تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئوتۇنكۇزىدىكى 2 مىليون تۈپ كۈركۈم گۈلى «گۈل پەسلى»دە ھۈپپىدە ئېچىلدى

كىشىلەر قويۇق ئېچىلغان كۈركۈم گۈللىرىنى سۈرەتكە تارتماقتا.

   پىراكتىكانت مۇخبىرىمىز سۇن فاڭفېي خەۋىرى، فوتوسى: ئۈرۈمچىنىڭ شەھەر ئەتراپى رايونلىرىدا گۈل دېڭىزى سەيلىسى قىلغۇڭىز بارمۇ؟ ئۇنداق بولسا تېزدىن ئوتۇنكوزىدىكى چېڭگىداخۇ كۆلى بويىغا كېلىڭ، بۇ جايدىكى رەڭگارەك كۈركۈم گۈللىرى ئىچىدە سىز چوقۇم ئۆز خالىغىنىڭىزنى تاپالايسىز.

    4-ئاينىڭ 18-كۈنى چېڭگىداخۇ كۆلىدىكى يول بويىدا سۆگەتلەر يېڭى ياش يوپۇرماقلارنى چىقىرىپ ياشىرىپ تۇرغان بولۇپ، باغچىدىكى 160 خىل 2 مىليون تۈپتىن ئارتۇق كۈركۈم گۈللىرى ھۈپپىدە ئېچىلىپ، سەرخىل گۈللەر كىشىلەرنىڭ كۆزىنى قاماشتۇراتتى. گۈل سەيلىسى قىلغىلى كەلگەنلەر باھاردىكى بۇ گۈزەل مەنزىرىدىن تىنماي خاتىرە قالدۇردى.

  ئۈرۈمچىدىن كەلگەن شەھەر ئاھالىسى ئۆزىنى ئۆزى سۈرەتكە تارتقاچ مۇنداق دېدى: مەن ھەر يىلى كۈركۈم گۈللىرىنى كۆرگىل كېلىمەن، بۇ يىل گۈللەر تېخىمۇ چىرايلىق ئېچىلىپتۇ. بۇ يىل چېڭگىداخۇ كۆلىگە گۈل كۆرگىلى كەلگەنلەردىن ھەق ئېلىنمايدىغان بوپتۇ، ئاڭلاشلارغا قارىغاندا ئاۋۋالقى يىللارغا سېلىشتۇرغاندا بۇ گۈللۈكتە يەنە نەچچە ئون مىڭ تۈپ گۈل ئاۋۇپتۇ، بۇ جايغا كەلسەك كەتكۈمىز كەلمەيلا قالىدۇ، بەزىدە كېپىنەك بولۇپ گۈللەرنىڭ ئۈستىگە قونۇپ، گۈزەل تەبىئەتتىن قانغۇچە ھۇزۇر ئالسام دەپ ئويلايمەن.

  ئوتۇنكوزا شەھەرلىك ھۆكۈمەت پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى كاڭ فېڭ مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئوتۇنكوزىدا پۈتۈن رايونلۇق ساياھەت شەھىرى كۈچەپ بەرپا قىلىندى، مەدەنىي، تەرتىپلىك، بىخەتەر، قولاي ساياھەت مۇھىتى نىشان قىلىنىپ، ساياھەت مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشى كۈچەيتىلدى، شەھەر ئىقتىدارى ياخشىلىنىپ، شەھەر مۇھىتى گۈزەللەشتۈرۈلۈپ، شەھەر قىياپىتى زور كۈچ بىلەن ئۆزگەرتىلدى. شۇنىڭدەك، شەھەر رايونىدىكى يەتتە شەھەر ئايلانما پىيادىلەر يولىغا سۇلياۋ ياتقۇزۇلدى، 22 مىليون 840 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ، پەي توپ مەيدانى، تىكتاك توپ مەيدانى قاتارلىق مەيدانلارنىڭ قۇرۇلۇشى تاماملاندى.

  ئوتۇنكوزا شەھىرىنىڭ تەسىر دائىرىسى ۋە تونۇلۇش دائىرىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ساياھەتچىلەرنى ئوتۇنكوزىغا كېلىپ ئارام كۈنلىرىنى كۆڭۈللۈك ئۆتكۈزۈشكە جەلپ قىلىش ئۈچۈن، چېڭگىداخۇ كۆلى سەيلىگاھى ھەقسىز سىرتقا ئېچىۋېتىلدى. شەھەر ئاھالىلىرى كۈركۈم گۈللىرىنى سەيلە قىلغاندىن سىرت، ئاتلىق ماھارەت كۆرسىتىش ئويۇنلىرىنى كۆرۈپ، كەترەن گۈلى بازىسى، جياڭجۈن خاتىرە سارىيى، شۇنىڭدەك 103-تۈەن سۇمرۇغ قۇملۇق ئېكولوگىيەلىك سەيلىگاھىدا سەيلە-ساياھەت قىلالايدۇ.

  سەيلىگاھ ئىچىدە ساياھەتچىلەرنىڭ تاماق يەيدىغان، ئوينايدىغان قاتارلىق جايلارنى تېپىشىغا قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن، كۈركۈم گۈلى سەيلىگاھىدا ساياھەت كۆرسەتكۈچى ھەقسىز تارقىتىلىدۇ. ساياھەت كۆرسەتكۈچىدە سەيلىگاھ ئىچىدىكى بىخەتەرلىك جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش نۇقتىسى ۋە داۋالاش قۇتقۇزۇش نۇقتىسى ئېنىق كۆرسىتىلگەن. شۇنىڭدەك، گۈل سەيلىسى قىلىشىنىڭ بېسىق مەزگىلىدىكى قاتناش قىستاڭچىلىقىنى پەسەيتىش ئۈچۈن، سەيلىگاھقا كىرىدىغان ۋە چىقىدىغان قاتناش لىنىيەسى ئېنىق ئىزاھلانغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى