شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى: يېقىندا بىر كۆمۈر قاچىلانغان يۈك پويىزى شەرقى جۇڭغار شىمالىي ۋوگزالىدىن گەنسۇ ئۆلكىسى لۈيخۇا ۋوگزالىغا قاراپ يولغا چىققان بولۇپ، بۇ شىنجاڭ تۆمۈر يولى يولغا قويغان شىنجاڭدىن «خېشى» كارىدورىغا قاتنايدىغان تۇنجى ئايلانما كۆمۈر توشۇش نۆۋەتچى پويىزى ھېسابلىنىدۇ.
ئىگىلىنىشىچە، شىنجاڭ تۆمۈر يولى بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ كۆمۈر تىرانسپورت بازىرىنى زورايتىش ۋە كۈچەيتىش ئاساسىدا، شىنجاڭنىڭ كۆمۈرىنى گەنسۇ ئۆلكىسى، چۇڭچىڭ شەھىرى، يۈننەن ئۆلكىسى، گۈيلىن ئۆلكىسى قاتارلىق ئۆلكە، رايون، شەھەرلەرگە پائال كېڭەيتىپ، ئېلىمىزنىڭ غەربىي شىمال، غەربىي جەنۇبىدىكى ئىچكىرى ئۆلكە بازىرىنىڭ رايون خاراكتېرلىك ئېھتىياجىنى قامدايدىكەن.
ئۇنىڭدىن باشقا، شىنجاڭ تۆمۈر يولى شىنجاڭدىن «خېشى» كارىدورىغا قاتنايدىغان تۇنجى ئايلانما كۆمۈر توشۇش نۆۋەتچى پويىزىنى يولغا قويۇش ئاساسىدا، يۈك پويىزلىرىنى كېڭەيتىش تەجرىبىلىرىنى ۋاقتىدا يەكۈنلەپ، غەربىي جەنۇب رايونلىرىدىكى كۆمۈر تىرانسپورت بازىرىنى كېڭەيتىشكە تىرىشىپ، شىنجاڭنىڭ كۆمۈرىنى سىرتقا توشۇش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭ تۆمۈر يولىنىڭ يىللىق تىجارەت نىشانىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئورۇندىلىشىغا كاپالەتلىك قىلغان.