ئامېرىكا ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ 4-ئاينىڭ 17-كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بېك ئاپتوموبىل شىركىتى يېقىندا بېكنىڭ Enspire تىپلىق SUV توكلۇق ئۇقۇم ئاپتوموبىلىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، بېك ئاپتوموبىل شىركىتى بۇ ئاپتوموبىلنى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى ئېچىلىدىغان بېيجىڭ ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسىدە كۆرگەزمە قىلىدىكەن.
ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ جەھەتتە، بۇ ئاپتوموبىلغا يېڭى بىر ئەۋلاد بۆلەكلەشتۈرۈلگەن يۇقىرى ئىقتىدارلىق ساپ توكلۇق ھەرىكەتلەندۈرگۈچ سىستېمىسى سەپلەنگەن بولۇپ، بۇ ساپ توكلۇق ھەرىكەتلەندۈرگۈچ سىستېمىنىڭ ئەڭ چوڭ قۇۋۋەت كۈچى 410kw قا يېتىدىكەن.