرەققىيات تارىخىغا نەزەر تاشلىغىنىمىزدا، يېزا – كەنتلەرنىڭ ھەر قېتىملىق سەكرەپ ئىلگىرىلىشى كەسىپ تەرەققىياتىنىڭ كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملىشىدىن ئايرىلالمايدۇ. مەھسۇلاتقا بىرلەشتۈرۈپ ئائىلىلەرگە ھۆددە بېرىش ئىسلاھاتىمۇ، يېزا – بازار كارخانىلىرىنىڭ يېڭى ئېقىمىمۇ شۇنداق بولغان. شۇنىڭغا ئوخشاش، بىر قىسىم يېزا – كەنتلەرنىڭ قالاقلىقى ۋە چېكىنىپ كېتىشى، ئىختىساسلىقلارنىڭ ‹‹ئازلاپ كېتىشى ۋە ئاجىزلاپ كېتىشى››مۇ دەل شەھەرلەرنىڭ يېزا – كەنتلەردىكى ئىختىساسلىقلارنى ‹‹قوبۇل قىلىش تەسىرى››دىن بولغان. مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، شەھەر – بازارلاشتۇرۇش مۇساپىسى جەريانىدا، يېزا – كەنتلەردىكى ئارتۇق ئەمگەكچىلەرنىڭ يۆتكىلىشى قانۇنىيەت، خېلى كۆپ سانلىق كىشىلەرنىڭ يېزا – كەنتلەردە تۇرمۇش كەچۈرمەسلىكىمۇ رېئاللىق. ئەمما يېزا – كەنت ئاھالىلىرى ھەددىدىن ئارتۇق يۆتكەلگەندە، يۇقىرى ساپالىق ئەمگەكچىلەر داۋاملىق باشقا جايغا كېتىپ قېلىپ، يېزا – كەنتلەرنىڭ خارابلىشىشىدەك تەقدىردىن ساقلانغىلى بولمايدۇ.

  ئېلىمىزنىڭ يېزا – كەنت ئاھالىلىرى قۇرۇلمىسىدىن قارىغاندا، دېھقانلارنىڭ شەھەرلەرگە كىرىپ ئىشلەمچىلىك قىلىش سالمىقى خېلى زور، ئائىلىدە قېپقالغان ئەمگەكچىلەرنىڭ يېشى چوڭراق، مەدەنىيەت سەۋىيەسى خېلىلا تۆۋەن بولۇپ، كۆپىنچە ئەنئەنىۋى يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، ئەگەر دۆلەت پىلان ۋە سىياسەت جەھەتتىن ئارىلاشمايدىكەن، ھازىرقى يېزا – كەنت ئاھالىلىرى بىلەن يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش ھەقىقەتەن تەسكە توختايدۇ. بۇ قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن دۆلەت دېھقانلارنى كەسپىي جەھەتتىن تەربىيەلەشنىڭ يېڭى تۈرلىرى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، يېزا – كەنتلەرگە قايتىپ ئىگىلىك تىكلىگەنلەرنى قوللاش قاتارلىق نۇرغۇن سىياسەتنى يولغا قويدى. ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارماقلىرىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا قارىغاندا، يۇرتىغا قايتقان ھەر بىر ئىگىلىك تىكلىگۈچى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن تۆتتىن ئادەمنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولغان. ھازىر يېزا – كەنت ئاھالىلىرىنىڭ زور كۆلەمدە سىرتقا يۆتكىلىش ۋەزىيىتى پەسىيىۋاتىدۇ. بۇنىڭدىن مۆلچەرلەشكە بولىدۇكى، يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا ئەگىشىپ، ئاھالىلەرنىڭ يېزا – كەنتلەرگە قايتىشى ئومۇميۈزلۈك كۆرۈلىدۇ. كونكرېت قىلىپ ئېيتقاندا، يېزا – كەنتلەر كىشىلەرنى جەلپ قىلىشتا تۆۋەندىكى ئۈچ جەھەتتىن تىرىشىشى كېرەك:

  بىرىنچى، شەھەرگە كىرىش بىلەن يېزا – كەنتلەردە قېلىشنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك. ‹‹شەھەرلەر تۇرمۇشنى تېخىمۇ گۈزەل قىلار، يېزا – كەنتلەر شەھەرلىكلەرنى تەلپۈندۈرەر›› دېگەندەك، شەھەرگە كىرگەنلەر خاتىرجەم كىرەلەيدىغان، يېزا – كەنتلەردە قالغانلار خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلالايدىغان ۋەزىيەتنى يارىتىش كېرەك. سىياسەتنىڭ كۆزلىمە قىممىتىنى تۇراقلاشتۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىرادىسى بار ئىختىساسلىقلارنى جەلپ قىلىپ، شەھەرلەردىكى يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە ماددىي ۋە ئەقلىي كۈچ چىقارغۇسى بارلارنى يېزا – كەنتلەردە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشقا ئىلھاملاندۇرۇش، يۇرتى ئۈچۈن تۆھپە قوشقۇسى بار ھەر ساھە زاتلىرىغا يېزا – كەنت قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىش يوللىرىنى تېپىپ بېرىش، يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتە ھەر بىر كىشىنى ئۆز كارامىتىنى كۆرسىتىشكە ئىلھاملاندۇرۇش كېرەك.

  ئىككىنچى، يېزا ئىگىلىكىنى بىلىدىغان، يېزا – كەنتلەرنى ياخشى كۆرىدىغان، دېھقانلارنى ياخشى كۆرىدىغان يېزا – كەنت خىزمەت قوشۇنىنى يېتىشتۈرۈش كېرەك. يېزا – كەنتلەرنىڭ ئىشىنى ياخشى قىلىشتىكى مۇھىم ھالقا پارتىيە تەشكىلاتىدا، يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ياخشى پارتىيە ياچېيكىسى ۋە ياخشى باشلامچىدىن ئايرىلالمايدۇ. كىشى يېزا ئىگىلىكىنى بىلگەندە ئاندىن ئىشنىڭ ئېغىر – يېنىكىنى بىلەلەيدۇ، يېزا – كەنتلەرنى ياقتۇرغاندا ئاندىن ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇپ قالمايدۇ، دېھقانلارنى ياخشى كۆرگەندە ئاندىن ھەقىقىي رىشتە باغلىيالايدۇ، ‹‹بىرنى بىلىش، ئىككىنى ياخشى كۆرۈش›› يېڭى دەۋردىكى ‹‹يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار››خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كادىرلارغا قويۇلغان يېڭى تەلەپ. ‹‹بەش دەرىجىلىك شۇجى››لارنىڭ يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى تۇتۇشىدا، پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ بىرىنچى باشلىقلىرى يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتىكى بىرىنچى مەسئۇل كىشى ھېسابلىنىدۇ.

  ئۈچىنچى، پېشقەدەم دېھقان بىلەن ياش دېھقان ئائىلىلىرىنىڭ ئورنى ۋە رولىغا يۈكسەك دەرىجىدە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 40 يىلدىن بۇيانقى ئەمەلىيەت جۇڭگو يېزىلىرىدا يوشۇرۇن كۈچنىڭ، جۇڭگو دېھقانلىرىدا ئەقىل – پاراسەتنىڭ ئەزەلدىن كەم ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلىدى. يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش جەريانىدا تېخىمۇ كۆپ يېزىلىقلارغا تايىنىش كېرەك، مۇھىمى، پېشقەدەم دېھقانلار بىلەن ياش دېھقان ئائىلىلىرىگە سەل قاراشقا بولمايدۇ. دېھقانلارنىڭ ئۆز يۇرتىنى گۈللەندۈرۈش قىزغىنلىقى قوزغىتىلغاندىلا ئۇلارنىڭ كۈچى ئارقىلىق يەر – جاھاننى ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ. شۇڭا يەرنى ئوبوروت قىلىش، مۇۋاپىق كۆلەمدە ئىگىلىك باشقۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش بولسۇن، ياكى كەسىپلەرنى يۇغۇرۇش ۋە يېزىلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان يېڭى كەسىپ ھالىتى بولسۇن، ھەممىدە يۈز مىليونلىغان ياش دېھقان ئائىلىلىرىنىڭ ئاكتىپلىقىنى نەزەرگە ئېلىش كېرەك.

  دەۋر قەھرىمانلارنى چاقىرىدۇ، گۈللەندۈرۈش ئىختىساسلىقلارغا موھتاج. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جايلار ئوخشىمىغان دەرىجىدە يېزا – كەنتلەر قۇرۇلۇشىنى قانات يايدۇردى، ھەم ھۆكۈمەت يېتەكچىلىك قىلىشمۇ، ھەم ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار قاتناشقان ۋە بازار كاپىتالى ئارقىلىق يۈرۈشتۈرۈشمۇ بولدى. تەپسىلىي كۆزەتسەك شۇنى كۆرۈۋالالايمىزكى، دېھقانلار قاتناشمىغان يېزا – كەنت قۇرۇلۇشى ھەرىكىتىنىڭ ھاياتىي كۈچى بولمايدۇ. يېزا – كەنتلەرنىڭ يادروسى ئادەم، يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشمۇ ئادەم ئۈچۈن. مەنپەئەتتىن بەھرىمەن بولۇشتا دېھقانلارنى نەزەردىن ساقىت قىلىدىغان يېزا – كەنت قۇرۇلۇشى ھەرىكىتىنىڭ داغدۇغىسى ۋە ئەھمىيىتى زور بولمايدۇ. شۇڭا ئادەم كۈچى كاپىتالى ھاياتىي كۈچىنىڭ تولۇق قوزغىتىلغان – قوزغىتىلمىغانلىقى، دېھقانلارنىڭ ئاكتىپ قاتناشقان – قاتناشمىغانلىقى ۋە شۇنىڭدىن قانچىلىك پايدا ئالغانلىقى يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغان – بولمىغانلىقىغا ھۆكۈم قىلىشنىڭ بىر مىزانى ھېسابلىنىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى