تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

قوبۇقسار ناھىيەسىدىكى كادىرلار ۋە ئامما بىرلىكتە دوستلۇق كۆچىتى تىكىپ، ئىتتىپاقلىق مېۋىلىرىنى يېتىشتۈردى

  ئىختىيارى مۇخبىرىمىز دۈەن سەيفېڭ، ياڭ جۈنيىڭ خەۋىرى، فوتوسى: 4-ئاينىڭ 11-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن قوبۇقسار ناھىيەلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسىنىڭ قۇياش نۇرى مەھەللە كومىتېتىدا تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى پارتكومىنىڭ كادىر ۋە ئىشچى-خىزمەتچىلىرى، تەۋەلىكتىكى پارتىيە ئەزالىرى، قوشماقلاشقان تۇغقانلار بولۇپ 60 نەچچە كىشى بىلەن بىرلىكتە باھار يامغۇرىنى كۈتۈۋېلىپ، «بىرلىكتە دوستلۇق كۆچىتى تىكىش، بىرلىكتە ئىتتىپاقلىق مېۋىسى يېتىشتۈرۈش» پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئەمەلىيىتىدە كۆرسەتتى.

  كادىرلار بىلەن ئامما قۇياش نۇرى ئولتۇراق رايونىغا كېلىپ مېۋە كۆچىتى تىكتى، كۆپچىلىك ئىشنى ئېنىق تەقسىملەپ، زىچ ماسلىشىپ، تولۇپ-تاشقان غەيرەت بىلەن ئىشلىدى. بىرى كۆچەتنى تۇتۇپ بەرسە، يەنە بىرى ئوغۇتلاپ، كۆمۈپ، بىرلىكتە چىڭدىدى، ئۈچ سائەت جاپالىق تەر تۆكۈش ئارقىلىق 600 تۈپتىن ئارتۇق ئالما كۆچىتى قۇياش نۇرى ئولتۇراق رايونىغا تىكىلدى، كۆپچىلىك كۆچەتلەرگە قاراپ ھەم خۇشال بولدى، ھەم رازى بولدى.

  بۇ قېتىملىق پائالىيەتكە قاتناشقان پارتىيە ئەزاسى ئان ئانمىربات خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: «بۈگۈن كۆپچىلىكنىڭ تەر تۆكۈپ كۆڭۈل قويۇپ تىككىنى ئالما كۆچىتىلا ئەمەس، قەلبىمىزگىمۇ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ بىر تال ئۇرۇقى سېلىندى، بۇنىڭدىن كېيىن كۆڭۈل قويۇپ يېتىشتۈرۈپ، ئىجتىھات بىلەن پەرۋىش قىلساق، كەلگۈسىدە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈللىرىنىڭ پورەكلەپ ئېچىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز».

  بۇ قېتىملىق پائالىيەتنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق مەھەللە كومىتېتى خىزمەتچىلىرى بىلەن ئاممىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىش كەيپىياتى تېخىمۇ چوڭقۇرلىشىپ، ھەر مىللەت كادىر ۋە ئامما ئارىسىدىكى ئالاقە ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ئىناق، مۇقىم، مەدەنىي، سېھرىي كۈچكە تولغان مەھەللە قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن ئاساس سېلىندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى